ئىستانبۇلنىڭ بەيئوغلى شەھەر باشلىقى، شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ كۆرگەزمە زالىدا، «شىنجاڭ-ئاتا يۇرت» نامىدا ئېچىلغان رەسىم كۆرگەزمىسىگە رۇخسەت بەرگەنلىكىنى «دىققەتسىزلىك» دېدى ۋە ئۇيغۇرلاردىن كەچۈرۈم سورايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2013-يىلى 21-ماي ئىستانبۇلنىڭ بەيئوغلى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ سەنئەت كۆرگەزمە زالىدا «شىنجاڭ-ئاتا يۇرت» دېگەن نامدا، تۈرك فوتو سۈرەتچى تاھىر ئۈن ئىسىملىك كىشىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن تارتىپ كەلگەن رەسىملىرى كۆرگەزمىگە قويۇلدى. بۇ رەسىم كۆرگەزمىسىدە ئاساسلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ رەسىملىرى كۆرگەزمىگە قويۇلغان بولۇپ، رەسىملەرنىڭ بەزى قىسىملىرىدا خىتايلارنىڭ رەسىملىرى شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ماۋ زېدۇڭنىڭ چوڭ ھەجىملىك رەسىمىنىڭ ئالدىدا تۇرغان كۆرۈنۈشلەر كۆرگەزمىگە قويۇلغان.
تاھىر ئۈن بۇ كۆرگەزمە توغرىسىدا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، تۈركلەر ئاتا يۇرتىمىز دەپ ئاتايدىغان ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نامىغا «شىنجاڭ» دېگەن ئىسىمنى قوللانغان، ۋە ئۇ يەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تىلىدا دەرس ئوقۇيالايدىغانلىقىنى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى، ئۈرۈمچى قەتلىئامىدا تۈركىيە ئاخباراتلىرىدا خاتا مەلۇمات ئېلان قىلىنغانلىقىنى، بۇ خاتا ئاخباراتلار سەۋەبىدىن تۈركىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى خىتايغا قارشى بايانات بەرگەنلىكىنى داۋا قىلغان. بىراق شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بۇ رەسىم كۆرگەزمىسىگە قارشى چىقتى ۋە رەسىم كۆرگەزمىسىنى تارقىتىۋەتتى.
رەسساملىق بىر سەنئەتتۇر، ئەمما تۈرك رەسسام تاھىر ئۈن ئۆتكەن يىلى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىپ ھەر قايسى شەھەرلەرنى 20 كۈن ئايلىنىپ يۈرۈپ رەسىمگە تارتىپ كەلگەن ۋە بۇ رەسىملەرنى تۈركىيەدە كۆرگەزمىگە قويۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ياخشى باشقۇرۇلۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلار بىلەن ئىناق-ئىتتىپاق ياشاپ كېتىۋاتقانلىقىنى، قوش تىللىق مائارىپ سىستېمىسى بويىچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئوقۇۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي رېجىمىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەشكە ئۇرۇنغان.
بۇ رەسىم كۆرگەزمىسىگە قارشى چىققان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بايانات ئېلان قىلدى ھەمدە مەزكۇر رەسىم كۆرگەزمىسىنى ئېچىشقا رۇخسەت قىلغان بەيئوغلى شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە ئوچۇق خەت يېزىپ نارازىلىقىنى بىلدۈردى ۋە بۇ رەسىم كۆرگەزمىسىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
بۇ مەكتۇپ شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ رەسمىي تور بېتىدە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، فېسبۇك ۋە تىۋېتتېر قاتارلىق خەلقئارالىق ئىجتىمائىي ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق كەڭ تارقالدى ۋە بەيئوغلى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنى ئەيىبلەپ پىكىر-ئىنكاسلار يېزىلدى.
