ياپونىيە مەتبۇئاتى: شى جىنپىڭ مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىنى قاتتىق باستۇرۇشنى تەكىتلىدى

0:00 / 0:00

شى جىنپىڭنىڭ 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە قارىتىلغان باستۇرۇشنى يەنە كۈچەيتىدىغانلىقىدىن شەپە بېرىشى ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىدا دىققەت قوزغىدى.

ياپونىيەدىن چىقىدىغان «ئاساھى شىمبۇن»، «يومىئۇرى شىمبۇن»، «نىپپون كېزاي» قاتارلىق نوپۇزلۇق گېزىتلەرنىڭ 6-مارت سانىدا بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان خىتاينىڭ 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، باش مىنىستىر لى كېچياڭ قاتارلىق رەھبەرلىرىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن ۋە خىتاينىڭ كەلگۈسى بەش يىللىق پىلانىدىن بەرگەن دوكلاتلىرى ھەققىدە بىر يۈرۈش خەۋەرلەر ئېلان قىلدى.

«ئاساھى شىمبۇن» گېزىتىنىڭ شۇ كۈنىدىكى «شى جىنپىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداشتا ئاساسلىقى مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىنى قاتتىق باستۇرۇش ۋە ئارمىيەنى كۈچلەندۈرۈش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە دېيىلىشىچە، خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بەرگەن 36 بەتلىك دوكلاتىنى بىر سائەت 50 مىنۇتتا ئوقۇپ تاماملىغان. ئۇ، دوكلاتنى ئوقۇش جەريانىدا 30 قېتىم خاتالاشقان ۋە خاتالىقلارنى ئۆزى تۈزەتكەن.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، باش مىنىستىرى لى كېچياڭدىن كېيىن سۆزگە چىققان دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىن ئەھلىگە پەقەتلا كۈلۈمسىرىمىگەن ھالدا خىتاينىڭ بەش يىللىق پىلانىدىن دوكلات بەرگەن. ئۇ، ئىككى يىل ئاۋۋال ئۆزىنىڭ باشچىلىقىدا قۇرۇلغان دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى توغرىسىدىكى يېڭى قارارى ھەققىدە توختالغان. قاراردا بۆلگۈنچىلىككە، تېررورلۇققا، دىنىي رادىكاللىققا ۋە ھۆكۈمەتكە قارشى ھەرىكەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش، جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش، ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكى بىلەن ئاخباراتقا بولغان كۆزىتىشنى كۈچەيتىش قاتارلىقلارنى تەكىتلىگەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيەدىكى خىتاي ئىشلىرى مۇستەقىل تەتقىقاتچىسى يۈكى ساتو بۇ ھەقتە توختىلىپ: «شى جىنپىڭ دۆلەتنىڭ يېڭى پىلانىدا يەنىلا ئۇيغۇر، تىبەتلەرنى قاتتىق باستۇرۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتلىكىنى ئەسكەرتىۋاتىدۇ. ئەگەر خىتاي دۆلىتى ئۇيغۇر، تىبەتلەرنى ئۈزلۈكسىز باستۇرۇشنى كۈچەيتسە، خىتايدىكى مىللەتلەر مەسىلىسى مۇرەككەپلىشىپ، مىللىي توقۇنۇشلارنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ» دېدى.

ياپونىيەدىكى باشقا مەتبۇئاتلاردىمۇ ئوخشاشلا شى جىنپىڭنىڭ مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇش توغرىسىدىكى دوكلاتى ئۈستىدە كۆپلىگەن ماقالىلەر ئېلان قىلىنىپ، خىتاي تەكىتلەۋاتقان مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر، تىبەتلەرنىڭ ئۆز ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش يولىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ياپونىيەدىكى بىر قىسىم خىتاي ۋەزىيىتى ئانالىزچىلىرىنىڭ قارىشىچە، خەلقئارادا ئۇيغۇر، تىبەت مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈش كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاينىڭ ئۇلارنى باستۇرۇش ھەققىدە يېڭى پىلان ھازىرلىشى، خىتاينىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنىڭ تۈپ ئىپادىسى ھېسابلىنىدىكەن.

«ئاساھى شىمبۇن» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىدە ئەسكەرتىلىشىچە، شى جىنپىڭ دوكلاتىدا دېڭىز-ئوكيانلاردىكى ئارال ۋە تاقىم ئاراللارغا بولغان خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى كۈچەيتىشنى ئاساسلىق تېما قىلغان ۋە دۆلەت مۇداپىئە خىراجىتىنى 7.6% ئۆستۈرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ئىقتىسادى تۆۋەنلىگەن بىر ۋاقىتتا، بېيجىڭ دۆلەت مۇداپىئە خىراجىتىنى ئىلگىرىكى يىللارغا قارىغاندا ئانچە كۆپ ئۆستۈرمىگەن. خىتاي 6 يىل ئۇدا ھەربىي خىراجەتنى ھەر يىلى 10% تىن ئاشۇرۇپ ماڭغان ئىكەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيەدىكى «جۇڭگوغا نەزەر» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى مېيكا مۇشا بۇ ھەقتە توختىلىپ: «خىتاينىڭ ئۈزلۈكسىز ھەربىي خىراجىتىنى ئاشۇرۇشى قوشنا دۆلەتلەرگە تەھدىت بولۇۋاتىدۇ، بولۇپمۇ ياپونىيە تەرەپ بۇنىڭدىن تولىمۇ ئەندىشە قىلىۋاتىدۇ» دېدى.

شى جىنپىڭ دوكلاتتا يەرلىك بىلەن ئارمىيەنى بىرلەشتۈرۈش، يەرلىكلەرنىڭ ئارمىيەنى ھىمايە قىلىشى ۋە ھەر جەھەتتىن ئەسكەرلەرگە ياردەم بېرىشىنى تەشەببۇس قىلغان بولۇپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەردىن ئارمىيەنى قوللاپ، نېفىت بىلەن ھەقسىز تەمىنلىگەن خەينەن ئۆلكىسىنى مىسال قىلىپ تىلغا ئالغان.

شى جىنپىڭ دۆلەتنىڭ كەلگۈسى بەش يىللىق پىلانىدا خەلق تۇرمۇشى، مۇھىتنى ياخشىلاشنى، كۆك ئاسمان بەرپا قىلىش بىلەن بىرگە گۈزەل جۇڭگو قۇرۇشنى بايان قىلغان.

ئۇ شۇنداقلا يەنە، ئۆتكەن يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن فاشىزمغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىنى ئالاھىدە ئەسلەپ ئۆتكەن.

دوكلاتتا شى جىنپىڭ فۇجيەن ئۆلكىسىدىن تەيۋەنگىچە بولغان تىز سۈرەتلىك تۆمۈر يول قۇرۇلۇش پىلانى ھەققىدە توختالغان. بىراق تورلاردىكى ئىنكاسلاردا: «بېيجىڭنىڭ بۇ پىلانىغا تەيۋەن دائىرىلىرىنىڭ قوشۇلغان ۋە قوشۇلمىغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس» دېيىلگەن.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.