1-ئۆكتەبىر شىۋېتسىيەدە خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىش ئېلىپ بېرىلدى

0:00 / 0:00

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىۋالغانلىقىنىڭ 65 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى سىتوكھولمدا تۇرۇشلۇق خىتاينىڭ باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ نامايىشنى شىۋېتسىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، نامايىشقا سىتوكھولم ۋە ئەتراپتىكى شەھەردىن كەلگەن ئۇيغۇرلار قاتناشتى.

نامايىشچىلار قوللىرىغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى بىلەن 5-ئىيۇل ۋەقەسىدە ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ رەسىملىرىنى كۆتۈرگەن ھالدا، «تاجاۋۇزچى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغاندىن بۇيان ئېلىپ بېرىۋاتقان زوراۋانلىقلىرىغا قارشى تۇرىمىز» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاپ، ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان غەزەپ-نەپرىتىنى ئىپادىلەپ ھەرخىل تىللاردا شوئارلارنى توۋلاشتى.

نامايىشتا شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نىجات تۇرغۇن، تەشكىلاتقا ۋاكالىتەن خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان دۆلەت تېررورلۇقى ھەرىكەتلىرىنى ئەيىبلەپ يازغان، ئۇيغۇرچە ۋە شۋېدچە باياناتىنى ئوقۇپ ئۆتتى. ئارقىدىن ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد باشچىلىقىدا بىر گۇرۇپپا خىتاي ھاكىمىيىتىگە يازغان ئوچۇق خەتنى ئېلىپ خىتاي ئەلچىخانىسى دەرۋازىسى ئالدىغا بېرىپ، ئوچۇق خەتنى ئەلچىخانا خەت ساندۇقىغا سېلىۋەتكەندىن كېيىن، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

ئارقىدىن نامايىشچىلار ئۆزلىرىنىڭ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا بولغان غەزىپىنى ئىپادىلەپ خىتاي بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىدى.

نامايىش جەريانىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مۇنىرە خانىم، ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇللا ئەھەد، ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى رەئىسى ئەخمەتجان تۇرسۇن قاتارلىقلار ئۇيغۇلارنىڭ بۇ كۈننى ماتەم كۈنى دەپ خاتىرىلەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

شىۋېتسىيە ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 14:00 باشلانغان نامايىش 15:30 دا تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ئۆمەر مەخسۇمنىڭ دۇئاسى بىلەن ئاخىرلاشتى.