ئىلشات ھەسەن: شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇر ئېلى زىيارىتى ئاخىرلاشماي تۇرۇپ مەغلۇپ بولدى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئېلىنى كۆزدىن كەچۈرۈۋاتقان، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ زىيارەت پائالىيىتى ۋە ئۇنىڭ قىلغان سۆزلىرى دۇنيا مەتبۇئاتىنىڭ شۇنداقلا چەتئەلدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ يېقىندىن كۆزىتىشىدە بولۇپ كەلمەكتە.

شى جىنپىڭ گەرچە ئۇيغۇر ئېلىدە تېررورىزم، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قاراتقان زەربىنى كۈچەيتىشنى ئەڭ مۇھىم مەسىلە سۈپىتىدە كۈچلۈك رەۋىشتە تەكىتلىگەن بولسىمۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قەدەم باسقان 3-كۈنىلا ئۈرۈمچىدە پارتلاش يۈز بەردى. گەرچە ھازىرچە ۋەقەنىڭ كىملەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئېنىق بولمىسىمۇ سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر «بۇ ۋەقەنىڭ ئۆزىلا شى جىنپىڭ ئۇيغۇر ئېلى زىيارىتىگە بېرىلگەن جاۋاب، بۇ يەنە شى جىنپىڭ سىياسىتىنىڭ مەغلۇبىيىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ...» دەپ مۇلاھىزە قىلماقتا.

ئۇنداقتا شىجىنپىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە يەنە قانداق سىياسىي غەرەزلەر بىلەن كەلگەن ئىدى؟ ئۇنىڭ بۇ زىيارىتى خىتاينىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسىي ۋەزىيىتى ھەم ئىستراتېگىيىلىرى بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار؟

بۇ ھەقتە ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى ۋە سىياسىي مۇلاھىزىچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلاڭ.