ئۇيغۇر دىيارىدىكى «ساقچى دۆلىتى» ۋە ئۇنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلىرى

0:00 / 0:00

ئۆتكەن يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىسمى-جىسمىغا لايىق بىر «ساقچى دۆلىتى» بولۇپ قالغانلىقى غەرب دۇنياسىدىكى تاراتقۇلاردا قىزىق نۇقتىلارنىڭ بىرى بولۇپ كەلدى. ھالبۇكى، بۇنىڭدىكى نېگىزلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ ئامىللار يەنىلا كىشىلەرنىڭ نەزەر-ئېتىبارىدىن چەتتە قېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئاڭلارمەنلەر دىققىتىگە سۇندى.

نۆۋەتتە غەرب دۇنياسىدىكى ئاخبارات ساھەسىدە قىزىق نۇقتا بولۇۋاتقان بىر ھادىسە مەۋجۇت. ئۇ بولسىمۇ پۈتۈن دۇنيا 21-ئەسىردىكى ئەڭ يېڭى پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۆز پۇقرالىرىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە خىتايدا بۇ خىلدىكى يۇقىرى پەن-تېخنىكا ۋاسىتىلىرىنىڭ پۇقرالارنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىشقا تەتبىقلىنىشىدۇر. گېرمانىيەدىكى «ياۋروپا مەدەنىيىتى ۋە ئىلاھىيەت ئىنستىتۇتى» نىڭ ئوقۇتقۇچىسى، دوكتور ئادريان زېنزنىڭ بۈگۈن ئېلان قىلىنغان ماقالىسىدە دەل ئەنە شۇ مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنغان.

ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2000-يىللىرى ھەرقايسى ئەللەردىكى مۇتەخەسسىسلەر خىتايدىكى ساقچىلار بىلەن پۇقرالارنىڭ سان جەھەتتىكى نىسبىتىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، «خىتايدا ھەرگىزمۇ ساقچىلارنىڭ سانى ئېھتىياجدىن ئېشىپ كېتىدىغان ئەھۋال بولمايدۇ،» دەپ يەكۈن چىقارغان. ئۇيغۇر دىيارى بىلەن بىرقەدەر تونۇشلۇقى بولغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى، ئىسرائىلىيەدىكى ھايفا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئىساك شىخورمۇ 2004-يىلى «ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئامانلىق كۈچلىرى سان ياكى سۈپەت جەھەتتە مەزكۇر رايوندىكى جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئېھتىياجىنى قامداشتىن يىراق» دەپ ئوتتۇرىغا قويغان.

دەرۋەقە، 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى رەھبەرلىك گۇرۇھى مۇنداق بىر ئەھۋالنى بايقىغان: رايون تەۋەسىدىكى ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىنىڭ تاشقى چېگرالىرىنى ساقلاۋاتقان خىتاي قوراللىق قىسىملىرى رايون تەۋەسىدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى تېزدىن باستۇرۇشقا قادىر بولالىسىمۇ، ئۇلار ھېچقاچان بۇ خىل قارشىلىقلارنى يۈز بېرىشتىن بۇرۇن بايقاپ بولالايدىغان ئولتۇراق رايون ساقچىلىرىنىڭ رولىنى ئوينىيالمىغان. بۇنىڭ بىلەن 2016-يىلى «تىبەتتىكى ھەممە جىنايەتچىلەرنى ساقچى قىلىۋەتكەن» چېن چۇەنگو ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ كېلىنگەن. ئۇ بولسا ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپلا يۈز مىڭلاپ ياردەمچى ساقچى قوبۇل قىلغان.

نەتىجىدە 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە ئۇيغۇر دىيارى يەر شارىدىكى ساقچىلارنىڭ نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى رايونغا ئايلىنىپ قالغان. ماقالە ئاپتورىنىڭ سانلىق مەلۇماتلار ئاساسىدا چىقارغان يەكۈنىگە قارىغاندا، ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەر يۈز پۇقراغا توغرا كېلىدىغان ساقچىلارنىڭ سانى1989-يىلى سابىق شەرقىي گېرمانىيە جۇمھۇرىيىتى يوقىلىش ھارپىسىدىكى رېكوردتىنمۇ ئېشىپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇر دىيارىدا دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىنقى سەۋىيەسىدىكى يۇقىرى پەن-تېخنىكا ۋاسىتىلىرىنى ئاساس قىلغان نازارەت سىستېمىسى بەرپا قىلىنغان. بۇ جەھەتتە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ سەۋىيەسى خىتاينىڭ ئەڭ تەرەققىي قىلغان، دەپ قارىلىدىغان شەرقتىكى دېڭىز بويىغا جايلاشقان ئۆلكىلىرىدىن نەچچە ھەسسە ئېشىپ كەتكەن.

