0:00 / 0:00
بىز ئۆتكەن ئايدا قەشقەردىكى ئىسىمشۇناس تەتقىقاتچى مۇتەللىپ سىدىق قاھىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن ئىدۇق.
ئۇنىڭ 10 يىللاردىن بېرى گېرمانىيەدە ئوقۇش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان ئوغلى تاھىر مۇتەللىپ قاھىرى ئۆتكەن ھەپتە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا گۇۋاھلىق باياناتى ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنى دادىسىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى.
ئۇ بۈگۈن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، دادىسىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغاندىن كېيىنكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلدى. ئۇ يەنە دادىسىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشتىن ئاۋۋال ئۇچرىغان بىر قىسىم جازالىرى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بەردى.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.