«شىۋېتسىيە ئىسلام جەمئىيەتلىرى بىرلەشمىسى» ۋە «شىۋېتسىيە ئىمام خاتىپ مەسلىھەت كېڭىشى» قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ 9-نۆۋەتلىك يىللىق ئومۇمى يىغىنى 10-ئۆكتەبىر كۈنى سىتوكھولمنىڭ لۇندا رايونىدىكى لۇندا ئىسلام مەكتىپىنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.
شىۋېتسىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان تەشكىلاتلاردىن «تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى»نىڭ مەسئۇلى ئۆمەر ئەزىز، باش كاتىپى ئابدۇللا كۆكيارمۇ يىغىنغا تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.
شىۋېتسىيە ئىسلام جەمئىيەتلىرى بىرلەشمىسى شىۋېتسىيەدىكى بارلىق ئىسلام مەدەنىيەت مەركەزلىرى ۋە مەسچىتلەرنى نازارەت قىلىش، ئىمام خاتىپلارغا مەسلىھەت بېرىش ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئەڭ ئالىي دىنىي ئورگان بولۇپ، بۇ ئورگان شىۋېتسىيەنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت ۋە شەھەرلىرىگە جايلاشقان 150 دىن ئارتۇق دىنىي جەمئىيەت ۋە مەسچىتلەرنىڭ قانۇنلۇق ۋەكىلى سۈپىتىدە شىۋېتسىيەدىكى ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرىنىڭ قانۇنى ھەق-ھوقۇقلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىكەن.
ئورگاننىڭ يىللىق ئومۇمى يىغىنىدا شىۋېتسىيەنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت ۋە شەھەرلىرىدىن كەلگەن دىنىي جەمئىيەت باشلىقلىرى ۋە مەسچىت ئىماملىرى، شىۋېتسىيەدىكى يېرىم مىليوندىن ئارتۇق ھەر مىللەت مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ دىنىي ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، مۇسۇلمانلارنى شىۋېتسىيە جەمئىيىتىگە ھەسسە قوشۇشقا تەرغىب قىلىش، دىنغا قارشى سىياسىي گۇرۇھلارنىڭ ئاشقۇنلۇقى شۇنداقلا ئىجتىمائىي ھەقسىزلىكلەر تۈپەيلى مەيدانغا چىققان ئۈمىدسىزلىنىش سەۋەبلىك كېلىپ چىققان بەزى دىنىي ئاشقۇنلۇق مەسىلىلىرىنىڭ نېگىزلىك سەۋەب ئامىللىرىنى تەتقىق قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئىلمي مۇھاكىمە قىلىپ ھەل قىلىش چارە -تەدبىرلىرى ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ، ھۆكۈمەتكە دوكلات يوللايدىكەن.
بۇ يىغىن ئىككى كۈن داۋام قىلغان بولۇپ، بۇ قېتىملىق يىغىنغا مىسىر ۋە گېرمانىيەدىن نوپۇزلۇق دىنىي ئالىملار تەكلىپ قىلىنغان.
يىغىنىدا ئاساسلىق ئىسلامنىڭ موتىدىللىقىنى ئاساس قىلغان ئومۇمى روھىنى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تونۇپ يەتمەسلىكى شۇنداقلا مۆتىدىللىق دېگەن بۇ مۇقەددەس ئاتالغۇنى مۇستەبىت دۆلەتلەرنىڭ خەلقىلەرگە خاتا ھالدا سۇيئىستىمال قىلدۇرۇۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
بىز يىغىن ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، تەكلىمكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇللا كۆكيارنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا مۆتىدىللىق ئاتالغۇسىنى سۇيئىستمال قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر دىنىي زاتلارنى ئۆز ئىدىيىسىگە مايىل تەربىيىلەپ چىقىپ، كوممۇنىستىك ئىدىيە ۋە ئىسلام ئوتتۇرىسىدىن غەلىتە بىر ئەبجەش يول ھاسىل قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەنپەئىتىگە خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىدەك رېئاللىقنى پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى.