خىتاي تاراتقۇلىرىدا بۇ يىل 10-نويابىردىن 25-نويابىرغىچە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئالتاي، چۆچەك، ئىلى رايونلىرىدا 15 كۈن داۋاملاشقان شىۋىرغانلىق قار بەزى جايلارنىڭ قاتنىشىنى ئۈزۈپ قويغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. ئەمما شىۋىرغانلىق قارنىڭ رايوندىكى خەلققە ئېلىپ كەلگەن ئىقتىسادىي زىيانلىرى ھەققىدە رەسمىي ستاتىستىكىلىق مەلۇمات بەرمىدى. ئالتاي،چۆچەك قاتارلىق جايلاردىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان يەرلىك خەلق بۇ يىلقى قىشنىڭ شىۋىرغانلىق قار بىلەن باشلىنىشى، رايوندىكى قاتناشقا قولايسىزلىق ئېلىپ كەلگەندىن باشقا، تېخىمۇ مۇھىمى دېھقان، چارۋىچىلارغا ئېغىر ئىقتىسادىي زىيان ئېلىپ كېلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.
خىتاينىڭ جۇڭگو خەۋەرلەر تورىنىڭ 25-نويابىردىكى خەۋىرىدە، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئىككى ھەپتىدىن بۇيان ئالتاي، چۆچەك ۋە ئىلى رايونلىرىدا داۋاملىشىۋاتقان قار-شىۋىرغانلىق ھاۋا كېلىماتىغا قارىتا جىددىي تەدبىر ئېلىۋاتقانلىقى ۋە بۇ رايونلاردا قاتنايدىغان يۈك ئاپتوموبىللىرى ۋە يولۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىشقا چاقىرغانلىقى خەۋەر قىلىندى.
ئوخشاش مەزمۇندىكى خەۋەرلەر ئۇيغۇر رايونى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ باشقا تاراتقۇلىرىدىمۇ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە بۇ يىل قىش پەسلىدە بالدۇر باشلانغان قار-شىۋىرغانلىق ھاۋا رايى كېلىماتىنىڭ تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىدىكى تاشيول، تۆمۈريول قاتنىشىغا ئېغىر توسقۇنلۇق ئېلىپ كەلگەنلىكى تىلغا ئېلىندى.
ئەمما، ئۇيغۇر رايونىدىكى ھۆكۆمەت تاراتقۇلىرىنىڭ رايوندا داۋاملىشىۋاتقان شىۋىرغانلىقى قارنىڭ يەرلىكتىكى چارۋىچىلىق ۋە دېھقانچىلىققا تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامدايدىغان دېھقان-چارۋىچىلارغا ئېلىپ كېلىدىغان ئىقتىسادىي زىيانلىرى ھەققىدىكى خەۋەرلىرى ئىنتايىن ئاز بولماقتا. يەرلىك دائىرىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى دەسلەپكى ستاتىستىكىلىق مەلۇماتىمۇ 17-نويابىر كۈنى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق خەلق گېزىتىدىكى مەلۇماتتىن كۆچۈرۈپ بېرىلگەندىن باشقا، ئۇيغۇر دىيارىدىكى يەرلىك تاراتقۇلار مۇخبىرلىرىنىڭ نەق مەيدانغا بېرىپ قار ئاپىتى ھەققىدە ئىگىگەن مەلۇماتلىرى ھازىرغا قەدەر بېرىلمىدى.
خىتاينىڭ جۇڭگو خەۋەرلەر تورى قاتارلىق ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ 25-نويابىردىكى خەۋىرىدە، تاش يول ئىدارىسىدا ئىشلەيدىغان يول ئاسرىغۇچى خادىملار ۋە خىتاينىڭ ئالتاي، چۆچەك رايونلىرىدا چېگرانى قوغداش نامىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ئەسكەرلىرىنىڭ قاتناش يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، توسۇلۇپ قالغان يولۇچىلارنى جىددىي قۇتقۇزغانلىقى ھەققىدىكى مەدھىيە خەۋەرلىرى كۆپلەپ بېرىلدى.
چۆچەكنىڭ دۆربىلجىن ناھىيىسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان يەرلىك ئۇيغۇرلار ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ شىۋىرغانلىق قار ئاپىتى باشلانغاندىن بۇيان ھەقىقىتەن قاتناشنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئالدىنقى ۋەزىپە قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما قاتناش مەسىلىسى ئالدى بىلەن مەزكۇر رايونلاردىن توشۇلىدىغان كۆمۈر، نېفىت قاتارلىق يەر ئاستى بايلىقلىرى ۋە رايوندا بارغانچە كۆپىيىۋاتقان كۆچمەنلەرنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قامداشتىكى ئالدىنقى شەرت بولغىنى ئۈچۈن، دائىرىلەرنىڭ بۇ قەدەر كۆڭۈل بۆلۈشىگە سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىماسلىقنى تەلەپ قىلغان بىرەيلەن بۇ رايونلاردا ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە ياشاپ چارۋىچىلىق ۋە دېھقانچىلىق بىلەن تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان يەرلىك خەلقنىڭ ئاپەتكە ئۇچراش ئەھۋالى ھەققىدە ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا خەۋەرلەرنىڭ ئىنتايىن ئازلىقىنى بىلدۈرۈپ، دائىرىلەرنىڭ رايوندىكى يەرلىك خەلقنىڭ نارازىلىقى سەۋەبىدىن يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ھەرقانداق بىر كىچىككىنە نارازىلىق ھەرىكىتىدىنمۇ ئېھتىيات قىلغىنى ئۈچۈن، يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مۇھىت بۇلغىنىشى سەۋەبىدىن بارغانچە كۆپىيىۋاتقان بوران ئاپىتى، يامغۇر، قار ئاپىتى قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ خەلققە كەلتۈرگەن زىيىنى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ تېلىۋىزور ئېكرانلىرى، رادىيو ۋە گېزىت-ژۇرناللاردا بارغانچە ئازىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۆتكەن ھەپتە، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن يامغۇر ئارىلاش قار ئاپىتى ھەققىدىكى خەۋەرلەر بېرىلگەندىن كېيىنمۇ، ئىلى دىيارىدىن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلار ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا ئاساسەن قاتناش تۈگۈنلىرىدىكى توسۇلۇپ قالغان ئاپتوموبىل ۋە يولۇچىلار ھەققىدىكى خەۋەرلەر بېرىلىپ، قاتناش تۈگۈنلىرىدىن يىراق بولغان يېزا، قىرلاردىكى دېھقان، چارۋىچىلارنىڭ ئاپەتكە ئۇچراش ئەھۋالى ھەققىدە خەۋەرلەرنىڭ ئىنتايىن ئازلىقىنى تىلغا ئېلىپ، بۇ يىل قىشتا بالدۇرلا باشلانغان سوغۇق ئېقىم ۋە قار-شىۋىرغانلىق ھاۋا رايىنىڭ، بۇ يىل ياز پەسلىدە يامغۇر ۋە كەلكۈننىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان ئىلى يېزىلىرىدىكى دېھقانلارنى يەنە غەمگە سالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
0:00 / 0:00