شى جىنپىڭ بۇنىڭدىن 5 يىل ئاۋۋال خىتاينىڭ رەئىسلىك ھوقۇقىغا ئولتۇرغاندا نۇرغۇن كىشىلەردە خىتاي تەدرىجىي سىياسىي كۆپ قۇتۇپلۇق ۋە قانۇن بىلەن باشقۇرۇش يولىغا ماڭىدۇ، دەيدىغان بىر ئۈمىد بار ئىدى. ئەينى چاغدا بەزىلەرنىڭ ئاخبارات ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھۆكۈمەتنى تەنقىد قىلىشى، مۇستەقىل ئادۋوكاتلارنىڭ سوت مەھكىمىلىرىدە ئادالەت تەلەپ قىلىشىغا قىسمەن يول قويۇلۇپ كەلگەن ئىدى.
دۇنيا بانكىسى شى جىنپىڭ ھوقۇق تۇتۇش ھارپىسىدا ئېلان قىلغان «2030-يىلدىكى خىتاي» دېگەن تېمىدىكى دوكلاتىدا، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنى قانۇن بىلەن ئىش بېجىرىدىغان، ئەقىلگە مۇۋاپىق، پاكىز، ئوچۇق ئاشكارا ۋە يۇقىرى ئۈنۈمدارلىققا ئىگە زامانىۋى بىر ھۆكۈمەتكە ئۆزگەرتىشكە ئېھتىياجلىق» ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن ئىدى. لېكىن ئۇ ھوقۇق تۇتقان يېقىنقى 5 يىلدا خىتاي ھاكىمىيىتى دەل بۇنىڭ ئەكسىگە قاراپ ئۆزگەردى.
شۇڭا ئۇنىڭ ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، خىتاينىڭ دۆلەت رەئىسىنىڭ 2 نۆۋەت ھوقۇق تۇتۇش چەكلىمىسىنى بىكار قىلىش قارارى خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا ۋە خىتاي ئۆكتىچىلىرىدە زور غۇلغۇلا، مۇنازىرە ۋە ئەندىشە قوزغىغان ئىدى.
«ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى» سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باش ماقالىسىدە، شى جىنپىڭنىڭ ماۋ زېدوڭ دەۋرىدىكى پاجىئەلىك تەجرىبە ساۋاقلارنى ئۇنتۇپ، 21-ئەسىردە ئىستىبداتلىقنىڭ يېڭى مودېلىنى تىكلەشكە كىرىشكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. باش ماقالىدە قەيت قىلىشىچە، «ئۇنىڭ ھەرىكىتى تېخىمۇ كەڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىش كويىدىكى خىتايلارغا خىرىس پەيدا قىلىپلا قالماي، بەلكى يەنە پۈتۈن دۇنيادىكى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىغا خىرىس پەيدا قىلىدىكەن.»
ئامېرىكا ئەركىنلىك سارىيى سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، يۇقىرىقى چەكلىمىنىڭ بىكار قىلىنىشى شى جىنپىڭ دەۋرىدىكى باستۇرۇش ۋە كونتروللۇقنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ.
ئەركىنلىك سارىيىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى سارا كۇك خانىم نىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مەۋجۇت خەلقئارا سىستېمىغا خىرىس قىلىپ، خەلقئارا ئۆلچەم، خەلقئارا ئورگانلارنى قايتا شەكىللەندۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقان مەزگىلدە بۇ تېخىمۇ يامان تەسىر پەيدا قىلىدىكەن.
سارا كۇك مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي رەئىسىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنىڭ بىكار قىلىنىشى شۇ سىگنالنى بېرىدۇ. شى جىنپىڭ دەۋرىدە ئەشەددىيلىشىپ كەتكەن كونترول قىلىش ۋە باستۇرۇش بىر ئادەم ھۆكۈمرانلىق دەۋرىدە ياخشىلانمايدۇ، بەلكى تېخىمۇ ئەشەددىيلىشىدۇ. كومپارتىيەنىڭ بۇ قارارى يەنە بېيجىڭنىڭ ئىزچىل بېسىمى ئاستىدا تۇرۇپ كەلگەن خوڭكوڭ ۋە تەيۋەندىكى دېموكراتىك كۈچلەرگە ئۇلارنى ئەندىكتۈرىدىغان بىر سىگنال بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە كومپارتىيەنىڭ بۇ قارارى ئىجرا قىلىنسا ئۇنىڭ خەلقئارا تەسىرى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا ئۆلچەم ۋە خەلقئارا ئورگانلارنى قايتا شەكىللەندۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقان بۇنداق بىر مەزگىلدە ئۇنىڭ تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك بولىدۇ.»