بەيئوغلى شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە يېزىلغان ئوچۇق مەكتۇپتا مۇنداق يېزىلغان:
ھۆرمەتلىك شەھەر باشلىقى، سىزنىڭ شەھەرنىڭ باشقۇرۇشىدىكى بەيئۇغلى شەھەرلىك سەنئەت كۆرگەزمىسىدە، 21-ماي، 1-ئىيۇل ئوتتۇرىسىدا تاھىر ئۇننىڭ «شىنجاڭ-ئاتا يۇرت» ناملىق رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپتۇق. بۇ رەسىم كۆرگەزمىسى ئىسمىدىن بىلىنگەندەك، پۈتۈنلەي خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىش مەقسىتى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان. ئۇ يەردە قويۇلغان رەسىملەردە ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئاتالمىش خىتاي رېجىمىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكى، خىتاي ھاكىمىيىتىگە بولغان ھۆرمىتى، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە سادىق ئىكەنلىكى ئىپادىلەنگەن. بۇ ئەمەلىيەتتە تۈرك مىللىتىگە ۋە شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر خەلقىگە قىلىنغان چوڭ بىر تۆھمەتتۇر. تۈرك مىللىتى مەيلى شانلىق ئوسمانلى ئىمپېراتورلۇقى دەۋردە بولسۇن، مەيلى ئازادلىق ئۇرۇشىدا تۈرك مىللىتىنىڭ خاراكتېرىگە، دىنىي ئېتىقادىغا، مىللىي ئازادلىقىغا زىت كېلىدىغان رېجىملەرنىڭ تۈرك زېمىنىنى ئىشغال قىلىشىنى قوبۇل قىلمىغانغا ئوخشاش، شەرقىي تۈركىستان خەلقىمۇ كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىشغالىيىتىگە قارشى چىقتى. قوبۇل قىلمىدى ۋە ھازىرغىچە ئازادلىق كۈرەشلىرىنى داۋام قىلىۋاتىدۇ. بىر قانچە يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن 7-ئىيۇل ئۈرۈمچى ھەرىكىتى بۇنىڭغا شاھىتتۇر. بۇ ۋەقەگە نىسبەتەن ھۆرمەتلىك باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردۇغان، بۇ بىر قىرغىنچىلىق، دەپ ئىپادىلىشى، شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي كوممۇنىست زۇلۇمىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئوپ-ئۇچۇق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندا ھازىرمۇ خىتاي زۇلۇمى ۋە بېسىمى كۈندىن-كۈنگە چەكتىن ئېشىپ داۋام قىلماقتا.
مەكتۇپنىڭ داۋامىدا يەنە مۇنداق يېزىلغان:
بىز تۈركىيەدە ياشاۋاتقان 300 مىڭدىن ئارتۇق شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ۋاكالىتەن شەھىرىڭىزدە تۈرك قېرىنداشلارغا خىيانەت قىلغان بۇ ئويۇننى بۇزۇشنى ۋە خىتاينىڭ تەتۈر تەشۋىقاتلىرىغا ئالدىنىپ كەتمەسلىكنى ۋە ئۇلارنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئوينىماسلىقنى تەلەپ قىلىمىز.
ئەسلى تۈرك مىللىتىگە خىزمەت قىلىشنى مەقسەت قىلغان شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىدارىسىنىڭ بۇ خىل تۈرك مىللىتىنىڭ غۇرۇرىنى يەنچىيدىغان پائالىيەتلەرنى قوللىماسلىقىنى تەلەپ قىلىمىز. بۇ رەسىم كۆرگەزمىسىگە ئالاقىدار بىزنىڭ ئېتىرازلىرىمىز تۆۋەندىكىچە: بىز، رەسىم كۆرگەزمىسىنىڭ نامىدا ئىپادىلىگەن شىنجاڭ سۆزىگە قەتئىي قارشى تۇرىمىز، بىزنىڭ ۋەتىنىمىزنىڭ نامى شەرقىي تۈركىستان.
رەسىم كۆرگەزمىسىدىكى رەسىملەرنىڭ 30 مىليون شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ۋەكىللىك قىلمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلىمىز.
بۇ كۆرگەزمىنىڭ تۈركىيەدە ئېچىلىشى ئادەتتىكى بىر مەدەنىيەت پائالىيىتى بولماستىن، بەلكى قولى قان بىلەن بويالغان خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ، شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلارغا قوچاق ئاچقان تۈرك مىللىتىنى ئالداش، ئۇلارنىڭ زېھنىدە خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىش ۋە ئېزىقتۇرۇش مەقسىتىدە پىلانلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئويۇننىڭ بىر پارچىسى دەپ قارايمىز.
ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر مەكتۇپنى بەيئوغلى شەھەر باشلىقىنىڭ ئى خەت ئادرېسىغا نۇرغۇن كىشى ئارقا-ئارقىدىن يوللىغان بولۇپ نەتىجىدە، بەيئوغلى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئۆزجان توكەل ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخانغا تېلېفون قىلىپ، ئۇيغۇرلاردىن كەچۈرۈم سورايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن ۋە بۇ مەسىلىدە دىققەتسىزلىك تۈپەيلىدىن بۇ رەسىم كۆرگەزمىسىنى ئېچىشقا رۇخسەت قىلىنغانلىقىنى، رەسىم كۆرگەزمىسىنى بەلگىلەنگەن مۇددەتتىن بۇرۇن تاقىۋەتكەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە جىددىي قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.