سىياسىي پاناھلىق ئىلتىجاسى ئارقىلىق مەڭگۈلۈك ئولتۇرۇمغا ئېرىشكەنلەرنىڭ ۋەتىنىگە بېرىپ-كېلىشى قانداق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟ (2)

0:00 / 0:00

سىياسىي پاناھلىق ئىلتىجاسى خىتاينىڭ ئېغىر ئىسكەنجىسىدىن قېچىپ چىققان ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ غەربتىكى دېموكراتىك ئەللەردە ئولتۇرۇمغا ئېرىشىشتىكى مۇھىم يوللىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن ئىدى.

1990-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدا كۈنسايىن ئېغىرلاشقان سىياسىي ۋەزىيەت، بولۇپمۇ خىتاينىڭ رايوندىكى يۇقىرى بېسىملىق سىياسىتى كۆپلىگەن ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى چەتئەللەرگە ھىجرەت قىلىشقا مەجبۇر قىلدى.

2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر قىسمەتلەر چەتئەللەرگە قېچىپ چىققان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ غەربتىكى دېموكراتىك ئەللەردىن سىياسىي پاناھلىق ئىلتىجاسى ئارقىلىق مەڭگۈلۈك ئولتۇرۇمغا ئېرىشىشىنى تېزلەتتى.

ھالبۇكى، سىياسىي پاناھلىق ئىلتىجاسى ئارقىلىق دېموكراتىك ئەللەرنىڭ مەڭگۈلۈك ئولتۇرۇمىغا ئېرىشكەن ياكى پاسپورت ئالغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا بېرىپ-كېلىشى يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ چەتئەللەردىكى پاناھلىق ئىشلىرىغا سەلبىي تەسىرلەرنى كۆرسەتمەكتىكەن.

بەزى مۇتەخەسسىسلەر دونالد ترامپ ئامېرىكىنىڭ 45-نۆۋەتلىك پرېزىدېنتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاقسارايغا كىرگەندىن كېيىن يېقىن كەلگۈسىدە ئامېرىكىنىڭ كۆچمەنلەر سىياسىتىدە مەلۇم ئۆزگىرىشلەرنى ياسايدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە.

ئۇنداقتا، سىياسىي پاناھلىق ئىلتىجاسى ئارقىلىق غەربتىكى دېموكراتىك ئەللەرنىڭ، جۈملىدىن ئامېرىكىنىڭ يېشىل كارتىسىغا ئېرىشكەن ياكى ئامېرىكا پاسپورتىنى ئالغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتىشى قانداق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟

بۇ ھەقتە ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندى بىلەن كانادادىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن رۇقىيە تۇردۇش خانىملار رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلارنىڭ داۋامىنى تۆۋەندىكى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.