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدە ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئەگەر خىتاينىڭ ئىقتىسادى تەرەققىي قىلىپ، خەلق تۇرمۇشى ياخشىلانسا، بۇ خىتاي جەمئىيىتىنىڭ لىبېراللىشىپ، ئۇنىڭ دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇقنى قوبۇل قىلىشى ۋە خەلقئارا سىستېمىغا ماسلىشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ، دېگەن قاراش ئىزچىل ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ كەلگەن ئىدى. لېكىن سارا كۇكنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، ئەگەر شى جىنپىڭنىڭ مەڭگۈلۈك رەئىس بولۇش يولى ئېچىلسا، يۇقىرىقى ئۈمىد ئېغىر زەربە يەيدىكەن.
سارا كۇك: «ئەگەر بۇ مەسىلىگە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ نۇقتىئىنەزىرىدىن قارىساق، ئۇزۇندىن بۇيان نۇرغۇن كىشىلەردە خىتاينىڭ ئىقتىسادى تەرەققىي قىلىپ كۈچەيسە، ئۇ خەلقئارا كۈچكە ئايلانسا، بۇ ئۇنىڭ خەلقئارا سىستېمىغا تېخىمۇ ماسلىشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. بۇ ئۇنىڭ سىياسىي سىستېمىسىنىڭ لىبېرالللىشىشىغا يول ئاچىدۇ، دەيدىغان قاراش مەۋجۇت ئىدى. كىشىلەردىكى بۇ قاراش ئۇزۇندىن بۇيان مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەپ كەلدى. لېكىن، كومپارتىيەنىڭ بۇ قېتىم ئالغان قارارى بۇ ھەقتىكى ئۈمىدلەرنى پۈتۈنلەي يوققا چىقىرىدۇ» دېدى.
ئامېرىكىدىكى خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى چېن پوكوڭ ئەپەندىنىڭ كۆرسىتىشىچە، غەرب يۇقىرىقى مەسىلىدە خىتاينى خاتا مۆلچەرلىگەن. ئۇ، غەربنىڭ دىكتاتورىلىق خىتاينىڭ ھۈجەيرىسىگە چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەنلىكىنى پەرەز قىلالمىدى» دەيدۇ.
چېن پوكوڭ: «غەرب، دىكتاتورىلىق خىتاينىڭ ھۈجەيرىسىگە چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەنلىكى، ئۇنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخى بارلىقىنى پەرەز قىلالمىدى. خىتاي رەھبەرلىرىدە بىر خىل تۇغما دىكتاتورىلىق ھۈجەيرىسى بار. ئۇلار دائىم دىكتاتورىلىققا مايىل. يەنە بىر خىل ئامىل، خىتاي رەھبەرلىرى غەربنىڭ ياردىمىدە تەرەققىي قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار تۇيۇقسىز باي بولۇپ كەتكەن ئادەمدەك تېرىسىغا سىغماي قالدى. ئۇلار قولىدىكى پۇلغا تايىنىپ ھەربىي كۈچىنى ئەسەبىيلىك بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشقا، غەربكە شىلتىڭ ئېتىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ ئەھۋالى خۇددى دېھقان بىلەن يىلاننىڭ دوڭ گو ئەپەندى بىلەن بۆرىنىڭ ھېكايىسىگە ئوخشاپ قېلىۋاتىدۇ» دېدى.
«ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى» نىڭ باش ماقالىسىدە تەكىتلىنىشىچە، شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت سورىغان يېقىنقى 5 يىلدا سابىق كومپارتىيە رەھبىرى دېڭ شاۋپىڭ تىكلىگەن كوللېكتىپ رەھبەرلىك تۈزۈمى بۇزۇپ تاشلانغان. ئۇ، چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش نامىدا سىياسىي رەقىبلىرىنى يوقىتىپ، ھەربىي ۋە ساقچىنىڭ ھوقۇقىنى چاڭگىلىغا ئالغان. پۇقرالارنىڭ ئەركىنلىكى كۈنسېرى بوغۇلۇپ، ئىنتېرنېت قاتتىق كونترول قىلىنغان. ئادۋوكاتلار تۇتقۇن قىلىنىپ، تەن جازاسىغا ئۇچرىغان، مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇلغان ۋە سوتلانغان.
