ۋاشىنگتوندا باشلانغان «ئەركىنلىك ھەپتىلىكى» پائالىيەتلىرىدە ئۇيغۇر ۋەزىيىتىمۇ مۇھىم تېما

0:00 / 0:00

بۇ ھەپتە ۋاشىنگتون ئۈچۈن ئالاھىدە شۇنداقلا جىددىي بىر ھەپتە بولىدۇ، چۈنكى ۋاتىكان پوپى فىرانچىس ۋە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ پايتەختنى زىيارەت قىلماقچى. بۇنىڭ بىلەن ۋاشىنگتوندىكى تۈرلۈك ئاممىۋى تەشكىلاتلار، ھۆكۈمەتسىز ئورگانلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى تېما قىلغان تۈرلۈك پائالىيەتلىرى، ئۇلار ۋاشىنگتونغا يېتىپ كېلىشتىن ئىلگىرىلا باشلاندى. پايتەخت ۋاشىنگتوندىكى ئاخبارات مۇزېيىدا «ئەركىنلىك ھەپتىلىكى» پائالىيەتلىرى 21-سېنتەبىر باشلاندى، بۇ يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەر، ژۇرنالىستلار ۋە ئەركىنلىك ھىمايىچىلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە قارىتا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ۋە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاشتا ئىشلىگەن خىزمەتلىرى ۋە دۇچ كەلگەن رىقابەتلەرنى مەزمۇن قىلغان سۈرەتلىك كۆرگەزمىلەر، ھۆججەتلىك فىلىم ۋە ئىلمىي مۇھاكىمىلەرنى ئاساس قىلىدۇ. دىنىي ئەركىنلىك بۇ «ئەركىنلىك ھەپتىلىكى«پائالىيەتلىرىنىڭ مۇقەددىمىسى بولۇپ، «دىنىي باستۇرۇش ۋە يەر شارى مىقياسىدا ئاخبارات ساھەسى دۇچ كېلىۋاتقان خىرىس» تېمىسىدا تېلېۋىزىيە مۇھاكىمە پروگراممىسى دۈشەنبە سۈرەتكە ئېلىندى. پروگراممىدا خىتايدىكى دىنىي باستۇرۇش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىمۇ مۇھاكىمە قىلىندى.

«ئەركىنلىك ھەپتىلىكى» يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرى پايتەخت ۋاشىنگتونغا جايلاشقان ئاخبارات مۇزېيىدا 21-سېنتەبىر دۈشەنبە رەسمىي باشلاندى. دىنىي ئەركىنلىك بولسا بىر ھەپتە داۋام قىلىدىغان بۇ «ئەركىنلىك ھەپتىلىكى» پائالىيەتلىرىنىڭ بىرىنچى ۋە ئەڭ نۇقتىلىق تېمىسى بولۇپ، بۈگۈن تېلىۋىزىيەگە ئېلىش زالىدا «دىنىي باستۇرۇش ۋە يەر شارى مىقياسىدا ئاخبارات ساھەسى دۇچ كېلىۋاتقان خىرىس» تېمىسىدا تېلېۋىزىيە مۇھاكىمىسى ئېلىپ بېرىلدى، مۇھاكىمىگە ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ئالىي كومىسسارى كاترىنا لانتوس سۋەت خانىم، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزاسى فرانك ۋولف، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ پرېزىدېنتى لىبى ليۇ ۋە ئامېرىكا ئاممىۋى رادىئوسى ھەمدە خاففىڭتون پوچتىسى قاتارلىق ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى قاتارلىق مېھمانلار تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، پروگراممىغا پرىنچەتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى رەئىسى روبەرت گەورگە رىياسەتچىلىك قىلدى، پائالىيەتكە كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىكنى ھىمايە قىلىدىغان خەلقئارالىق ۋە ئامېرىكىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ھەمدە مۇتەخەسسىسلەر بولۇپ 50 تىن ئارتۇق كىشى ئىشتىراك قىلدى.

