ئاۋسترالىيە ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇسالام شۋېتسىيە-ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 64 يىلدىن بېرى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان تۈرلۈك زۇلۇم ۋە باستۇرۇشلىرىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
شىۋېتسىيە پارلامېنتىدا قۇرۇلغان شۋېتسىيە-ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 16-ئاپرېل كۈنى پارلامېنت بىناسىنىڭ يىغىن زالىدا دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. شىۋېتسىيە پارلامېنتى ئەزاسى، شۋېتسىيە-ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى مۇھەممەت قاپلاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلغان مەزكۇر يىغىندا، ئاۋسترالىيە ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇسالام ئابدۇغېنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە دوكلات بەردى.
شىۋېتسىيە پارلامېنتىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ يىغىنغا شىۋېتسىيەدىكى ھەرقايسى پارتىيىلەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى، سىياسەتچىلەر، شەرقىي تۈركىستاننى تەتقىق قىلىۋاتقان تەتقىقاتچىلار، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ رەئىسلىرى، سەئۇدى ئەرەبىستان، تۈركىيە ۋە شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلەر، مۇخبىرلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.
پارلامېنت ئەزاسى مۇھەممەت قاپلان يىغىن ئەھلىگە شۋېتىسيە-ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرۇلۇش جەريانى ۋە قىلىۋاتقان خىزمەتلىرى ھەققىدە قىسقىچە دوكلات بەردى ھەمدە يىغىنغا قاتناشقۇچىلارغا رەھمىتىنى بىلدۈردى.
ئاۋسترالىيە ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇسالام ئابدۇغېنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېقىنقى زامان تارىخى ۋە ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە تەپسىلىي دوكلات بەردى.
ئابدۇسالام دوكلاتىدا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى، ئىقتىسادى ئەھۋالى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، دىنى، مائارىپى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، يېقىنقى زاماندا قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالى، قۇرغۇچى شەخسلەر ھەمدە بۇ جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ يىقىلىشىغا سەۋەب بولغان دۆلەتلەر ۋە ئامىللارنى ئەمەلىي پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 64 يىلدىن بېرى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ھەر خىل زۇلۇملىرىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2009-يىلى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئېلىپ بېرىۋاتقان بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرۈش، ئىز-دېرەكسىز يوق قىلىۋېتىش، قانۇنسىز ھالدا تۈرمىگە قاماش، جازا مۇددىتىنى سەۋەبسىز ئۇزارتىشقا ئوخشاش جىنايەتلىرىنى پاش قىلىپ، ئىلھام توختى، ئابدۇلكەرىم ئابدۇۋەلى، ئابدۇۋەلى ئايۇپقا ئوخشاش زىيالىيلارنىڭ ئەھۋالىنى مىسال قىلىپ سۆزلەپ ئۆتتى.
ئابدۇسالام ئابدۇغېنى دوكلاتتىن كېيىن قاتناشقۇچىلار تەرىپىدىن سورالغان سوئاللارغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بەردى.
يىغىن ئاخىرىدا، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان پارلامېنت ئەزاسى مۇھەممەد قاپلان بۇ قېتىمقى دوكلاتنى پارلامېنت ئىچىدە ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن شۋېتسىيە-ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى ئورۇنلاشتۇرغان شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدىكى دوكلات بېرىش يىغىنىدا، ئاۋسترالىيە ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇسالام ئابدۇغېنى بىزگە شەرقىي تۈركىستان تارىخى ۋە ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى. بىز شىۋېتسىيە پارلامېنتىدا بۇنىڭغا ئوخشىغان پائالىيەتلەرنى داۋاملىق ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىمىز. بۇ يىغىننى ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى مەقسىتىمىز بولسا، شىۋېتسىيە پارلامېنتىدىكى شىۋېتسىيە-ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنى كېڭەيتىش، دوستلۇق گۇرۇپپىسىغا كىرىدىغان نامزاتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى چۈشىنىشىگە ئاساس سېلىش ئۈچۈندۇر.»
دوكلات بېرىش يىغىنى شۇ يەر ۋاقتى 14:00دە باشلىنىپ، 16:00دە ئاياغلاشتى.