خىتاي تەتقىقاتچى: «‹تەربىيىلەش مەركەزلىرى› ئۇيغۇر رايونىدىكى يوشۇرۇن خەۋپنى يوقىتىش ئۈچۈن قۇرۇلدى»

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.07.25
xoten-yepiq-terbiyelesh-orni.jpg خوتەندىكى مەلۇم يېپىق تەربىيەلەش ئورنى.
Social Media

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتىپىنىڭ تەتقىقاتچىسى چيۇ يۈەنيۈەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار ھەققىدە چوڭچىڭدا چىقىدىغان بىر توربەتتە ئېلان قىلغان دوكلاتىدا لاگېرلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا 2014‏-يىلدىن باشلاپ ئېلىپ بېرىلغان 3 يىللىق قاتتىق زەربە دولقۇنىنىڭ نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەش، بولۇپمۇ قاتتىق زەربە دولقۇنىدا نارازى بولغان ئائىلىلەرنىڭ ۋەقە چىقىرىپ قويۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يەنى يوشۇرۇن بىر خەۋپنى يوقىتىش ئۈچۈن قۇرۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇنىڭ بۇ دوكلاتىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلارنىڭ ئىچكى ئەھۋالى ھەققىدىكى بىر قىسىم ئۇچۇرلارمۇ ئاشكارا قىلىنغان.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، چوڭچىڭدىكى ۋېيپۇ تەتقىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان مەزكۇر دوكلاتتا ئۇيغۇر رايونىنىڭ «تېررورلۇق ئەۋجىگە چىققان، بۆلگۈنچىلىككە زەربە بېرىش كۈرىشى كەسكىنلەشكەن ۋە ئامما ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىشنىڭ تولغىقىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان مۇرەككەپ ۋە نازۇك بىر سىياسىي ۋەزىيەتتە تۇرۇۋاتقانلىقى» بايان قىلىنغان. دوكلاتتا دېيىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا ئاتالمىش «دىنىي ئەسەبىيلىك» تىن يۇقۇملانغان كىشىلەر كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېقىنقى 3 يىللىق يەنى 2014‏-، 2015‏- ۋە 2016‏-يىللاردىكى «قاتتىق زەربە بېرىش» دولقۇنىدا كۆپ ساندا كىشىلەر زەربىگە ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن جەمئىيەتتە بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ، بولۇپمۇ ئائىلە ئەزالىرى زەربىگە ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ توپلىشىپ ۋەقە چىقىرىش خەۋپى تۇغۇلغان. شۇڭا دائىرىلەر 3 يىللىق قاتتىق زەربىنىڭ مېۋىسىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ھەرقايسى «تەربىيىلەش مەركەزلىرى» نى تەسىس قىلغان. تەربىيىلەپ ئۆزگەرتىشنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك بىر جەريان ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن بۇ دوكلاتتا لاگېرلار ھەققىدە ھازىرغا قەدەر تېخى ئاشكارىلانمىغان ياكى مۇستەقىل ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي دائىرىلىرى تېخىچە يوشۇرۇپ كېلىۋاتقان بىر قىسىم مەلۇماتلار ئوچۇقچىلىققا چىققان. 

ئىلگىرىكى ئەھۋال ئىگىلەشلىرىمىز داۋامىدا كورلىدىكى بىر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگىسى كورلىدا قاماقخانا ۋە تۈرمىلەرنىڭ «تەربىيىلەش مەركەزلىرى» ئورنىدا ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى. مەزكۇر دوكلاتتا ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئىلگىرى قاماقخانا، تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزى، ساقچىلارنىڭ مەشىق زالى ياكى كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى ئىكەنلىكىنى، يەنە بىر قىسمىنىڭ بولسا يېڭىدىن تەسىس قىلىنغانلىقىنى بايان قىلغان. 

ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا يەنە بەزى كەنت مۇدىرلىرى لاگېرغا ئاپىرىلىۋاتقانلارنىڭ يۇقىرىدىن چۈشكەن تىزىملىك ۋە سان ۋەزىپىسىگە ئاساسەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى. مەزكۇر دوكلاتنىڭ لاگېردىكى مەسىلىلەر ھەققىدىكى قىسمىدا ئاتالمىش تەربىيەلەنگۈچىلەر نامزاتىنى «كەنت كۆرسىتىش، يېزا تەكشۈرۈش ۋە ناھىيە بېكىتىش» تەدبىرى قوللىنىلىۋاتقانلىقى، بەزى كەنت مۇدىرلىرىنىڭ ئۆزلىرى بىلەن شەخسىي زىدىيىتى بولغان كىشىلەرنىمۇ نامزاتلار قاتارىغا كىرگۈزۈۋېتىپ بارغانلىقىنى يازغان. 
ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا بەزى خادىملار لاگېرغا ئادەم ئاپىرىش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن سان ۋە نىسبەت بارلىقىنى بايان قىلغان. يەنە بەزىلەر لاگېرغا ئادەم ئاپىرىشتا سان ۋەزىپىسى يوقلۇقىنى بايان قىلغان ئىدى. مەزكۇر دوكلاتتا قانداق كىشىلەرنى «تەربىيىلەش» ھەققىدە ئېنىق ئۆلچەم بولمىغاچقا بەزى جايلاردا خادىملارنىڭ سان تولدۇرۇشقا ئالدىراپ كېتىپ، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىۋەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.

دوكلاتتا دېيىلىشىچە، «ئەسەبىيلىككە قارشى تەربىيىلەپ ئۆزگەرتىش» ھەرىكىتىنىڭ تەجرىبىدىن ئۆتكەن مىسالى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ھەرقايسى جايلارغا ئۆز ئالدىغا ئىش ئېلىپ بېرىش ھوقۇقى بېرىلگەن. بۇ سەۋەبتىن «يېپىق تەربىيىلەش ھەرىكىتى» دە ئوخشىمىغان ئۇسۇل ۋە ئوخشىمىغان نەتىجىلەر كۆرۈلگەن. مەسىلەن، بەزى جايلاردا يېزا، ناھىيە ۋە شەھەر دەرىجىلىك «تەربىيىلەش مەركەزلىرى» قۇرۇلغان بولسا، بەزى جايلاردا پەقەت ناھىيە ۋە شەھەر دەرىجىلىكلا لاگېرلار تەسىس قىلىنغان. 

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر لاگېرلارنىڭ خىتاي كۈتكەندىن ئەكسىچە نەتىجە بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكەن ئىدى. مەزكۇر دوكلاتتىمۇ تەربىيەلەشتىكى ئۆلچەم ۋە تۈرگە ئايرىش ئېنىق بولمىغاچقا ئوخشىمىغان ئاڭ سەۋىيە ۋە مۇددىئادىكى كىشىلەر بىر ئورۇندا تەربىيىلىنىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇلار ئوز-ئارا بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئىدىيە جەھەتتىن «تازىلىنىش» ئەمەس، بەلكى ئاتالمىش «زەھەرلىنىۋاتقانلىقى» ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.