خىتاي ياساپ چىققان «شۇنداق بىر گۈل» تەنقىدكە ئۇچرىدى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2015.01.27
qeshqer-eshinchi-emgek-ishchi-rizwangul-yusup.jpg قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ سايباغ كەنتىدىن گۋاڭدوڭ ئۆلكىسىگە «ئېشىنچى ئەمگەك كۈچى» نامىدا يۆتكەپ مېڭىلغان ئۇيغۇر قىز - رىزۋانگۈل يۈسۈپ
(2014 - يىل 3 - نويابىر. مەنبە: جۇڭگو خەۋەرلەر تورى)


ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ ئۈزمە يېزىسى 5 - كەنتىدىكى رەيھانگۈل ئېمىر 2007 - يىلى يۇرتىدىن تۇنجى تۈركۈمدىكى جېجياڭغا ئىشلەمچىلىككە يۆتكەلگەن ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ بىرى ئىدى، ئۇ 2009 - يىلى - 5 ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش سىياسىتىنىڭ ئاكتىپ تەشۋىقاتچىسىغا ئايلانغان. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شىنجاڭلىق ۋەكىلى بولۇپ تاللانغان. دوكلات بېرىش يىغىنلىرىدا ئۇ «پارتىيىنىڭ دانا سىياسىتىنىڭ يېتەكلىشىدە بۈگۈنكىدەك بەختىيار تۇرمۇشقا ئېرىشتىم، ھازىر شەھەر قىزلىرىدىن قېلىشمايدىغان ھالەتكە كەلدۇق، مەدەنى شەھەرگە كېلىپ، مەدەنىي كىيىنىپ، مەدەنىيەتلىك سۆزلەيدىغان بولدۇق» دەپ تەشۋىقات ئېلىپ بارغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى يېقىندا يەنە، رەيھانگۇلنى باش قەھرىمان قىلغان «شۇنداق بىر گۈل بار» ناملىق 6 قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى ئىشلەپ تارقاتتى. ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزەتكۈچىلەر، دائىرىلەرنىڭ زور مەبلەغ ۋە كۈچ سەرپ قىلىپ ئىشلەپ تارقىتىلىشقا باشلىغان بۇ تەشۋىقات فىلىمى ئارقىلىق يەتمەكچى بولغان سىياسي غەرەزلىرى ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزمەكتە.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا تارقىتىدىغان تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سىياسىي تەشۋىقات ئۈچۈن تەييارلانغان 6 قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى «شۇنداق بىر گۈل بار» 21 - يانۋاردا شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسىنىڭ ئۇيغۇرچە، خىتايچە ۋە قازاقچە قاناللىرىدا تەڭلا قويۇلۇشقا باشلىغان. مەزكۇر تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەشۋىقات بۆلۈمى، شىنجاڭ داسېن مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ۋە نىڭبو شەھەرلىك تەشۋىقات بۆلۈمى بىرلىكتە سۈرەتكە ئالغان.

خىتاي تەشۋىقاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، تېلېۋىزىيە تىياتىردىكى باش قەھرىمان رەيھانگۈل شىنجاڭلىق بىر ئەۋلاد ياشلارنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىلى، ئۇ 17 يېشىدا ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن «ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىش»قا تىزىملىتىپ، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ نىڭبو شەھىرىدىكى توقۇمىچىلىق كارخانىسىغا بېرىپ ئىشلىگەن. ئۇ بۇ يەردە ئىشلەش جەريانىدا مۇنەۋۋەر خىزمەتچى بولۇپ ئۈلگە ياراتقان....تىرىشىپ ئىشلەپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ياشلىرى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەۋاتقان، ئاكتىپ ئالغا بېسىۋاتقان دەۋر روھىنى نامايان قىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى رەيھانگۈلنى «يېڭى ئەسىردىكى شىنجاڭلىق بىر ئەۋلاد ياشلارنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىلى» دېدى. ئۇ ئۇيغۇر ياشلىرىغا ۋەكىللىك قىلالامدۇ؟ خىتايغا يۆتكەلگەن ئۇيغۇر ياشلىرىغىچۇ ؟ بۇ سوئالنى ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن مۇستەقىل سىياسي مۇلاھىزىچى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىدىن سورىدۇق :

ئېلشات ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، رەيھانگۈل ھەقىقەتەن ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتايغا يۆتكەلگەن ئۇيغۇر قىزىنىڭ بىرى بولسىمۇ، ئۇ خىتاي تەرىپىدىن قايتا ياساپ چىقىلغان خىتاينىڭ ناتوغرا سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلىدىغان ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بىر تەشۋىقاتچى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىغا ۋەكىلللىك قىلىش سالاھىيىتى بولمايلا قالماي، خىتايغا ئىشلەمچىلىككە يۆتكىلىشكە مەجبۇر بولغان ئۇيغۇر قىزلىرىغىمۇ ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. چۈنكى ئۇ خىتاي زاۋۇتلىرىدا مەجبۇرىي ئەرزان ئەمگەك كۈچى بولغان، تۈرلۈك خورلۇق ۋە زۇلۇملار چەككەن ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ يۈرەك ساداسىنى، ئاۋازىنى ئاڭلىتالمىدى. ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ نارازىلىقى، ھەقىقىي ئەركىنلىك ئارزۇسىنى ئاڭلىتالمىدى.

