يېقىندا كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن، ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئامېرىكىدىن كاناداغا كەلگەن، شەرقى تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابلاجان لەيلىنامان ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، شەرقى تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ داۋا غايىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار مەسىلىلەر ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
مۇخبىر: شەرقى تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، مۇستەقىللىق شوئارى ئاستىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، چەتئەللەردە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر داۋاسىدا، «ئىنسان ھەقلىرى ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش شوئارى ئاستىدا پائالىيەت ئېلىپ بارمىساق، دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمەيمىز »دەيدىغان بىر ۋەزىيەت بار، سىز بۇ مەسىلىلەرگە قانداق قارايسىز؟
ئابلاجان لەيلىنامان: ئىتتىك قارىماققا ئۇيغۇر داۋاسى بىر سىياسىي دەۋادەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما بۇ بىر ھەق تەلەپ داۋاسى. مەن بۇنى ئۇزۇندىن بۇيان دەپ كېلىۋاتىمەن. چۈنكى بۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمى ئەلمىساقتىن بېرى قېپ قالغان ھەق زېمىنىنى قايتۇرۇۋېلىش داۋاسى. ئەسلىدە دۇنيادا ئادىل بىر سوت مەھكىمىسى بولغان بولسا ياكى خەلقئارالىق سوت ئۆزىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرالىغان بولسا، خۇددى بىر ئادەم ئۆزىنىڭ ئۆيىنى سوت ئېچىپ قايتۇرۇۋالغانغا ئوخشاش قايتۇرۇۋېلىش مەسىلىسى بولغان بولاتتى. ئەمما ئەپسۇسكى، خەلقئارالىق سوتلاردا بۇنى ئىجرا قىلغۇدەك كۈچ قۇدرەت يوق. مېنىڭ تەكىتلەيدىغىنىم، بىزنىڭ داۋايىمىزنىڭ زېمىن داۋاسى ئىكەنلىكىدىن چەتنەپ كەتمەسلىك شەرتى ئاستىدا، بىز كىشىلىك ھوقۇق داۋاسى ئېلىپ بارالىشىمىز مۇمكىن. مەسىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى قاتارلىق تەشكىلاتلار مانا مۇشۇنداق داۋا ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بۇ بىزنىڭ داۋا ئىشلىرىمىزدا ھېچ كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى. ئەمدى قانداقتۇر كىشىلىك ھوقۇق داۋالىرى ئۈچۈن ئىشىكلەرنىڭ ئوچۇق بولغانلىقىنى دەپ، بۇ داۋانى مۇشۇ شەكىلدە ئېلىپ بارساق قوللايدىكەن، ئەمما مۇستەقىللىق دېسەك قوللىمايدىكەن، دەپ قارىساق توغرا بولمايدۇ.
مۇخبىر: مۇستەقىللىق بىلەن ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش بىر ئىبارە دەپ قارامسىز؟
ئابلاجان لەيلىنامان: زېمىنىدىن ئايرىلغان، تانكىلارنىڭ، كۈچلۈك ئەسكىرى قوشۇنلارنىڭ مۇھاسىرىسى ۋە ھەربىي ھالىتى ئاستىدا قالغان بىر مىللەتنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەشكە ئىقتىدارى يەتكەن بولسا، بۇ كۈنگە قالمىغان بولاتتى. بىز ئۇ ئىقتىدارىمىزنى يوقاتقىنىمىزغا خېلى بولدى. ئەلۋەتتە مۇستەقىللىق بىلەن ئۆز تەقدىرىنى بەلگىلەش ئىككىسى ئىككى ئىبارە.
مۇخبىر: شەرقى تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردە مۇستەقىللىق داۋاسى ئېلىپ بېرىشتا قانداق ئىستراتېگىيىلىك پىلانلىرى بار؟
ئابلاجان لەيلىنامان: بىز دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىنى ئايلىنىپ، خۇددى ئەراپاتتەك، خىتاينى خۇددى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا دۈشمىنىمىز دەپ قارايدىغان مىللەتلەر ۋە خەلقلەر بىلەن ھەمكارلاشماقچى.
مۇخبىر: شەرقى تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى دېگەن چاغدا، كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىغا قانداقتۇر شەرقى تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى ئەنىۋەر يۈسۈپ تۇرانىنىڭ شەرقى تۈركىستانغا بارغانلىق ئەھۋالى كېلىدۇ. سىز شەرقى تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىدە ۋەزىپە ئالغانلار ۋە ئۇلارنىڭ جۆرىلىرى شۇنداقلا بالا- چاقىلىرىنىڭ شەرقى تۈركىستانغا بېرىش مەسىلىسىگە قانداق قارايسىز؟
ئابلاجان لەيلىنامان: شەرقى تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىدە ۋەزىپە ئالغان خادىملار ۋەتەنگە بارماقچى بولسا، چوقۇم بىزدىن ئىستېپا سوراپ، ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن بارسا بولىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ جۆرىلىرى ۋە بالا-چاقىلىرىنىڭ ۋەتەنگە بارغانلىقى بىلەن ئۇلارنىڭ خىزمىتىگە باھا بەرمەيمىز.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز گۈلشەن ئابدۇقادىرنىڭ بۇ ھەقتە ئىشلىگەن مەخسۇس پروگراممىسىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.
0:00 / 0:00