خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىي يىغىنلىرىنىڭ كۈتكىنىدىن ئەكسىچە نەتىجە بېرىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانماقتا

0:00 / 0:00

بىز تۈنۈگۈنكى پروگراممىمىزدا 28-دېكابىر كۈنى قاراقاش پارتكومغا ھۇجۇم قىلغان گۇماندارلارنىڭ ھۇجۇمنى ئۆز تەۋەلىكىدىكى سىياسىي ئۆگىنىشنى تۈگىتىپ چىققاندىن كېيىن ئېلىپ بارغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەن ئىدۇق.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر رايونىغا نىسبەتەن سىياسىي يىغىندىن چىقىپ ھۇجۇمغا قاتنىشىش تۇنجى قېتىم يۈز بېرىۋاتقان ئەھۋال ئەمەس. بۇنىڭ يەنە بىر مىسالى 2015-يىلى زىلزىلە پەيدا قىلغان 18-سېنتەبىر باي كۆمۈركان ھۇجۇمىدۇر.

باي كۆمۈركان ھۇجۇمچىلىرىدىن مەمەت ئەيسا ھۇجۇمدىن ئاۋۋال بىر ھەپتىلىك سىياسىي تەربىيەنى تاماملىغان. بۇ تەربىيە ئۇنىڭغا تەسىر قىلمىغاندىن كېيىن، يەرلىك ئەمەلدارلار ئۇنى ساقچىخانىنىڭ تەربىيىلىشى ئۈچۈن يېزىلىق سىياسىي قانۇن كومىتېتىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، ئەمما ساقچىخانىلاردا بوش ئورۇن بولمىغاچقا ئامالسىز قويۇۋېتىلگەن.

باي كۆمۈركان ھۇجۇمچىلىرىدىن يەنە بىرى مەخمۇت تۇرسۇنمۇ سىياسىي ئۆگىنىشكە تولۇق قاتناشقان، ھەتتا ئۇ خىتاي سېكرېتار تەرىپىدىن ئۇسۇل ئويناشقا مەجبۇرلانغان.

بىز، خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ تۈرلۈك سىياسىي يىغىنلىرىنىڭ تەسىرى ۋە ئۈنۈمى ھەققىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشۋىقاتقا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممەد ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئۇ يۇقىرىقى پاكىتلارغا ئاساسەن، خىتاينىڭ سىياسىي يىغىنلىرىنىڭ ئەكسىچە نەتىجە بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ بۇ نۇقتىدا يەنە، خىتاينىڭ 2009-يىلىدىكى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە رابىيە قادىر خانىمنى كەڭ-كۆلەملىك قارىلاش تەشۋىقاتى ئېلىپ بارغانلىقىنى، ئەمما رابىيە خانىم ۋە قۇرۇلتاينىڭ شان-شەرىپىنىڭ مەزكۇر تەشۋىقاتلاردىن كېيىن، بۇرۇنقىدىنمۇ نەچچە ھەسسە ئاشقانلىقىنى ۋە بۇ ۋەزىيەتنى چەتئەلگە قېچىپ چىققان سىياسىي پاناھلانغۇچىلارنىڭ بايانلىرى ۋە كەچۈرمىشلىرىدىن ئۇققانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يەنە سۆز ئارىسىدا 5-ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ ئالدى-كەينىدە خىتاينىڭ قۇدرەتلىك ئاخبارات قوشۇنىنىڭ چەتئەلدىكى چەكلىك ئۇيغۇر ئاخبارات ئورۇنلىرىغا مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.