مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ھەر ئايدا بىر قېتىم جەمئىيەت ئەزالىرىنى جەم قىلىپ، ئۇچرىشىش ۋە سۆھبەت يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ پائالىيەت رامىزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن توختىتىلىپ قويۇلغاندىن كېيىن، بۇ ئايدىن باشلاپ يەنە داۋام قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
بۇ ئايلىق ئۇيۇشتۇرۇلغان ئۇچرىشىش ۋە سۆھبەت يىغىنى 2-سېنتەبىر جۈمە كۈنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىنغا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن 100 گە يېقىن كىشى قاتناشتى. يىغىندا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، جەمئىيەتنىڭ باش مۇپەتتىشى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم، دىنى ئالىم ئىبراھىم داموللام قاتارلىقلار سۆز قىلدى.
يىغىندا ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆز قىلىپ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيەت ئۆزگىرىشلىرىنى تەھلىل قىلدى.
يىغىندا يەنە دىنى ئالىم ئىبراھىم داموللام ۋەتەن ۋە بىز دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.
ئىبراھىم داموللام سۆزىدە ئىسلام دىنىنىڭ مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ۋەتەن ۋە زېمىنغا ئالاھىدە قارايدىغانلىقنى قۇرئان - ھەدىسلەردىن دەلىل كەلتۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويدى.
يىغىندا دىنى ئالىم مەخسۇمھاجىم سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ئېرىشىشكە تېگىشلىك ھەر قانداق نەرسىدىن مەھرۇم قىلىنىپ، ئېغىر زۇلۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى ۋە باشقا ئۆز قاراشلىرىنى ئىپادىلىدى.
2 سائەت داۋام قىلغان يىغىن كەچلىك تاماق يېيىش ۋە جامائەت بولۇپ خۇپتەن نامىزى ئوقۇش بىلەن ئاخىرلاشتى.
0:00 / 0:00