«تارىم» ژۇرنىلى ئەدەبىي ئەسەرلەرگە قارىتىلغان سىياسىي ئۆلچەمنى ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2017.03.16
tarim-churnili-teshebbus.jpg «تارىم» ژۇرنىلىنىڭ ئۈندىدارغا ئاپتورلارغا چىقارغان تەشەببۇسنامىسىدىن سۈرەتكە ئېلىنغان. 2017-يىلى 14-مارت.
Social Media

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدا ھەر ساھەلەردە مۇقىملىق سىياسەت تەدبىرلىرىنى كۈچەيتتى. ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى كۈرەشنىمۇ يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرمەكتە. ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشقا دائىر تەدبىر ئورۇنلاشتۇرمىلار بويىچە ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكىلەرنىڭ يەنىمۇ زور بېسىمغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ كونا ۋە ئەڭ يۇقىرى تىراژلىق مەجمۇئەلەردىن «تارىم» ژۇرنىلىمۇ 14-مارت ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر قىسىم ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋە يازارلار قوللىنىدىغان ئۈندىدار توپلۇقلىرىغا ئاپتورلارغا قارىتىپ مەخسۇس تەشەببۇسنامە ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدا، بۇنىڭدىن كېيىن ئەسەر ئەۋەتمەكچى بولغان شائىرە، ئەدىپلەرنىڭمۇ ئىجادىيەتلىرىدە كوممۇنىست پارتىيە ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى شەرت قىلغان بىر قاتار سىياسىي ئۆلچەمنى ئېلان قىلغان. چەتئەللەردىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر يازارلار بۇنى تارىم ژۇرنىلىلا ئەمەس، خىتاي باشقۇرۇشىدىكى بارلىق مەجمۇئەلەرنىڭ، شۇنداقلا ئۇيغۇر ئەدەبىياتچىلىقىنىڭ كرىزىسقا پاتقانلىقىنىڭ ئېنىق ئىپادىسى دەپ قارىماقتا. شۇنداقلا ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان قانلىق باستۇرۇشلىرىغا ئوخشاشلا، ئەدەبىيات ساھەسىگە قاراتقان بېسىملىرىمۇ دۇنيانىڭ جىددىي دىققىتىنى تارتىشى كېرەك دەپ چاقىرىق قىلدى.

«تارىم» ژۇرنىلى ئۇيغۇرلارنىڭ 70 يىلغا يېقىن ئۈزۈلمەي ئېلان قىلىنىپ كېلىۋاتقان، ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئاساس قىلغان ئەڭ كەڭرى تارقىتىلىدىغان نەشر ئەپكارى. ئىگىلەشلىرىمىزگە قارىغاندا، يېقىنقى يىللاردا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىگە قاراتقان مۇقىملىق سىياسەت تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشى، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى كونتروللۇقىدىكى بارلىق مەتبۇئاتلاردا ئىپادىسىنى تاپقان بولۇپ، «تارىم» ژۇرنىلىدىمۇ ئېلان قىلىنىۋاتقان ئەدەبىي ئەسەرلەرگە قويۇلىدىغان بەدىئىي تەلەپتىن سىياسىي تەلەپلەرنىڭ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىشى بىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ سۆيۈپ ئوقۇيدىغان ژۇرنىلى بارا-بارا بىر ساپ ئەدەبىي ژۇرناللىق خۇسۇسىيىتىنى يوقىتىپ، سىياسىي ژۇرنالغا ئايلىنىپ قالغان. يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشقا دائىر تەدبىر ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە تارىم ژۇرنىلى ئېلان قىلغان تەشەببۇسنامىدە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ تەقدىرى دۆلەتنىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ باغلانغان، ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ جان تومۇرى دۆلەتنىڭ جان تومۇرى بىلەن زىچ بىرلىشىپ كەتكەن» دېگەن بايانلىرىنىڭ ھەر بىر ئەدىبنىڭ دىققىتىنى قوزغىشى كېرەكلىكى ئالاھىدە ئەسكەرتىلىپ، بولۇپمۇ ھازىرقىدەك تارىخىي ۋەزىيەتتە «قەلەم كۈرۈشىمۇ ئەلەم كۈرىشىگە بىلەن ئوخشاش مۇھىم ئورۇندا» دەپ كۆرسىتىلگەن ۋە «يازغۇچى، شائىر، ئەدىبلەر ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى تۇرۇشتا، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات ئىستىھكامىنى قۇرۇشتا ئۈلگە بولۇشى كېرەك» دېيىلگەن. تارىم ژۇرنىلىنىڭ، شائىر، ئەدىپلەرنىڭمۇ ئىجادىيەتلىرىدە كوممۇنىستىك پارتىيە ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى شەرت قىلىدىغانلىقىنى ئېنىق ئىپادىلىگەن.

ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدە ھەر مىللەت ئاممىسى پارتىيەنى، ۋەتەننى، سوتسىيالىزمنى سۆيۈشكە، ئۇلارنىڭ مۇقىملىقنى ئويلاش، ئىناقلىققا تەلپۈنۈش، تەرەققىياتنى كۆزلەش، ھاللىق سەۋىيىگە يۈرۈش قىلىش ئارزۇسىنى ئىپادە قىلىش يېتەكچى ئىدىيىسى قىلىش قاتارلىقلارنى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيىسىنىڭ يامرىشىنى توسۇش قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىشتا مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا چاقىرىق قىلغان.

«تارىم» ژۇرنىلىنىڭ سىياسىيلىققا تولغان بۇ تەشەببۇسنامىسى چەتئەللەردىكى تاراتقۇلاردىمۇ كەڭرى تارقىلىپ، ھىجرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر يازارلاردا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى، بۇ ھەقتە ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان كانادادىكى ئۇيغۇر شائىر تۇيغۇنجان ئابدۇۋەلى، ئۆزىنىڭ ئىلگىرىمۇ تارىم ژۇرنىلىدا ئەسەرلىرىنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىنى، ئامما ھازىر بۇ ژۇرنالنىڭ بارغانچە سىياسىي بىر ژۇرنالغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى بىر قانچە تەرەپلەردىن شەرھلىدى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرچە نەشر ئەپكارلىرىنىڭ بېشى سانالغان تارىم ژۇرنىلىنىڭ بۇ تەشەببۇسنامىسىدىن، باشقا بارلىق ئۇيغۇر نەشر ئەپكارلىرىغىمۇ ئوخشاش تەلەپ قويۇلۇۋاتقانلىقىنى جەزملەشتۈرۈشنىڭ تەس ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى : «90 ‏-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان، ئۇيغۇر ئېلىدا تونۇلغان ياش يازارلاردىن، ھازىر چەتئەلدە بىلىم ئاشۇرۇۋاتقان بىر شائىرە، ئائىلىسىنىڭ بىخەتەرلىكى يۈزىسىدىن ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغان بولسىمۇ، ئۆزى بۇ نۇقتىدا ئىپادە بىلدۈرۈش مەسئۇلىيىتىم بار دەپ ئويلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تارىم ژۇرنىلىنىڭ ئەسەرلەرگە قويىدىغان سىياسەت تەلەپلىرىنىڭ، چەكلىمىلىرىنىڭ يۇقىرى بولۇشى سەۋەبلىك، ئۆزىنىڭ ۋە ئۆزىگە ئوخشاش ياش يازغۇچى، شائىرلارنىڭ بۇ ژۇرنالدا ئەسەر ئېلان قىلىشنىمۇ خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچلۈك تەقىب ۋە چەكلىمىلىرى تۈپەيلى ۋىجدانلىق، كەسپىگە سادىق ئۇيغۇر يازارلارنىڭ بىر بولسا قەلەمنى تەرك ئېتىش ياكى بولمىسا ۋەتەننى تەرك ئېتىشتەك ئىككىلا خىل تاللاشقا مەجبۇر قېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇيغۇرلار ئارىسىدىلا ئەمەس، خەلقئارادىمۇ ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشكەن ئۇيغۇر قەلەم ئىگىلىرىدىن، كانادادا ئىستىقامەت قىلىۋاتقان شائىر ئەخمەتجان ئوسمان تارىم ژۇرنىلىنىڭ ئاپتورلارغا چىقارغان تەشەببۇسنامىسىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، «بۇ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىز دۇچ كەلگەن كرىزىس» دەپ بىلدۈردى. ئۇ، ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈنمۇ، ئۇيغۇر ئەدىبلىرى ئۈچۈنمۇ ئەڭ نازۇك بولغان بۇ پەيتتە، يازارلارنىڭ ئۆزىنى كىشەنلىگەن بۇنداق رادىكال مەتبۇئاتلارنى بايقۇت قىلماقتىن باشقا ئامال يوق دەپ قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسى ۋە ئەدەبىياتىمىزغا قاراتقان بۇ يوقىتىش ۋە بېسىم سىياسەتلىرىمۇ، ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بېرىۋاتقان قانلىق ۋەقەلەرگە ئوخشاشلا دىققەت قوزغىشى كېرەك دەپ چاقىرىق قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.