شىۋېتسىيە پايتەختى سىتوكھولمدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقى، بولۇپمۇ 28-ئىيۇل كۈنى يەكەن ناھىيىسىنىڭ 4 يېزىدا ئۇيغۇرلارنى ۋەھشىيلەرچە قىرغىن قىلغانلىقى ۋە 23-ئاۋغۇست خىتاي سوت مەھكىمىسىنىڭ 8 نەپەر ئۇيغۇرنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغانلىقىغا قارشى شىۋېتسىيەدە نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

نامايىشنى شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، نامايىش 2014-يىلى 5‏-سېنتەبىر كۈنى شىۋېتسىيە ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سىتوكھولمدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئېلىپ بېرىلدى.

نامايىشچىلار قوللىرىغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى، 5-ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدا شېھىت بولغانلارنىڭ رەسىملىرى، «خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەتسۇن» دېگەن شوئارلار يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ خىتاي ئەلچىخانىسىغا قاراپ ھەر خىل تىللاردا شوئار توۋلىدى.

كېيىن شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد، ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىغا ۋاكالىتەن خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقى ۋە زوراۋانلىقلىرىنى ئەيىبلەپ يازغان باياناتىنى ئوقۇپ ئۆتتى.

نامايىش داۋامىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان، ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇللا ئەھەد نامايىشنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ھەققىدە توختالدى. ئۇيغۇر كومىتېت ئىجرائىيە بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى قۇربانجان نامايىش تەسىراتىنى ئىپادىلىدى.

ئاخىرىدا نامايىشچىلار زوراۋان خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ زۇلۇملىرىغا غەزەپ-نەپرىتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن خىتاينىڭ قىزىل بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىدى.

نامايىش شۇ يەر ۋاقتى 14:30 دا باشلىنىپ، 16:00 دە ئاخىرلاشتى.