ئىلگىرى كۆپ قېتىم ئىسپاتلىق مەلۇماتلار بەرگىنىمىزدەك، خىتاي ھۆكۈمىتى2004 - يىلدىن باشلاپ «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، يېزىلاردىكى ئىشسىز ئۇيغۇر ياشلىرىنى مەخسۇس خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەرزان ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا باشلىغان ئىدى. دەسلەپتە يۆتكەيدىغان ئىشلەمچىلەرگە 18 - 25 ياشقىچە بولۇش، توي قىلمىغان قىز بولۇش، چىرايلىق بولۇش...دېگەندەك ئاشكارا شەرتلەرنىمۇ قويۇپ تاللاپ مەجبۇرىي يۆتكىگەن ئىدى، خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە يۆتكەلگەن قىزلار ئۇچرىغان تۈرلۈك خورلۇق ۋە ئادالەتسىزلىكلەر ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، بۇ سىياسەت تەبىئىي ھالدا توسالغۇغا ئۇچرىدى، بۇ چاغدا خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە مەجبۇرلاش خاراكتېرىنى ئالغان «ھەر ئائىلىدىن بىرىنى يۆتكەش» قاتارلىق سىياسەتلەرنى قوللاندى، بۇ سىياسەتكە ماسلاشمىغان، كۈنمىگەنلەر بولسا تۈرلۈك جازا ۋە تەقىبلەشكە ئۇچرىدى.

خىتاي كۆچمەنلىرى مىليونلاپ ئۇيغۇر ئېلىغا يەرلەشتۈرۈلىۋاتقان يېقىنقى يىللاردا، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەرزان ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە ئېلىپ بېرىلىشى ئۇيغۇرلارنىڭ شۇنداقلا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى. شاۋگۈەن ۋەقەسى، 2009 - يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «5 - ئىيۇل ۋەقەسى» دەرۋەقە خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىنىڭ خاتا بىر سىياسەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ كۆرسەتتى.

گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى شۇندىن ئېتىبارەن، ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە خىتاي ئۆلكىلەرگە يۆتكەش سىياسىتىنى بۇرۇنقىدەك ئوچۇق - ئاشكارا، مەجبۇرىي ھالدا ئېلىپ بارمىغان بولسىمۇ ئەمما، بۇ سىياسەت يەنىلا داۋام قىلماقتا، ھەتتا كۈچەيتىلمەكتە، خەۋەرلەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەرنى ئىچكىرىگە يۆتكەش پىلانى«5 - ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن بىر مەھەل ئاستىلاپ، 2014 - يىلى ئاز كەم 7 مىڭغا چۈشۈپ قالغان. ئەمما يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق نازارىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، دائىرىلەر بۇ يىل ئىشلەمچىلەرنى 15 مىڭغا يەتكۈزۈشنى، كەلگۈسى 3 يىلدا 50 مىڭغا چىقىرىپ، شۇنىڭدىن كېيىن ھەر يىلى داۋاملىق بۇ ساننى ساقلاپ قېلىشنى پىلانلىغان.

ئېلشات ھەسەن ئەپەندى مۇنداق مۇلاھىزە قىلدى :

«خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر پىلاننىڭ ئىشقا ئېشىشىدا تەشۋىقاتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئېھتىياجى بىلەن «شۇنداق بىر گۈل بار» ناملىق تېلىۋىزىيە تىياتىرىنى مەيدانغا چىقاردى، خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ 5 - ئىيۇلدىكى جىنايىتىنى ئاقلاش، ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش سىياسىتىنى ئاقلاش، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى يوشۇرۇش، رىئاللىقنى بۇرمىلاشنى مەقسەت قىلغان بۇ خىل سىياسي غەرەزلىك تەشۋىقاتلارنى داۋاملىق كۈچەيتىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ ئەمەلىي رولى بولمايدۇ، يېقىنقى يىللاردا توختاۋسىز يۈز بېرىۋاتقان قارشىلىقلاردىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ سىياسەتلەرنىڭ يۈرۈشىشىدە ئىلگىركىدەك نەتىجە ھاسىل قىلالمايدىغانلىقىغا كۆزى يەتتى. ئالداش، مەجبۇرلاشتىن نەتىجە قازىنالمىغان خىتاي ھۆكۈمىتى ئەمدى بۇ خىل تەشۋىقاتلار بىلەن ئۇيغۇرلارنى قايمۇقتۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا خالاس.»

ئېلشات ئەپەندى يەنە، بۇ تەشۋىقات تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش سىياسىتىدىن باشقا، نوپۇس سىياسىتى، دىنىي سىياسەتلىرى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك دەپ مۇلاھىزە قىلدى. شۇنداقلا رەيھانگۈلگە ئوخشاش تەشۋىقاتچىلار ئۆزىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىلى دەپ قارىسا، خىتاينىڭ تەشۋىقاتىنى ئەمەس، بەلكى ئەركىن ئاۋازىنى يەتكۈزەلمەيۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ رىئال ۋەزىيىتىنى خەلقئاراغا ئاڭلىتىش ۋە خىتاي خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ سىياسەتنى توختىتىشقا چاقىرىش مەجبۇرىيىتى بار» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.