يەنە بىر سىياسىي دەرسلىك «دۆلەت دەرىجىلىك سەرخىل ئوقۇشلۇق» دەپ بېكىتىلدى
2013.12.03
«شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تورى» دىن مەلۇم بولۇشىچە، «شىنجاڭنىڭ تارىخى، مىللەت-دىن نەزەرىيىسى ۋە سىياسىي تەدبىرلەر» ناملىق دەرسلىك يېقىندا خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن دۆلەت دەرىجىلىك سەرخىل ئوقۇشلۇق سۈپىتىدە تەستىقلانغان.
مەزكۇر دەرسلىك شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماركسىزم ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ۋاڭ يى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن. بۇ يىل خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ «ئىككىنچى تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك سەرخىل دەرسلىكلەرنى تاللاپ بېكىتىش ئۇقتۇرۇشى» ئېلان قىلىنغاندا، ئۇلار مەزكۇر دەرسلىكنى بۇ تۈرگە يوللىغان. ئۆكتەبىرنىڭ ئاخىرلىرى خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئالىي مەكتەپلەردىن يوللانغان دەرسلىكلەر ئىچىدىن 1091 دەرسلىكنى تاللاپ چىققان. خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى تەشكىللىگەن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ باھالاپ بېكىتىشى نەتىجىسىدە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلتىماس قىلغان «شىنجاڭنىڭ تارىخى، مىللەت-دىن نەزەرىيىسى ۋە سىياسىي تەدبىرلەر» ناملىق دەرسلىك دۆلەت دەرىجىلىك سەرخىل ئوقۇشلۇق تىزىمىگە كىرگۈزۈلگەن.
مەلۇمكى، 1990-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەشۋىقات ئورگانلىرى تارىخچى تۇرغۇن ئالماسنىڭ «ئۇيغۇرلار» قاتارلىق ئۈچ كىتابىغا قارشى سىياسىي دولقۇن قوزغىغان. ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە «شىنجاڭنىڭ يەرلىك تارىخى» ناملىق مەخسۇس دەرس تەسىس قىلىنىپ، تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپ پۈتتۈرۈشىدىكى زۆرۈر ئوقۇشلۇققا ئايلاندۇرۇلغان. 2000-يىللارنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە بۇ دەرسلىك شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە باشقا ئالىي مەكتەپلەردە زۆرۈر ئوقۇتۇلىدىغان «تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك سەرخىل دەرسلىك» دەپ بېكىتىلگەن.
ياۋروپادىكى مەلۇم ئەلدە ئولتۇرۇشلۇق پەزىلەت خانىم بۇ ھەقتە رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىلگىرى ئۇزۇن مەزگىل ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولغانلىقىدەك سالاھىيىتى بىلەن پىكىر بايان قىلدى.
پەزىلەت خانىم ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى «دۆلەت دەرىجىلىك سەرخىل دەرسلىك» دەپ بېكىتىلگەن ئالاھىدە سىياسىي دەرسلەرنى مەخسۇس ماركسىزم ۋە سىياسىي فاكۇلتېت پروفېسسورلىرى ئۆتىدىغانلىقىنى، ئادەتتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بۇ دەرسلەرنى ئۆتۈشىگە يول قويۇلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە «شىنجاڭنىڭ تارىخى، دىن-مىللەت نەزەرىيىسى ۋە سىياسىي تەدبىرلەر» ناملىق بۇ دەرسلىكنىڭ ئەمەلىيەتتە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى رەھبەرلىك قاتلىمىدىكىلەر ئىشلىگەن زور سوممىلىق تەتقىقات تۈرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئوقۇغۇچىلار ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ سىياسىي ۋەزىيەتكە قاراپ تەسىس قىلغان بۇ خىل سىياسىي دەرسلىكلىرىگە پەقەتلا قىزىقمايدىكەن. مەكتەپ پۈتتۈرۈشتىكى زۆرۈر دەرسلىك بولغاچقىلا ئامالسىز ئوقۇيدىكەن.
ئىلگىرى ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم كەسپىي ئالىي مەكتەپتە ئۇزۇن يىل ئوقۇتقۇچى بولغان، ھازىر شىۋېتسىيەدە ئولتۇرۇشلۇق ئابدۇشۈكۈر مەمەت ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ 1990-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا مەكتىپىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن «شىنجاڭنىڭ يەرلىك تارىخى» ناملىق دەرسنى ئۆتكەنلىكىنى، بۈگۈن ئالىي مەكتەپلەرگە يېڭىدىن قوشۇلۇۋاتقان دۆلەت دەرىجىلىك سىياسىي دەرسلىكلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ «مېڭە يۇيۇش» ئىستراتېگىيىسىدىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.