چېن پوكوڭ ئەپەندى، شى جىنپىڭ يۇقىرىقى چەكلىمىنى بىكار قىلىشتا مۇقىملىقنى باھانە قىلغانلىقى، بىراق بۇنىڭ خىتايغا مۇقىملىق ئەمەس، تېخىمۇ مۇقىمسىزلىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ پارتىيە ئىچىدە تېخىمۇ كەسكىن توقۇنۇشلارغا سەۋەب بولىدىكەن.
چېن پوكوڭ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار مەڭگۈلۈك رەئىسلىك مۇقىملىق ئېلىپ كېلىدۇ، دەيدۇ. بىراق بۇ دەل مۇقىمسىزلىق ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ ماۋ زېدوڭ دەۋرىدە ئىسپاتلانغان رېئاللىق. ئەمەلىيەتتە ماۋ زېدوڭ ئۆلگەندىن كومپارتىيە ئىچىدىكى ھوقۇق تالىشىش كۈرىشى ئۇنداق كەسكىن بولۇپ باقمىدى. ئەسلى دېموكراتىك سايلام، بىلەت تاشلاپ سايلانغان قانۇنلۇق دۆلەت باشلىقى مۇقىملىقنىڭ ھەقىقىي كاپالىتى. ئەگەر شى جىنپىڭ بۇ يولدا ماڭسا، ئۇ پارتىيە ئىچىدىكى باشقا كىشىلەرنىڭ ئۆسۈش پۇرسىتىنى تارتىۋالغان بولىدۇ. بۇ پارتىيە ئىچىدىكى ھەر قايسى گۇرۇھلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ھوقۇق تالىشىش توقۇنۇشىنى كەسكىنلەشتۈرىدۇ.»
ئەركىنلىك سارىيىدىكى سارا كۇك بۇ مەسىلىدە چېن پوكوڭ ئەپەندى بىلەن پىكىرداش، ساراھ كۇكنىڭ قەيت قىلىشىچە، مەڭگۈلۈك رەئىسلىك قىسقا مۇددەتتە قىسمەن مۇقىملىقنى ساقلىسىمۇ لېكىن بۇ ئۇزۇن مۇددەتتە تېخىمۇ زور مۇقىمسىزلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىدىكەن.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر بىز قىسقا مۇددەتتىن ئالساق خىتاينىڭ ۋەزىيىتىدە باستۇرۇش بۇرۇنقىدىن تېخىمۇ قاتتىق بولۇشى مۇمكىن. لېكىن، ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مۇددەتتىن ئالغاندا بۇنداق جەمئىيەتلەر سىياسىي جەھەتتىن تېخىمۇ مۇقىمسىز بولىدۇ. مەسىلەن، 1989-يىلى تيەنئەنمېن ۋەقەسى باستۇرۇلۇپ، خىتايدا دىكتاتورىلىق كۈچەيگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭدا مۇقىمسىزلىق تېخىمۇ ئېغىرلاشتى. ئىستىبدات دۆلەتلەردە ھەر خىل چەكلىمىلەر كۈچەيگەنسېرى ئۇنىڭدا ھوقۇقنى ئوڭۇشلۇق ۋە تەرتىپلىك ئۆتكۈزۈپ بېرىش قاتارلىق مەسىلىلەر تېخىمۇ گەۋدىلىك ئىپادىلىنىپ، بۇ ئۇنىڭ ئاجىز ھالقىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالىدۇ.»
«ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى» نىڭ سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان باش ماقالىدا، «ئۆتمۈشتىكى ماۋ زېدوڭ ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبىرى ستالىننىڭ مۇتلەق دىكتاتورىلىق تەسەۋۋۇرى مەغلۇپ بولغانلىقى» ئەسكەرتىلىپ، «بىراق شى جىنپىڭ 21-ئەسىرنىڭ سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىغا تايانغان بىر يېڭى دىكتاتورىلىقنى تەسەۋۋۇر قىلىۋاتىدۇ» دېيىلگەن.
0:00 / 0:00