دوكتور ئادريان زېنز ئۇيغۇر دىيارىدا ئوتتۇرىغا چىققان بۇ پەۋقۇلئاددە ئەھۋالنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختالغاندا بۇنىڭدا ئىككى سەۋەبنىڭ مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھاكىمىيەت چۈشەنچىسىدىكى ھەممىلا نەرسىنى ئۆز كونتروللۇقىدا تۇتۇش خاھىشى مۇھىم رول ئوينىغان. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «خىتايلار ئومۇمەن ھەممىلا نەرسىنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. بىز سىنگاپورغا قاراپ باقايلى: سىنگاپور تىپىك خىتاي مەدەنىيىتىنى ئاساس قىلغان بىر دۆلەت، ئۇ جايدا ئۇلار ھەممىلا نەرسىنى ناھايىتى مۇكەممەل رەۋىشتە كونترول قىلغان. ئەمدى خىتايغا قاراپ باقايلى: دەرۋەقە، خىتاي ناھايىتى چوڭ، باشنى ئاغرىتىدىغان مەسىلىلەرمۇ كۆپ بىر دۆلەت. ئەمما بۇ جايدىكى خىتاي مەدەنىيىتىدە ‹ھەممىلا نەرسىنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ ھەمدە كونترول قىلىش زۆرۈر› دەپ قارىلىدۇ. شۇ سەۋەبتىنمۇ نۆۋەتتە ئۇلار كونترول قىلغانسېرى تېخىمۇ بەك كونترول قىلغۇسى كېلىدىغان، ھەممىلا قاتلامنى نازارەت قىلىدىغان، بۇنىڭغا پۇل ۋە پەن-تېخنىكا دېگەننى بولۇشىچە سەرپ قىلىدىغان بىر خاھىشقا مەپتۇن بولۇپ كېتىۋاتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ھازىر شىنجاڭغا قارايدىغان بولساق، 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە بۇ جايدا تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنىپ بولدى. ئەمما بۇ تەدبىرلەر ئۆز ۋاقتىدا خوتەندە يۈز بەرگەن ئۈچ قېتىملىق پالتا-پىچاق ھۇجۇملىرىنى توسۇپ قالالمىغان. شۇنچە قاتتىق كونتروللۇق مېخانىزملىرىنى ئورنىتىپ بولغان خىتاي ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن بۇ ھۇجۇملارنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا قادىر بولالمىدى؟ چۈنكى بۇ ھۇجۇملار پىلانلىق تەشكىللەنگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرى ئەمەس ئىدى. ئەگەر شۇنداق بولغان بولسا پايلاقچىلىق ۋە تەكشۈرۈش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ نېمىلەرنى تەشكىللەۋاتقانلىقى ھەمدە نېمىلەرنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئالدىن بايقىۋالغان بولاتتى. ئەمما ھازىر ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقانلىقى پەقەت سەۋدايىلارچە خەلققە زۇلۇم سېلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئېرىشىۋاتقانلىرىمۇ دەرۋەقە شۇنىڭغا مۇناسىپ قايتۇرما جاۋاب بولۇۋاتىدۇ.»

