تايلاندتا 220 ئۇيغۇرنىڭ ياشاۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى جىددىي تېلېفون يىغىنى چاقىرىپ، 11 كىشىدىن تەركىب تاپقان مۇساپىرلار كومىتېتى قۇرۇپ چىقىپ، مۇساپىر ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەشكە باشلىغان ئىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك، سابىق مۇئاۋىن رەئىس سەمەت ئابلا قاتارلىق كىشىلەردىن تەركىب تاپقان ھەيئەت 18-ماي كۈنىدىن 25-ماي كۈنىگىچە مالايشىيا ۋە تايلاند قاتارلىق دۆلەتلەرگە بېرىپ ئۇ يەردىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلاردىن ھال سورىدى.
د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى مۇخبىرىمىزغا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنىڭ ئاياللار ۋە بالىلاردىن تەركىب تاپقانلىقىنى، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھاۋا كىلىماتى شەرقىي تۈركىستانغا ئوخشىمايدىغان بولغاچقا ئۇيغۇر بالىلارنىڭ كۆپىنىڭ ھەر خىل يۇقۇملۇق كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ، قېيىن ۋەزىيەتتە ياشاۋاتقانلىقىنى، چەتئەلدىكى پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇلارغا ياردەم قولىنى ئۇزىتىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
د ئۇ ق رەئىسى سېيىت تۈمتۈركنىڭ ئېيتىشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەيئىتى تايلاند ۋە مالايشىيادىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، بۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ياردەم تەلەپ قىلغان. مەزكۇر دۆلەتلەردىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئۇيغۇر مۇساپىرلارغا ياردەم قىلىشقا باشلىغان.