ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ 20-نۆۋەتلىك سايلىمى ئېلىپ بېرىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2017.01.16
sherqiy-turkistan-birliki-saylam-1.jpg ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ 20-نۆۋەتلىك سايلىمىدا، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ قۇرغۇچى ئەزالىرىدىن بىرى بولغان ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى ۋە د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىلەر رىياسەتچىلىك قىلماقتا. 2017-يىلى 15-يانۋار، ميۇنخېن.
RFA/Ekrem

مەركىزى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىگە جايلاشقان بولغان ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ 20-نۆۋەتلىك سايلىمى دېموكراتىك ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلدى.

قۇرۇلغىنىغا 27 يىل بولغان ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ 20-نۆۋەتلىك سايلىمى 15-يانۋار كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىزمەت بىناسىدا ئېلىپ بېرىلدى. سايلامغا ئۇيغۇر ۋەكىللىرىدىن تولۇق 50 كىشى قاتناشتى. سايلامغا مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ قۇرغۇچى ئەزالىرىدىن بىرى بولغان ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى ۋە د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىلەر رىياسەتچىلىك قىلدى. تەشكىلاتنىڭ قۇرغۇچى ئەزالىرى ھەمدە د ئۇ ق نىڭ ميۇنخېندىكى رەھبەرلىرىمۇ سايلامغا ئىشتىراك قىلدى.

سالاي رەسمىي باشلىنىشتىن ئىلگىرى، رەئىس نامزاتى بولغان ئەسقەرجان ۋە تۇرغۇنجان ئەپەندىلەر ئۆزلىرى رەئىس بولسا ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ئىشلارنى تىلغا ئېلىپ، سايلام رىقابىتى پەيدا قىلدى.

ئىككى نەپەر رەئىس نامزاتىنىڭ نۇتقىدىن كېيىن سايلامغا قاتناشقان 50 كىشى دېموكراتىك ئۇسۇلدا بىلەت تاشلاش ئارقىلىق ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ 20-قېتىملىق رەئىسىنى سايلاپ چىقتى.

د ئۇ ق دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، گېرمانىيەدىكى دىنىي زاتلاردىن تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ھاجىم ئۈستۈن ئاۋاز بىلەن تەشكىلاتنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلاندى. ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىغا رەئىس بولۇپ سايلانغان تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ھاجىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، رەئىس بولغاندىن كېيىنكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

رەئىس سايلىمىدىن كېيىن، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئىككى نەپەر مۇئاۋىن رەئىسى، باش كاتىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 11 نەپەر ئىدارە ھەيئىتى سايلام ئەھلىنىڭ قول كۆتۈرۈپ ئاۋاز بېرىشى بىلەن تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىك يادروسىنى تەشكىل قىلدى.

تەشكىلاتنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە سابىق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ قېتىمقى سايلامنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ بۇ قېتىمقى سايلامنىڭ دېموكراتىك پرىنسىپلارغا ئەمەل قىلغان ئاساستا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

مەلۇم بولغىنىدەك، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى غەرب ئەللىرىدە قۇرۇلغان تۇنجى ئۇيغۇر تەشكىلاتى بولۇپ، 1990-يىلى ئەركىن ئالىپتېكىن باشچىلىقىدىكى 7 نەپەر ئۇيغۇر ميۇنخېن شەھىرىدە قۇرۇپ چىققان، 2015-يىلى بۇ تەشكىلات قۇرۇلغانلىقىنىڭ 25-يىللىق خاتىرىسى ميۇنخېن شەھىرىدە داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.