خىتاي كومپارتىيىسى سىياسىي بيۇروسى ئۆتكەن ئاينىڭ 19-كۈنى «شىنجاڭ خىزمىتى» ھەققىدە ئالاھىدە يىغىن چاقىرغان. يىغىنغا كومپارتىيە رەھبىرى شى جىنپىڭ رىياسەتچىلىك قىلغان.
خىتاي ئاخباراتىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يىغىندا شى جىنپىڭ «شىنجاڭ خىزمىتى» گە ئالاقىدار تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەم ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بارغان.
بىراق، ھېچ قانداق بىر خىتاي ئاخباراتى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپ، «شىنجاڭ خىزمىتى» گە ئالاقىدار ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارىلىمىغان. ئەمما، خىتاي ئاخباراتلىرىدا بۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بۈگۈن، كېلەچىكى ۋە «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىشى» گە ئالاقىدار زور ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز، ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق يىپەك يولى مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى، دوكتور قاھار بارات بىلەن، بۇ يىغىن ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.