ياپونىيە كوبې ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى ۋاڭ كې، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەربىي شىمال تەرەققىيات ئىدىيىسى، سۇڭ جۇڭسەن تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاتالمىش مىللىي بۆلگۈنچىلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا قارشى تۇرۇۋاتقانلىقىنى قەيت قىلغان.
ئۇنىڭ بۇ پىكرى، ياپونىيە سېكائىشىسو نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان ماقالىلەر توپلىمىدىكى «بىرلەشمە ئىقتىساد بىلەن مىللىي بۆلگۈنچىلەرنىڭ قارشىلىشىشى» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ۋاڭ كې ياپونىيەدە تۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تارىخىي، سىياسىي مەسىلىلىرىدىكى پوزىتسىيىسىنى تەرغىب قىلىپ كېلىۋاتقان خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ بىرى. ئۇ ئىلگىرى 20 - ئەسىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرى ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە بەزى ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان ئىدى.
پروفېسسور ۋاڭ كې ماقالىسىدە ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھازىرقى زور تەرەققىياتلارغا ئەڭ ئاۋۋال ئاساس سالغۇچىلاردىن تارىختا ئۆتكەن خىتاي رەھبەرلىرىدىن سۇڭ جۇڭسەن ئىكەنلىكى ھەققىدە توختىلىپ:«1919 - يىلى خىتاينىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى دۆلەت ئاتىسى سوڭ جۇڭسەن «جۇڭگونىڭ خەلقئارالىق تەرەققىياتى» ناملىق ئەسىرىنى يېزىپ پۈتتۈردى. مەزكۇر ئەسەردە خىتاينى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن نېمە قىلىش مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ بۇنىڭدا خىتايدىن موڭغۇلىيەگىچە، شىنجاڭنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىگىچە، ئۈرۈمچىدىن جەنۇبتىكى قەشقەر ۋە شىمالدىكى ئىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىش پىلانى دەسلەپكى قەدەمدە سۇڭ جۇڭسەن تەرىپىدىن تۈزۈلدى» دېيىلگەن.
ماقالىدە ئاپتور سۇڭ جۇڭسەننىڭ مەزكۇر ئەسىرىدىكى موڭغۇلىيە ۋە ئۇيغۇر ئېلى ھەققىدە تۈزگەن پىلانىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ:«خىتاينىڭ دۆلەت ئاتىسى سوڭ جۇڭسەننىڭ خىتايدىن موڭغۇلىيە، شىنجاڭغىچە بولغان ئارىلىقتا تۆمۈر يول ياساشنى پىلانلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب بۇ رايونلاردىكى مۇنبەت تۇپراقلاردىن، پايانسىز كەتكەن گۈزەل يايلاقلاردىن، بۇ يەردىكى يەر ئاستى تەبىئىي بايلىقلىرىدىن خىتايلارنىڭ پايدىلىنىشىنى مۆلچەرلىگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن موڭغۇلىيە ۋە شىنجاڭنىڭ ئاھالىسى شالاڭ، يەر كۆلىمىنىڭ زور بولۇشىدىن ئىبارەت بۇ ئەۋزەللىكتىن پايدىلىنىپ چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسى ئېتىراپىغا ئولتۇراقلاشقان نوپۇسى زىچ رايونلارنىڭ ئاھالىسىنى موڭغۇلىيە بىلەن شىنجاڭغا كۆچۈرۈش ئارقىلىق بۇ يەرنىڭ نوپۇس زىچلىقىنى تەڭشەشنى نىشانلىغان. مانا بۇ سوڭ جۇڭسەننىڭ دۆلەتنىڭ كەلگۈسى تەقدىرى ۋە ئىقتىسادى تەرەققىياتىغا بالدۇرلا نەزەر تاشلىغانلىقى» دەپ يازغان.
ۋاڭ كې ماقالىسىدە سوڭ جۇڭسەننىڭ پىلانلىغان تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىنىڭ 1955 - يىلى قۇرۇلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھازىر پۈتۈنلەي ئەمەلىيلەشكەنلىكىگە يۇقىرى باھا بېرىپ، ئۇيغۇر ئېلىگە تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇلىنىشى، بۇ يەردىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا زور ئىلگىرىلەش ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ماقالىدە 2001 - يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللىي دارامەتنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشى خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ شۇنداقلا دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى تارتىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر ئېلىدە گۈللىنىۋاتقان ئىقتىسادنىڭ مىللىي بۆلگۈنچىلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئارىسا خانىم ۋاڭ كې يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللىي بۆلگۈنچىلەرنىڭ قارشىلىق ھەرىكىتى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكىتى ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى ئەمەس، بەلكى مۇستەملىكە قىلىنغۇچى بىلەن مۇستەملىكە قىلغۇچى ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلە - دېدى.
ۋاڭ كې ماقالىسىدە شەرقىي تۈركىستان نامى توغرىسىدا توختىلىپ:«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى ئادەتتە شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ يەردىكى «تۈركىستان» نامى «تۈركلەرنىڭ تۇپرىقى»، دېگەن مەنىلەرگە ئىگە. شەرقىي تۈركىستان ئاتالغۇسى ئۇيغۇر تىلىدا ئەسلىدە يوق بولۇپ،19 - ئەسىرنىڭ بېشىدا ئىنگلىزلار بۇ نامنى «شىنجاڭ» ئاتالغۇسىنىڭ ئورنىغا قوللىنىپ،1933 - يىلى شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىكى قەشقەردە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى قۇردى. شۇندىن ئېتىبارەن ئۇيغۇرلار بۇ نام بىلەن جۇڭگو تۇپرىقىدىن ئايرىلىپ چىقىپ كېتىش ھەرىكىتىگە ئۆتتى ۋە بۇ نام شۇندىن بۇيان ئۇيغۇر تىلىدا كەڭ ئورۇن ئالدى.1933 - يىلىدىكى بىرىنچى قېتىملىق مۇستەقىللىق ھەرىكىتىدىن ئىلھام ئېلىپ تەجرىبە ساۋاقلارغا ئىگە بولغان ئۇيغۇرلار 1944 - يىلى ئىككىنچى قېتىم ئېلىدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇردى» دېگەن.
ماقالىدە دېيىلىشىچە ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆتكەن خىتاي ئەمەلدارلىرىدىن ياڭ زېڭشىڭ، جىن شۇرېن، شېڭ شىسەي قاتارلىقلار ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە مەدەنىيەت ئاقارتىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش جەريانىدا خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ بەزى بىر مىللىي كەمسىتىش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارغانلىقى سەۋەبىدىن 1930 - يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ پارتلىشىغا سەۋەبچى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ۋاڭ كې ماقالىسىدە شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى تەرغىب قىلىپ كېلىۋاتقانلارنىڭ مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا قاتتىق باستۇرۇلۇشى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى «شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىدىن» ئىبارەت بۇ ئارزۇ ئۇنتۇلۇپ كېتىلگەن بولسىمۇ ئەمما 1990 - يىللاردىن كېيىن سوۋېتلار ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادا بارلىققا كەلگەن مۇستەقىل دۆلەتلەرنىڭ تەسىرىدىن ۋە شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىگە مۇستەقىللىق كۈرىشى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئىلگىرى سوۋېتلار ئىتتىپاقىغا قېچىپ چىقىپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە قايتىدىن مۇستەقىللىق داۋاسىنى كۆتۈرۈپ چىققانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە زور تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
0:00 / 0:00