باشلىنىش مۇراسىمىدا ئاۋۋال ئاخبارات مۇزېيىنىڭ پرېزىدېنتى، جەفەرىي ھەربست «ئەركىنلىك ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «‹دىنىي باستۇرۇش ۋە يەر شارى مىقياسىدا ئاخبارات ساھەسى دۇچ كېلىۋاتقان خىرىس› تېمىسىدا مۇھاكىمىسىگە قاتناشقىنىڭلارنى قارشى ئالىمەن. بۇ تېلېۋىزىيە مۇھاكىمىسى، مۇزىيىمىزدا بىر ھەپتە داۋام قىلىدىغان ئەركىنلىك ھەپتىلىكى پائالىيەتلىرىنىڭ مۇقەددىمىسى. بۇ بىر ھەپتىلىك پائالىيەتلىرىمىز ئىچىدىكى دىنىي ئەركىنلىك خەلقئارا ئۇنىۋېرسال قىممەت. ئۇ بىزنىڭ ئاساسىي قانۇنىمىزنىڭ روھىغا سىڭگەن. بىر ئادەمنىڭ ئۆز ئېتىقادىنى ئاشكارا ئىپادىلىشى ۋە ئىبادەت قىلىشى ياكى دىنغا ئىشىنىش-ئىشەنمەسلىكى ۋە ياكى ئۆزىنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى ئۆزگەرتىشى ھەر بىر ئىنساننىڭ تۇغۇلۇشىدىن بار بولغان ھوقۇقىدۇر. بىز بۇنىڭغا ئىشىنىمىز. بۇ، خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىكنى ئالغا سۈرۈش تۈپ ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرى. پائالىيىتىمىزنىڭ مۇھىم پارچىسى.

خەلقئارا ئاخبارات ساھەسى دىنىي ئەركىنلىكنى قوغداش، يەر شارى مىقياسىدا ئېتىقاد قىلغۇچىلار ئۇچراۋاتقان باستۇرۇشلارنى ئاڭلىتىش يولىدا ئىزچىل ۋە ئاجايىپ پەخىرلىنەرلىك خىزمەتلەرنى كۆرسەتتى. بۇ جەرياندا ھەم نۇرغۇن خىرىسقا ئۇچرىدى، بەدەللەر تۆلەندى. مۇزېيىمىزدا ئەنە شۇلارغا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ۋە دوكلاتلار، پاكىتلار، يالدامىلار ساقلانغان، بۇ ھەپتىلىك بارلىق كۆرگەزمە ۋە پائالىيەتلىرىمىز ئەركىنلىك ۋە خىتايدىكى دىنىي باستۇرۇش مەسىلىلىرىنى تېما قىلىدۇ.»

مۇھاكىمە پروگراممىسىغا رىياسەتچىلىك قىلغان خەلقئارا دىنىي ئىشلار كومىتېتى رەئىسى روبەرت گەورگە پىكىر، ئېتىقاد ئەركىنلىكى ۋە ھوقۇقىنىڭ، «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» ۋە ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنىدا ئەڭ مۇھىم ئورۇن بېرىلگەن ھوقۇقلار ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ، بۇ قانۇن ۋە خىتابنامىلەرنىڭ روھىغا ئاساسەن، ئىنسانلارنىڭ ئەركىنلىك ۋە غۇرۇر بىلەن ياشاش ھوقۇقىنىڭ ئىقتىسادىي، مەدەنىي ياكى سىياسىي سىستېمىغا قارىماستىن كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى كېرەكلىكى. ئەپسۇسكى يەر شارى مىقياسىدا نۇرغۇن دۆلەتلەردە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ بولۇپمۇ دىنىي ئەركىنلىكنىڭ ھۆكۈمەتلەر تەرىپىدىن ۋە ئۇلارنىڭ يول قويۇشى بىلەن دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ھەمدە ئۇ يەنە «دىنىي ئەركىنلىك تېمىسىنى تىلغا ئالغىنىمىزدا، بۇ ھەپتە ۋاشىنگتون بۇ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك خەلقئارالىق ئىككى مۇھىم شەخسنى كۈتۈۋالماقچى، بىرى يەر شارى مىقياسىدا دىنىي ئەركىنلىك تەرغىب قىلىپ پۈتۈن ھاياتى بويىچە ئېتىقادى ئۈچۈن كۈرىشىۋاتقان پوپ فرانسىس، يەنە بىرى ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ئەڭ قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرۇۋاتقان زوراۋان لىدېر شى جىنپىڭ. بۈگۈنكى «دىنىي باستۇرۇش ۋە يەر شارى مىقياسىدا ئاخبارات ساھەسى دۇچ كېلىۋاتقان خىرىس» تېمىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان مۇھاكىمىزمۇ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇشۇ پەيتكە ئورۇنلاشتۇرۇلدى» دەپ تونۇشتۇردى ۋە مۇھاكىمىگە قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەرنى دۇنيا مىقياسىدا دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنى باستۇرۇشنى نىشان قىلغان ۋە دىنىي ئەركىنلىك قوغلىشىدىغانلارغا قارىتىلغان ھۇجۇم ۋە باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى خەۋەر قىلىش جەريانىدا ئاخبارات ساھەسىدىكى مۇخبىرلارنىڭ شۇ باستۇرۇشنى ئېلىپ بېرىۋاتقان دۆلەتلەرلا ئەمەس، گۇرۇپپىلار، رادىكاللار ۋە باشقا زوراۋانلارنىڭ زىيانكەشلىكلىرىگە ۋە خىرىسقا ئۇچراۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ بۇ رىقابەتكە قارشى پىكىر بايان قىلىشقا تەكلىپ قىلدى.

