خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سەيپىدىن ئەزىزىگە بەرگەن باھاسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ 1949-يىلىدىن بۇيانقى سىياسىي تراگېدىيەلىرى (2)

0:00 / 0:00

بۇ يىل 12-مارت كۈنى سەيپىدىن ئەزىزى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا بىر قىسىم ئەسلىمە ۋە باھالار ئېلان قىلىنغان.

ئۇنىڭدا ئەڭ ئالدى بىلەن خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ئۇنىڭغا بەرگەن باھاسى قايتا ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان.

باھادا سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ 1949-يىلى 9-ئايدا ئۈچ كىشىلىك ئۆمەكنى باشلاپ مەخپىي ھالدا بېيجىڭغا بارغانلىقى؛ ماۋ زېدۇڭ، جۇ ئېنلەي قاتارلىق خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەقدىرى توغرىلىق ئورتاق پىكىرگە كەلگەنلىكى شۇنداقلا خىتاينىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش يىغىنىدا سۆز قىلىپ ئاتالمىش «شىنجاڭ خەلقى» نامىدىن ئىپادە بىلدۈرگەنلىكى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.

سەيپىدىن ئەزىزى ئۆزىمۇ «ئۆمۈر داستانى» ناملىق ئەسلىمىسىنىڭ 2-تومىدا بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «شۇ كۈنى چوڭ يىغىندا مەن ماۋجۇشىغا تون ۋە تۇماق كىيگۈزدۈم. يىغىندا مۇنداق تون كىيگۈزۈش بىرىنچى قېتىم بولغان ئىش ئىدى. مەن ئاۋۋال قىسقىچە سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەڭ قەدىرلىك كىشىسىگە تون يېپىش ئادىتىنى ئېيتتىم ۋە بۇ ھەدىيەمىزنى ماۋجۇشىنىڭ قوبۇل قىلىشىنى سورىدىم. ماۋجۇشىغا تون ۋە تۇماق كىيگۈزۈلگەن ۋاقىتتا پۈتۈن زالدىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ چاۋاك چېلىپ كەتتى…»

«باھا» دا يەنە، سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ 1949-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى تيەنئەنمېن راۋىقىغا چىقىپ، ماۋ زېدۇڭنىڭ ئارقىسىدا تۇرغانلىقى ھەمدە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمىغا قاتناشقانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا «باھا» دا تۆۋەندىكى بايانلار بېرىلگەن: «10-ئاينىڭ 4-كۈنى مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات بايان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا سەيپىدىن ئەزىزى سۆزگە چىقىپ: ‹شىنجاڭ ئۆتمۈشتە جۇڭگو تېررىتورىيەسىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولغان ئىدى، ھازىرمۇ شۇنداق بولۇۋاتىدۇ، بۇ ئەھۋال كەلگۈسىدىمۇ مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ› دېگەن سۆزنى تەنتەنىلىك جاكارلىدى.»

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىدىن ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندى، سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ 1949-يىلى بېيجىڭغا بېرىپ، 1944-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى «شىنجاڭ - جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى» دېگەن سىياسىي سەپسەتەگە تېگىشىۋېتىشىنىڭ ئۆزىلا ئۇنىڭ قانداق شەخس ئىكەنلىكىنى بىلىشتە باشقا ھېچقانداق ئىسپات تەلەپ قىلمايدىغان پاكىتتۇر، دەيدۇ.

سەيپىدىن ئەزىزىگە بېرىلگەن «باھا» دا يەنە ئۇنىڭ 1950-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇر ئېلىدا مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونوم جايلارنى قۇرۇش جەريانىدا كۆرسەتكەن ئاتالمىش «تۆھپە» لىرى ئالاھىدە مەدھىيەلەنگەن.

2004-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق دائىمىي رەئىسى فېڭ داجېن سەيپىدىن ئەزىزى ۋاپاتىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن «شىنجاڭ گېزىتى» دە «يولداش سەيپىدىن ئەزىزىنى ئەسلەيمەن» ناملىق باش ماقالە ئېلان قىلغان. مەزكۇر ماقالىسىدە ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: «1950-يىللارنىڭ بېشىدا شىنجاڭدا مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونوم جايلارنى قۇرۇش ئىشى ئېلىپ بېرىلدى. بۇ جەرياندا يولداش سەيپىدىن ئەزىزى كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە كەڭ قورساقلىق بىلەن ئۈلگە كۆرسەتتى. ئۇ ئۆزى ئاتۇشلۇق بولسىمۇ، لېكىن قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى قۇرۇلىدىغان چاغدا ئاتۇشنى قىرغىز ئوبلاستىنىڭ مەركىزى قىلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇندىن باشقا، ئۇيغۇرلار نوپۇسى كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان غۇلجا شەھىرىنى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مەركىزى قىلىش، كورلا شەھىرىنى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مەركىزى قىلىش تەكلىپىنى بەردى.»

ئەخمەتجان ئوسمان بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، سەيپىدىن ئەزىزى 1949-يىلىدىكى بېيجىڭ سەپىرى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى بىر مىللىي دۆلەت ھالىتىدىن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەۋەلىكىدىكى بىر ئۆلكە دەرىجىلىك ئاتالمىش «ئاپتونوم رايون» غا ئايلاندۇرۇپ قويۇشتا مەسئۇلىيىتى بار، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ يەنە سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ، ئۇيغۇر ئېلىنى ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دېگەن قۇرۇق سىياسىي گەۋدە ئىچىدە بىرقانچىلىغان ئاپتونوم ئوبلاستقا ۋە نەچچە ئونلىغان ئاپتونوم ناھىيەلەرگە بۆلۈپ تاشلاشتىمۇ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار، دەپ تەكىتلىدى.

خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەيپىدىن ئەزىزىگە بەرگەن «باھا» سىنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسىدا ئۇنىڭ «مەركەز مۇتلەق ئىشەنگەن ۋە 1970-يىللاردا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتىيە، ئارمىيە، ھۆكۈمەت ۋە بىڭتۇەن قاتارلىق 4 چوڭ ھوقۇقى بېرىلگەن بىردىن-بىر ئۇيغۇر رەھبەر» ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ ئۆزىمۇ «ئۆمۈر داستانى» ناملىق ئەسلىمىسىنىڭ ئاخىرقى قىسمىدا، ئۆزىنىڭ 1970-يىللاردا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا «4 بىرىنچى» بولغانلىقىنى، يەنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىرىنچى سېكرېتارى، ئاپتونوم رايوننىڭ بىرىنچى رەئىسى، شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ بىرىنچى سىياسىي كومىسسارى ۋە پارتكوم سېكرېتارى شۇنداقلا شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ بىرىنچى سىياسىي كومىسسارى بولغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

ئەخمەتجان ئوسمان، سەيپىدىننىڭ بۇ مەزگىلدىكى سىياسىي ھاياتىدىن كىشىلەر ئوقۇيالايدىغان بىردىن-بىر مەزمۇن دەل ئۇنىڭ كوممۇنىست خىتاي ئىشغالىيەتچى ھاكىمىيىتىگە بولغان سادىقلىقىدۇر، دەيدۇ.