ئەمما دوكتور ئادرىياننىڭ قارىشىچە، بۇ خىلدىكى «بۆشۈكتىكى بالىغىچە» ھەممىنى نازارەت قىلىش ئۇسۇلى داۋاملىق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇۋەرمەيدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ خىلدىكى چېكىدىن ئاشقان كونتروللۇق خاھىشى ھەرقاچان تەتۈر ئاقىۋەتكە سەۋەب بولىدىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا مۇنداق دېدى: «روشەنكى، بۇنىڭدا ئۇلار بارغانسېرى خەلقنى ئۆزلىرىگە دۈشمەن قىلىۋاتىدۇ. ئەڭ نورمال پۇقرالارغىچە دۈشمەنگە ئايلاندۇرۇلۇۋاتىدۇ. ھېچقاچان ئاشقۇنلۇققا گىرىپتار بولمىغان خەلق ھازىر بارغانسېرى ئاشقۇنلۇققا ئېغىپ كېتىۋاتىدۇ. بۇ بولسا دەل ئاشۇ خىل زىيادە قاتتىق كونتروللۇقنىڭ نەتىجىسىدۇر. بۇنى (ھەر ۋاقىت پارتلاپ كېتىشى مۇمكىن بولغان) پورۇخ ساندۇقى ياكى بومبا دېيىشكە بولىدۇ. ھازىر زور كۆلەملىك كوللېكتىپ كۆتۈرۈلۈشنى دېمەي تۇرايلى، پەقەت ئايرىم شەخسلەرنىڭ قارشىلىقىنى دېگەندىمۇ، بۇنداق ھادىسىلەر ھەرقاچان، ھەر يەردە كۆرۈلۈشى تامامەن مۇمكىن. ئەمدى بۇلار ئۇنچە كۆپمۇ يۈز بەرمىسە كېرەك. چۈنكى ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ زور كۆلەملىك بىرەر قوزغىلاڭنى تەشكىللەش ئىمكانىيىتى يوق. يەنە كېلىپ ئۇلاردا ھەقىقىي مەنىدىكى قورال-ياراقمۇ مەۋجۇت ئەمەس. ۋۇجۇدقا چىققانلىرى ئاشۇ خىلدىكى كەركە ياكى پالتا بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈشتۇر. ئۇ قېتىمقى ۋەقەدىمۇ بىر ئائىلىدىن بىرنەچچە كىشى ئۆلۈپ كەتتى. شۇ قېتىم ھۇجۇم قوزغىغان كىشى، يەنى ئاتا بولغۇچى ئۆلۈپ كەتتى، ئەمما ئۇنىڭ جەمەتىدىكىلەردىن تۇتىدىغاننى تۇتۇپ تۈرمىگە تاشلاپ تۈگەتتى.»

ئادريان زېنز ماقالىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى «ساقچى دۆلىتى» ئارقىلىق قاتتىق كونتروللۇقنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولۇشىدىكى تېخىمۇ مۇھىم سەۋەبنىڭ نۆۋەتتە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ باش بولۇپ ئىجرا قىلىۋاتقان «بىر بەلۋاغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىدە ئىنتايىن مۇھىم سالماقنى ئىگىلەۋاتقان بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇش-بولماسلىقىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەزىيەتنىڭ مۇقىم بولۇش-بولماسلىقى ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور شان روبېرتسمۇ بۇ جەھەتتە ئادريان زېنزغا ئوخشاپ كېتىدىغان قاراشتا. ئۇنىڭ پىكرىچە، ئىزچىل تۈردە «مەسىلىلەر بەكمۇ ئېغىر» دەپ قارىلىۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا بېيجىڭدىكى خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئەسلا «ساۋاقلارنى يەكۈنلەش» دېگەننى ئويلىشىپ باقمىغان. چۈنكى ئۇلار «بىر بەلۋاغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ جان تومۇرى بولغان ئۇيغۇر دىيارىدا بىرەر كۈتۈلمىگەن مالىمانچىلىق چىقىشىنى زىنھار خالىمايدۇ. بۇ جەھەتتىكى سۆھبىتىمىز جەريانىدا پروفېسسور شان روبېرتس مۇنداق دېدى: «شۇنداق، بۇنى كېسىپ بىرنەرسە دېيىشكە بولمىسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيەتتە ئىزچىل تۈردە تاشقى كۈچلەرنى شىنجاڭ رايونىدىكى مىللەتلەر توقۇنۇشى ۋە زورلۇق ھەرىكەتلىرىگە باغلاپ ئەيىبلەپ كېلىۋاتقانلىقى بىر ھەقىقەت. بۇ توغرىلىق گەپنى قىسقىراق قىلىپ ئېيتساق، بۇ ھال ئۆز نۆۋىتىدە خىتاينىڭ سىياسەت بەلگىلەش ساھەسىدە روشەن دەرىجىدە ئۆز ئەكسىنى تېپىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ ھال مەزكۇر رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى ياخشىلاشتا ئىجابىي رول ئوينىدىمۇ يوق دېگەنگە كەلسەك، بۇنىڭغا راستىنىلا بىرنەرسە دېيىش قىيىن. ئەگەر ئۇلار ھەقىقەتەنمۇ بۇ رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى ياخشىلاشقا زېھىن قويغان بولسا بۇنىڭدا ئۇلار ناھايىتىمۇ ئاددىي بولغان مۇنداق بىر قائىدىگە رىئايە قىلغان بولاتتى: بۇنىڭدا ئۆتمۈشكە نەزەر سالغان ھامان ئۆتكەن زامانلاردا يولغا قويۇلغان تەدبىرلەردە قانداق كەمچىلىكلەر ياكى نۇقسانلارنىڭ بارلىقى مانا مەن، دەپلا ئاشكارا بولىدۇ. شۇنىڭغا قاراپلا بۇنىڭدىن كېيىن ماڭىدىغان يولنى توغرىلىۋالسا ئىش تامام ۋەسسالام بولىدۇ. مانا بۇلار ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ئىدى. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر مەزكۇر رايوننى تەرەققىي قىلدۇرۇش نامىدا بىز كۆرگەن ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈۋاتىدۇ. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىجرا قىلىۋاتقان ‹بىر بەلۋاغ، بىر يول› قۇرۇلۇشى ئۈچۈن مەزكۇر رايوننىڭ تىنچلىقى بەكمۇ مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.»

