خىتاي ج خ تارماقلىرى 1 -ئاپرېل كۈنى ئېلان قىلغان ئىنقىلابىي قۇربانلار تىزىملىكىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تىزىملىكتىكى ئۇيغۇر رايونىغا تەۋە 33 نەپەر ساقچىنىڭ 17 نەپىرى يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلگەن. بۇ ئەھۋال مۇنداق ئىككى نۇقتىدىن ئۇيغۇر سىياسىي كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى: بىرىنچى، باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىدە رول ئېلىش ساقچىلارنى ۋىجدان ئازابىغا مۇپتىلا قىلغان بولۇشى مۇمكىنمۇ؟ ئىككىنچى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۈلگە تىكلەش-قەھرىمان يارىتىش ئېھتىياجى ئادەتتىكى ئىشلارنىمۇ ئۇلۇغلاشتۇرۇشقا قىستاۋاتامدۇ؟
مەزكۇر تىزىملىكتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىنقىلابىي قۇربان دەپ نام بېرىلگەن ۋە قەھرىمانلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن 33 نەپەر ساقچىدىن 17 نەپىرى خىزمەت ۋاقتىدا يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ ئۆلگەن. مەسىلەن، كوناشەھەر ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ خادىمى ئابدۇقادىر ئابدۇكېرىم بىر گۇماندارنى سوراق قىلىۋېتىپ، سوراق داۋامىدا يۈرەك كېسىلى قوزغالغان ۋە دوختۇرخانىدا جان ئۈزگەن. قانۇن دوختۇرى ئابدۇۋەلى ئابدۇكېرىممۇ مەلۇم بىر جەسەتنى تەكشۈرۈۋېتىپ يۈرەك كېسىلى قوزغالغان ۋە ھاياتىدىن ئايرىلغان. بۇلاردىن باشقا يەنە ئابلىمىت توختىنىياز، ئېزىز ئەركىن، مەخەتجان يىمىت قاتارلىق ئۇيغۇر ساقچىلار، فەنخەيپو، ما جىڭشيۇڭ، يىجۈن قاتارلىق خىتاي ساقچىلار بولۇپ جەمئىي 17 نەپەر ساقچى، ئاتالمىش «قەھرىمانلار» نىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلگەن.
بىز بۈگۈن بۇ تېمىدا ئامېرىكىدىكى سىياسىي كۆزەتكۈچىلەردىن ئۇچقۇنجان ئەپەندى بىلەن دوكتور قاھار بارات ئەپەندىلەرنى زىيارەت قىلدۇق.
5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن بەلگىلىك ساندىكى ئۇيغۇر ساقچىلارنىڭ خىزمەتتىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى ئەسلەپ ئۆتكەن سىياسىي كۆزەتكۈچى ئۇچقۇنجان ئەپەندى، يۇقىرىقى يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلگەن ئۇيغۇر ساقچىلارنىڭ كۆز ئالدىدىكى ۋەھشىيلىك ۋە ھەقسىزلىقنى ۋىجدانى قوبۇل قىلالمىغانلىقى سەۋەبىدىن جان ئۈزگەن بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ئۇ يەنە ئۇيغۇر رايونىدىكى ساقچىلارنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ساقچىلارنىڭ خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرسە، خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك ساقچىلىرىنىڭ دىققەت مەركىزىگە ئايلىنىدىغانلىقىنى، يەنە باشقىچە بىر ئاۋارىچىلىك ۋە خەۋپ-خەتەرگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
سىياسىي كۆزەتكۈچى قاھار ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، دۇنيادا كوممۇنىزم نەزەرىيىسى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئىلگىرىكى كونا قەھرىمانلىرى، ئۈلگىلىرى قىممىتىنى يوقاتتى، خىتاي جەمئىيىتىدە كىشىلەرنى روھىي جەھەتتىن ئالغا يېتەكلەيدىغان، ئىلھاملاندۇرىدىغان قەھرىمانلارغا ئېھتىياجى تۇغۇلدى.
خىتاي جەمئىيىتىدىكى ھەق ۋە ئادالەتنى ياقلاپ قەھرىمانلىق كۆرسەتكەنلەرنى مەدھىيىلەش، ئۇلۇغلاشتۇرۇش خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مەنپەئىتىگە خىلاپ، شۇڭا خىتاي دائىرىلىرى قەھرىمانلارنى سۈنئىي ھالدا ياساپ چىقىشقا، ئادەتتىكى ئىشلارنى، ئادەتتىكى كىشىلەرنى ئۇلۇغلاشتۇرۇشقا مەجبۇر بولماقتا.
ھەر ئىككى كۆزەتكۈچىنىڭ قارىشىچە، خىتاي دېگەندەك، ئېغىز خىزمەت سالمىقى، يەنى رايوندىكى ئاخىرى ئۈزۈلمىگەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرى، سىياسىي ئۆگىنىش بېسىملىرى بىر قىسىم ساقچىلارنى راستىنىلا ھالسىراتقان ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى سالامەتلىكى ئاجىزراق بولغانلارنىڭ ئۆلۈمىگە تۈرتكە بولغان بولۇشى مۇمكىن.