خىتايدا بۇ يىل 3-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن 18-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمى يىغىنىدا شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدە دۆلەت بىخەتەرلىكى كومىتېتى قۇرۇلغان ئىدى. سەيشەنبە كۈنى مەزكۇر كومىتېتنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك يىغىنى ئېچىلدى.
خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىندا قىلغان سۆزىدە خىتايدا «جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان دۆلەت بىخەتەرلىكى سىياسىتىنى يولغا قويۇش» تىن ئىبارەت يېڭى ئۇقۇمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇلار، شى جىنپىڭنىڭ بۇ ئارقىلىق ھوقۇقنى تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ مەركەزلەشتۈرۈپ، كونتروللۇقنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى كومىتېتىنىڭ بۈگۈن ئېچىلغان تۇنجى نۆۋەتلىك يىغىنىنى ئۆزى بىۋاسىتە باشقۇرغان ۋە سۆز قىلغان. ئۇ سۆزىدە، زېمىن بىخەتەرلىكى ۋە پۇقرالار بىخەتەرلىكىگە ئەھمىيەت بېرىشنى، دۆلەت بىخەتەرلىكى كۆز قارىشىنى بىر پۈتۈنلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان دۆلەت بىخەتەرلىكى سىياسىتى بويىچە ئىش كۆرۈشنى تەكىتلىگەن.
شى جىنپىڭ سۆزىدە دۆلەت بىخەتەرلىكى كومىتېتىنى قۇرۇشتىكى مەقسەتنى «دۆلەت بىخەتەرلىكى يۈزلىنىۋاتقان يېڭى ۋەزىيەت ۋە يېڭى ۋەزىپىلەرگە ماسلىشىش، مەركەزلىشىپ، بىرلىشىپ، دۆلەت بىخەتەرلىك خىزمەتلىرىگە بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش» دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «سىرتقى ۋە ئىچكى بىخەتەرلىككە ئەھمىيەت بېرىش، ئىچكى جەھەتتە تەرەققىيات، ئىسلاھات ۋە مۇقىملىقنى تەكىتلەپ، بىخەتەر جۇڭگو قۇرۇش. تاشقى جەھەتتە تىنچلىقنى، ھەمكارلىقنى، ئورتاق مەنپەئەتنى تەكىتلەپ تىنچ دۇنيا بەرپا قىلىش لازىم.»
شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتى ئۇنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، ھەم ئەنئەنىۋى بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى، ھەم زامانىۋى بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، بۇ سىياسىي بىخەتەرلىك، دۆلەت زېمىنى بىخەتەرلىكى، ھەربىي ئىشلار بىخەتەرلىكى، ئىقتىسادىي بىخەتەرلىك، مەدەنىيەت بىخەتەرلىكى، جەمئىيەت بىخەتەرلىكى، پەن-تېخنىكا بىخەتەرلىكى، ئۇچۇر بىخەتەرلىكى، بايلىق مەنبە بىخەتەرلىكى ۋە يادرو بىخەتەرلىكىگە ئوخشاش بىر قاتار دۆلەت بىخەتەرلىكى سىستېمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
كۆزەتكۈچىلەردە ھازىر دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتىگە قارىتا ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار مەۋجۇت. بەزى كۆزەتكۈچىلەر خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ سىياسىي ئەنئەنىسىگە قارىغاندا، دۆلەت بىخەتەرلىكى كومىتېتىنىڭ ئاساسلىق ئىچكى مۇقىملىقنى قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بولسا بۇ كومىتېتنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتىنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى مۇنداق دېدى :
-شى جىنپىڭ بۇ مەسىلىنى ئىلگىرىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ نۇرغۇن دۆلەتلەردە دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئىچكى ۋە تاشقى مەسىلىلەرنى بىر تۇتاش باشقۇرىدىغان بىر ئورگاننىڭ مەۋجۇتلۇقىنى مىسال كۆرسىتىپ تۇرۇپ، خىتايدىمۇ مۇشۇنداق بىر ئورگان بولۇشى كېرەكلىكىنى تىلغا ئېلىپ كەلگەن. ھازىر خىتاي زورىيىۋاتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتە يولۇقۇۋاتقان مەسىلىلىرىمۇ ئۆزگىرىۋاتىدۇ، زورىيىۋاتىدۇ. شۇڭا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىر تۇتاش باشقۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەلۋەتتە شى جىنپىڭنىڭ بۇ كومىتېتنى قۇرۇشتىكى مەقسىتى پەقەتلا بۇ ئەمەس. شى جىنپىڭ بىرىنچىسى، بۇ ئارقىلىق ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈۋاتىدۇ. چۈنكى بىزگە مەلۇم بولغاندەك، ئۇ ماۋ زىدۇڭ ياكى دىڭ شياۋپىڭغا ئوخشاش ياكى خۇ جىنتاۋغا ئوخشاش كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە بىر رەھبەر ئەمەس. شۇڭا ئۇ ئۆزىنىڭ سىياسىي تەسىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ھەممە ھوقۇقلارنى قولىغا ئېلىشى كېرەك. ئىككىنچىدىن، خىتاينىڭ تاشقى خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرىمۇ بارغانچە مۇرەككەپلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. ياپونىيە، فىلىپپىن ۋە شۇنداقلا ۋىيېتنام بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى كەسكىنلىشىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ قوشنا دۆلەتلىرى ئىچىدە دوست دۆلەت قالمىدى. بۇ خىتاي ئۈچۈن خەتەرلىك ئەھۋال. ئامېرىكىنىڭ خىتاينى مۇھاسىرىگە ئېلىش ئىستراتېگىيىسى بار. ئۈچىنچىدىن، خىتاينىڭ ھازىرقى ئىچكى مۇقىملىقىمۇ ئىنتايىن مۇرەككەپ. يەنە كېلىپ ئۇيغۇر ۋە تىبەت مەسىلىلىرى مەۋجۇت. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك، خىتاي دۇنيادىكى ئىچكى مۇقىملىقنى قوغداشقا ئەڭ كۆپ مەبلەغ ئاجرىتىدىغان بىردىن-بىر دۆلەت. شۇڭا مانا مۇشۇنداق بىر مۇرەككەپ ۋەزىيەت ئاستىدا، شى جىنپىڭنىڭ بىر تۇتاش باشقۇرىدىغان بىر مەركىزى بىخەتەرلىك كومىتېتىغا ئېھتىياجى بار.