پروفېسسور شان روبېرتسىنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتىكى ئومۇمى ۋەزىيەت ئۇيغۇر دىيارىدا ئىجرا بولۇۋاتقان بىر قاتار تەدبىر ۋە چارىلارنىڭ داۋام ئېتىشىدىن دېرەك بېرىدىغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇلارنى ئۆزگەرتىشىدىن ئۈمىد كۈتۈش بىھۇدە ئاۋارىچىلىك ئىكەن. گەرچە بۇنىڭ سەلبىي ئاقىۋىتى بېيجىڭدىكى مەركىزىي ھۆكۈمەتكە ئايان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتە بىرەر ئۈنۈملۈك چارە ئېلىشى ئېھتىمالدىن يىراق ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «چۈنكى بۇ سىياسەت شى جىنپىڭ ھوقۇقنى قولغا ئالغاندىن بۇيانقى ‹ئۇتۇق› لارنىڭ ئەڭ چوڭى بولغاچقا شىنجاڭ رايونى نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى شىنجاڭ چېگراسىنىڭ غەربى ۋە غەربىي جەنۇبىغا كېڭەيتىشىدىكى ئاساسلىق سۇپا بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. شۇڭا بۇنىڭ قايسى دەرىجىدە مۇھىملىقىغا ئارتۇق گەپ ھاجەتسىز. ئەمما بۇ مەسىلىنى يەنە باشقا يۆنىلىشتىمۇ ئويلىنىپ كۆرۈشكە بولىدۇ. بۇ جەھەتتە مەن ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ بېيجىڭ ھۆكۈمىتىگە سۇنغان تەكلىپلىرىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتۈشنى مۇۋاپىق دەپ قارايمەن. ھالبۇكى، ئۇ كىشى خىتاي ھۆكۈمىتىگە شۇنچە پايدىلىق تەكلىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن مۇكاپاتلىنىشنىڭ ئورنىغا ‹شىنجاڭدىكى بۆلگۈنچىلىككە ھەمدەمدە بولغان› دەپ ئەيىبلىنىپ تۈرمىگە تاشلاندى. بۇ ھال ئۆز نۆۋىتىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى مىللىي زىددىيەت ۋە زورلۇق خاراكتېردىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرى دېگەندەك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئاشكارا سۆھبەت قۇرۇشقا ئىجازەت بەرمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ ھازىر بۇ مەسىلىلەرنى ئىجابىي يوسۇندا ھەل قىلالايدىغان بىرەر چارىنى تېپىشقىمۇ قىزىقمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.»

تۈرلۈك ئۇچۇر مەنبەلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى قاتتىق كونتروللۇقنىڭ ھازىر تېخىمۇ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇشۇ سەۋەبتىن مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىلدىكى قاتتىق كونتروللۇقنىڭ قۇربانى سۈپىتىدە «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نامىدىكى شەكلى ئۆزگەرگەن تۈرمىلەرگە سولۇنۇۋاتقانلىقى ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ ئەندىشىگە سالماقتا.