ئۇيغۇر دېھقانلىرى «ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى» غا قاتنىشىشقا مەجبۇرلانماقتا
2013.01.31
خىتاي سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنىدا ئاتالمىش «خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش» قۇرۇلۇشى ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان مۇزاكىرىلەردە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدا ئوتتۇرىچە تېرىلغۇ يەر كۆلىمى بارغانچە ئازىيىپ تېرىلغۇ يېرى يوق يېڭى ئەۋلادلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ كېلىپ چىقىۋاتقان، ئۇلارنىڭ ياشاش ۋە چىقىش يولى مەسىلىنى ھەل قىلىشتا، ھازىر يېزىلاردا يولغا قويۇلۇۋاتقان يېڭىچە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە ئۆمۈر سۇغۇرتىسىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش پىكىرلىرى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ ئىنكاسلىرىغا قارىغاندا، دېھقانلارغا بەخت ئېلىپ كېلىدۇ دەپ تەشۋىق قىلىنىۋاتقان بۇ خىل سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش سىياسىتى مەجبۇرىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، سۇغۇرتا شىركەتلىرى ئارىدىن ياخشى تاپاۋەت قىلىۋاتقان بولسىمۇ، كۆپ ساندىكى نامرات دېھقانلارغا نىسبەتەن ئېغىر ئىقتىسادى يۈك بولۇپ قالغان.
خىتاي دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئۆتكەن يىلى 7-ئايدا تارقاتقان، ئاز سانلىق مىللەت ئىشلىرىنىڭ 12-بەش يىللىق پىلانىدا، مىللىي رايونلاردا ئۈچ تۈرلۈك ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ئومۇملاشتۇرۇلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. دەرۋەقە خىتاي ئادەم كۈچى بايلىق ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدىكى ستاتىستىكىلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، ھازىر خىتاي بويىچە 700 مىليون شەھەر، يېزا ئاھالىسى ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ قاپلاش دائىرىسى 70% كە يەتكەن.
«بىر يىلدا يۈز يۈەن تاپشۇرساڭلار، 60 ياشتىن ئاشقاندا ھەر ئايدا ئېيىغا 60 يۈەن مائاشلىق بولۇپ قالىسىلەر» مانا بۇ، ھۆكۈمەت ۋە سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا بېرىۋاتقان ۋەدىسى، بۇ خىل ۋەدىلەر ئارقىلىق نۆۋەتتە پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىدىكى16 ياشتىن ئاشقان يېزا نوپۇسىدىكىلەرنىڭ ھەر بىرى يىلدا 100 يۈەن چىقىم قىلىپ ئۆمۈر سۇغۇرتىسى سېتىۋالىدۇ. قەشقەرنىڭ بىر يېزىسىدىكى ئۇيغۇر دېھقان ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ ئۆزىنىمۇ، ئۇنىڭدىن ئۆزىگە قانداق مەنپەئەت كېلىدىغانلىقىنىمۇ ئېنىق بىلمەيدۇ، ئەمما ئۇ بۇ خىل ئۆمۈر سۇغۇرتىسىغا مەجبۇرلاشنىڭ ھەقسىزلىق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ئۇ ئىككى يىلدىن بۇيان سۇغۇرتىغا قاتنىشىشقا مەجبۇرلاندى، ئىقتىسادى قىيىنچىلىق تۈپەيلى سۇغۇرتىنى سېتىۋالالمىغاندا بولسا كەنت دائىرىلىرىنىڭ تۈرلۈك قىيىن - قىستاقلىرىغا ئۇچرىدى.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ سىياسىي كېڭەش مەخسۇس خەۋەرلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ قېتىم ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان سىياسىي كېڭەش يىغىنىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئەزاسى ئابدۇسالام ئىمىرباقى «جەنۇبىي شىنجاڭدا ئوتتۇرىچە تېرىلغۇ يەر كۆلىمى كۈنسېرى ئازىيىپ كېتىۋاتقان ئەھۋالدا، بولۇپمۇ 1986- يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان، ئەمما تېرىلغۇ يېرى يوق بىر ئەۋلاد كىشىلەرنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ، بۇلارنىڭ ياشاش ۋە چىقىش يولى تېپىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، نامراتلارنى يۆلەش ئومۇمىي نىشاننىڭ ئۆز قەرەلىدە ئىشقا ئېشىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىش كېرەك» دەپ ئوتتۇرىغا قويغان.
ھالبۇكى، خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىدىكى بىر دېھقان ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئالىدىغان 60 يۈەن مائاش ئۈچۈن ھازىردىن باشلاپلا نامراتلىقتا، قاتتىقچىلىقتا ياشاشنىڭ ئەرزىمەيدىغانلىقىنى، يىللىق كىرىمى ئىككى مىڭ يۈەنگىمۇ يەتمەيۋاتقان كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر دېھقان ئائىلىلىرى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا كىشى بېشىغا يىلىغا يۈز يۈەندىن چىقىم قىلماق ئىنتايىن قىيىن ئىكەنلىكىنى، بۇ سىياسەتنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى شۇنداقلا «ھۆكۈمەت 60 ياشتىن ئاشساڭ، ئايدا ئاتمىش يۈەن مائاش بېرىمەن دەپ ۋەدە قىلغىچە، باللىرىمىزغا ھازىر تېرىپ يەيدىغانغا يەر بەرگىنى توغرا ئىدى...» دەيدۇ.