شى جىنپىڭ سەيشەنبە كۈنىدىكى سۆزىدە يەنە، بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ ھەم تەرەققىياتقا، ھەم بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ «تەرەققىيات دېگەن بىخەتەرلىكنىڭ ئاساسى. بىخەتەرلىك دېگەن تەرەققىياتنىڭ شەرتى. باي دۆلەت بولغاندىلا كۈچلۈك ئارمىيىگە ئىگە بولغىلى، كۈچلۈك ئارمىيىگە ئىگە بولغاندىلا دۆلەتنى قوغدىغىلى بولىدۇ» دېگەن سۆزنى قىلغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە شى جىنپىڭ دۈشەنبە كۈنى ھاۋا ئارمىيە باش قوماندانلىق شتابىنى زىيارەت قىلغاندىمۇ ئۇلاردىن ھاۋا مۇداپىئە ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغان. خىتاي گەرچە داۋاملىق ئۆزىنىڭ ھەربىي تەرەققىياتىنىڭ تىنچلىقپەرۋەرلىكىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ھەرىكىتى بۇنىڭ ئەكسىچە ئىدى. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىمۇ خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتىنىڭ ھەم رايونغا، ھەم ئۆزىگە پايدىسىز يۆنىلىشكە قاراپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى:
-سىياسەتتە ئىككىلەم دەيدىغان بىر سۆز بار. خىتايدا ھازىر بولۇۋاتقىنى مەن ئۆزۈمنى قوغدايمەن دەپ كۈچىيىۋاتىمەن، قوشنام مەندىن قورقۇپ ئۆزىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋاتىدۇ دېگەندىن ئىبارەت. خىتاينىڭ ھەربىي كۈچى زورايغانسېرى خىتايغا قوشنا ئاسىيا ئەللىرىمۇ ھەربىي كۈچىنى كۈچەيتىۋاتىدۇ. قورال-ياراق سودىسىغا ئالاقىدار دوكلاتلارغا قارايدىغان بولساق، يېقىنقى يىللاردا ئەڭ كۆپ قورال-ياراق سېتىۋالغان دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى خىتايغا قوشنا دۆلەتلەردۇر. خىتاي ھازىر ئۆزىنىڭ ھەربىي كۈچى ۋە قوشنىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى قانداق قىلىپ مۇۋاپىق تەڭشەشنى بىلەلمەيۋاتىدۇ. جۈملىدىن، خىتاي ھازىر ئاسىيادىكى خەتەرلىك كۈچكە ئايلىنىۋاتىدۇ.
خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خىتاي كومپارتىيىسى ۋە شۇنداقلا ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى بولغاندىن سىرت يەنە، يېقىندا دۆلەت ئىسلاھات كومىتېتى ھەم شۇنداقلا مەركىزى ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىمۇ قۇرۇپ، ئۇلارنىڭ رەھبەرلىكىنىمۇ بىۋاسىتە ئۈستىگە ئالغان ئىدى. بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىلەردىن قارىغاندا، شى جىنپىڭنىڭ خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىكى كومىتېتى قۇرۇپ، خەۋپسىزلىككە ئالاقىدار مەسىلىلەرنى بىر تۇتاش باشقۇرۇشى خىتايدىكى ساقچى، ئارمىيە، ئىستىخبارات ۋە دىپلوماتىيە ئورگانلىرى ئارىسىدىكى ئۆز-ئارا ماسلىشالماسلىق ۋەزىيىتىگە خاتىمە بېرىپ، بىر پۈتۈنلۈك يارىتىدىكەن. ئەمما شى جىنپىڭ دەۋاتقان «جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە دۆلەت بىخەتەرلىكى سىياسىتى» پۇقرالار ئۈستىدىكى قامالنىڭ كۈچىيىشىدىنمۇ دېرەك بېرىدىكەن.
ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى سۆزىدە، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئەزەلدىن ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈش ئارقىلىق، ھاكىمىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنلىكىنى، شۇڭا ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاش ئۈچۈن خەلققە قاراتقان قامالنىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى، بۇ يەردىكى جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە دۆلەت بىخەتەرلىكى دېگەن سۆزدىمۇ ھېچبىر يېڭىلىق يوقلۇقىنى، ئۇنىڭ پەقەت كونا ئۇسلۇبتىكى ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ھاكىمىيىتىنى چىڭداشتىن ئىبارەت كونا پەدىنىڭ يېڭىچە ئاتىلىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.