مۇھاكىمە جەريانىدا خىتاينىڭ دىنىي باستۇرۇشى مۇھاكىمە قىلىنغاندا، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان دىنىي باستۇرۇش مەسىلىلىرىمۇ كۈپ تەرەپلەردىن تىلغا ئېلىندى. مۇھاكىمىگە تەكلىپ قىلىنغان سۆزلىگۈچىلەردىن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى پرېزىدېنتى لىبي ليۇ بۇ ئورگاننىڭ دىنىي ئەركىنلىك تېمىسىدىكى ئاخباراتلارنى ئاڭلىتىشى ئۇچراۋاتقان خىرىس ھەققىدە توختىلىپ «دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىلىرى بويىچە ئاخباراتلىرىمىزنىڭ ئاساسلىق قىسمىنى خىتايدىكى باستۇرۇشلار ئېگىلىپ كەلمەكتە. بۇ ھەقتە ئۇچۇر ئېلىش ئىنتايىن مۈشكۈل ۋە خەتەرلىك بىر جەريان بولۇپ كەلمەكتە، بىزگە ئۇچۇر بەرگۈچىلەرمۇ ھاياتى تەھدىتكە ئۇچرايدۇ، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشتا رىقابەت ھېلھەم كۈچلۈك» دەپ تەكىتلىدى ۋە ئۇيغۇرلارنى مىسالغا ئېلىپ، «ئۇيغۇرلارنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىشى، دىنىي پائالىيەتلىرى چەكلەنگەندىن باشقا، ئەۋلادلىرىغا دىننى ئۆگىتىشىمۇ باستۇرۇلماقتا. ئۆزى ئۇچرىغان بۇ باستۇرۇشلارنى ئاشكارا ئاڭلىتىشقىمۇ ئامالسىز، چۈنكى بۇ سەۋەبلىك ئۇلارنىڭ ھاياتى تەھدىتكە ئۇچرايدۇ. بىز خەۋەر قىلغىنىمىزدەك رامىزانلىق چەكلىمىلەر، مۇسۇلمانلارغا مەجبۇرىي ھاراق ساتقۇزۇش قاتارلىقلار بىز غەربتىكى ئەركىن دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان كىشىلەرگە ئاڭلىماققا ئىشەنگۈسىز بىلىنىدۇ، چۈچۈتىدۇ. بۇ خىل مەسىلىلەرگە تېخىمۇ كۆپ دىققەت بېرىشىمىز كېرەك. ژۇرنالىستىك سەۋىيىدە بۇ قاراڭغۇ جەمئىيەتلەرنى يورۇتۇشتا، شۇ جەمئىيەتكە ھەر خىل ۋاسىتىلەر بىلەن سىڭىپ كىرىشىمىز كېرەك» دېدى.

