شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار تۈرك ئەلچىخانىسىدىكى پائالىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتتى

0:00 / 0:00

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 91 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شىۋېتسىيەدىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن تەبرىكلەش مۇراسىمىغا، شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى ۋە مېھمانلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتتى.

بۇ پائالىيەت 29-ئۆكتەبىر كۈنى شىۋېتسىيە پايتەختى سىتوكھولمدىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسىنىڭ پائالىيەت زالىدا شۇ يەر ۋاقتى 17:00 دىن 20:00 گىچە ئېلىپ بېرىلدى.

بۇ پائالىيەتكە شىۋېتسىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان «ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى»نىڭ رەئىسى ئەخمەتجان تۇرسۇن بىلەن بىر نەپەر ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى، شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن تەكلىپ بىلەن قاتناشتى. تۈركىيە باش ئەلچىسى تەبرىكلەش مۇراسىمىغا كەلگەن مېھمانلار ۋە ۋەكىللەرنى ئىشىك ئالدىدا قىزغىن قارشى ئالدى.

پائالىيەت جەريانىدا ئۇيغۇر ۋەكىللەرنىڭ چىمەن دوپپىسى مېھمانلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى. ئۇلار ئالاھىدە كېلىپ ئۇيغۇرلار بىلەن ئەھۋاللاشتى.

بۇ پۇرسەتتە، ئەخمەتجان تۇرسۇن مېھمانلارغا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتتى. مۇراسىمغا كەلگەن ھەر ساھەدىكى تۈرك مېھمانلار ئۇيغۇر ۋەكىللەرنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۆزىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر ۋەكىللەردىن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

ئەخمەتجان تۇرسۇن يەنە تۈركىيە ئەلچىخانىسىغا يېڭىدىن خىزمەتكە كەلگەن ھەر بىر بۆلۈمنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن بىرمۇ-بىر تونۇشۇپ ئۇلارغا شىۋېتسىيەدىكى ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن قىسقىچە مەلۇمات بەردى. بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئەخمەتجان تۇرسۇننى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، تۈركىيە جۇمھۇرىيەت بايرىمىنىڭ تەبرىكلەش مۇراسىمىدىكى ئەھۋاللارنى ئاڭلاتتى.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.