شىۋېتسىيەدە ئومۇمى سايلام ھەر تۆت يىلدا بىر ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، بۇ قېتىملىق سايلام 9-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ، 27-ئاۋغۇستتىن باشلاپ سايلامغا قاتنىشىدىغان ھەر قايسى پارتىيىلەر شىۋېتسىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەر، رايونلاردا سايلام تەشۋىقاتىنى باشلىدى.
شىۋېتسىيەدە پارلامېنتقا كىرگەن ئاساسلىق پارتىيىلەردىن 8 پارتىيە بولۇپ، بۇ قېتىمقى ئومۇمى سايلامدا، پارلامېنت ئەزالىرى ۋە شەھەر باشلىقلىرىمۇ سايلاپ چىقىلىدۇ.
تولۇقسىز مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، نۆۋەتتە شىۋېتسىيەدە 2000 گە يېقىن ئۇيغۇر ياشايدۇ. بۇنىڭ 500 گە يېقىنى شىۋېتسىيە ۋەتەندىشى.
شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بۇ سايلامغا قانداق تەييارلىقلاردا ۋە قانداق پائالىيەتلەردە بولۇۋاتىدۇ؟ سايلامغا ئاۋاز تاشلايدىغان ئۇيغۇرلار ئاۋازىنى قايسى پارتىيىلەرگە تاشلاش كېرەك؟ دىنىي نۇقتىدىن سايلامغا ئاۋاز تاشلاشقا قانداق قاراش كېرەك؟
بۇ سوئاللارغا جاۋاب ئېلىش ئۈچۈن، شىۋېتسىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى رەئىسى نىجات تۇرغۇن ۋە دىنىي زىيالىي ئابدۇللا ئەھەدنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇلار بۇ خىلدىكى سايلاملارغا ئاۋاز بېرىشتە، ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق قىلىشى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.