دىنىي ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، خەلقئارا ئاخباراتنىڭ يورۇتقان ئۇچۇرلىرىنىڭ خەلقئارادا كىشىلىك ھوقۇقنى، دىنىي ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئوينىغان رولىغا يۇقىرى باھالار بەرگەن،خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ئالىي كومىسسارى كاترىنا لانتوس سۋەت خانىم قارىشىچە، دىنىي ئەركىنلىككە بۇزغۇنچىلىق قىلغان ۋە ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلغان دۆلەتلەر كىشىلەرگە ناھەق تەھدىت سېلىپلا قالماي، دىنىي ئەركىنلىككە قىلىنغان ھۇجۇم ئامېرىكىنىڭ قىممەت قارىشى ئەخلاقىي ۋە ئىستراتېگىيىلىك دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار مەسىلە. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينى دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى ئالاھىدە دىققەت قىلىنىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىدا، ئۆتكەن يىلى خىتاي دىنىي ئىشلار ۋە ئامانلىق ئورگانلىرىنىڭ دىنىي پائالىيەتلەرنى ۋە دىنىي گۇرۇھلارنى قاتتىق تەقىب قىلىپ ۋە چەكلەپ، تۈرلۈك دىنىي گۇرۇھلارغا مەنسۇپ دىندارلارغا ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك پاراكەندىچىلىك سالغانلىقى، ئۇلارنى تۇتقۇن قىلغانلىقى، قولغا ئالغانلىقى ۋە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقى قاتارلىقلارنى بىلدۈرگەن. بۇ ھەقتىكى دوكلاتلار ئاخبارات ساھەسىنىڭ تەمىنلىگەن قىممەتلىك ئۇچۇرلىرىسىز ۋۇجۇدقا چىقمايدۇ.

كاترىنا لانتوس سۋەت خانىم سۆزىدە: «دىنىي ئەركىنلىككە چەكلىمە قويۇلماسلىقى كېرەك. ھەر قايسى دىنلارغا ئېتىقاد قىلغۇچى ياكى قىلمايدىغانلار ئۆز ئارزۇلىرى بويىچە توپلىنىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىنىشى، بىرلىكتە بىر-بىرىنى ئېتىراپ قىلغان ھالدا تىنچ ياشاش مۇھىتى يارىتىلىشى زۆرۈر. ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، دىنىي ئەركىنلىكنى تېما قىلغاندا، ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ ئارزۇسى ۋە ۋەزىيىتىلا ئەمەس، دىنىنى ئۆزگەرتكۈچىلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى، ھەر بىر ئىنساننىڭ غۇرۇر بىلەن ياشىشىدەك ئىنسان ھەقلىرىنىڭ ئەڭ زىل نۇقتىلىرىغىچە، قاراڭغۇ نۇقتىلارنى يورۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك» دېدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزاسى فرانك ۋولف، دىنىي ئەركىنلىكنىڭ تۇغما ھوقۇق ئىكەنلىكى ۋە ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىدىكى ھالقىلىق مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىدە يەر شارى مىقياسىدا ژۇرنالىستلارنىڭ كۆرسەتكەن قەيسەرلىكى ۋە خىزمىتىگە يۇقىرى باھا بېرىپ، دىنىي باستۇرۇشلارنى، ئىختىلاپلارنى خەۋەر قىلىش جەريانىدا مۇخبىرلارنىڭ ئاجايىپ خەتەرلەرگە تەۋەككۈل قىلىۋاتقانلىقى شۇنداقلا نۇرغۇن مۇخبىرلارنىڭ ئاخبارات خىزمىتى ئۈچۈنلا ئەمەس، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك يولىدا قۇربان بەرگەنلىكى ھەمدە داۋاملىق ئۆلتۈرۈلۈۋاتقانلىقى، زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلىقى قاتارلىقلارنى تەكىتلىدى ۋە كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ، دىنىي باستۇرۇش قىلمىشلىرىنىڭ ئازايتىلىشى ئۈچۈن، سىياسەت، ھوقۇق بەلگىلىمىلىرىنىڭ ئىجرا قىلىشىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى ھەمدە بۇ نۇقتىدا ژۇرنالىستلار ھۆكۈمەت ئاخبارات باياناتلىرىغا قاتناشقاندا، پرېزىدېنتلىق نامزاتى نۇتۇقلىرىغا قاتناشقاندا پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىلىرىگە ئائىت سوئاللارنى كۆپلەپ سورىشى ۋە بۇ مەسىلىگە دىققەت قوزغاشقا ماھىر بولۇشنى تەۋسىيە قىلدى.

ئاخبارات مۇزېيىدا 26-سېنتەبىرگىچە، ئەركىنلىك، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە دائىر تېمىلاردا نۇرغۇن مۇھاكىمىلەر ئۇيۇشتۇرۇلىدىغان بولۇپ، بۇلاردا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان تۈرلۈك مەسىلىلەر كۆپ خىل نۇقتىلاردا يورۇتۇلىدۇ.