«تەربىيىلەش» تىكى سابىق سېكرېتار پەزىلەت بەكرى ھەققىدە يەنە بىر قىسىم ئۇچۇرلار ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.03.29
Pezilet-Bekri.JPG خىزمەتتە ئاكتىپ بولمىدى دېگەن باھانە بىلەن «تەربىيىلەش لاگېرى» غا ئېلىپ كېتىلگەن قەشقەر يارباغ كوچا باشقارمىسىنىڭ سېكرېتارى پەزىلەت بەكرى.
RFA

بىز ئۆتكەن ھەپتە قەشقەر شەھەرلىك ياۋاغ كوچا باشقارمىسىنىڭ سابىق سېكرېتارى پەزىلەت بەكرىنىڭ ئۆزى نازارەتچىلىك ۋەزىپىسى ئۆتەۋاتقان «يېپىق تەربىيىلەش» ھەرىكىتىدە ئاكتىپ پوزىتسىيەدە بولمىغانلىقى ئۈچۈن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقى ۋە «تەربىيىلەش» كە ئەكېتىلگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن ئىدۇق. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ تېمىدا داۋاملىق ئەھۋال ئېنىقلىشى داۋامىدا پەزىلەت بەكرىنىڭ قەشقەر شەھەرلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسىدە ئىشلىگەن مەزگىلىدە جەمئىيەتتە تونۇلغانلىقى ۋە ئىناۋەت تاپقانلىقى، «تەربىيىلەش» كە ئەكىتىلىشتىن ئاۋۋال دۆلەت بىخەتەرلىك ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى قاتارلىق يەنە بىر قىسىم ئۇچۇرلار ئاشكارىلاندى.


پەزىلەت بەكرى ھەققىدە رادىيومىزغا كەلگەن ئۇچۇردا ئۇنىڭ خىزمەت داۋامىدا بەزى ئېچىنىشلىق ئەھۋاللارنى كۆرگەندە ئۆز ھېسسىياتىنى يوشۇرالمىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما كونكرېت ھالدا ئۇنىڭ نېمىلەرنى كۆرگەنلىكى ۋە قانداق ئىنكاس قايتۇرغانلىقى يېزىلمىغان. بىز ئەھۋالنىڭ بۇ تەرىپىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن قەشقەردىكى ئالاقىدار ئىدارە-ئورگانلارغا داۋاملىق ھالدا تېلېفون قىلدۇق. خادىملار ئاۋۋالقىدەكلا پەزىلەت بەكرىنىڭ «تەربىيىلەش» تە ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ كىملىكى ۋە نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشتىن ئۆزلىرىنى قاچۇردى. 

بىز پەزىلەت بەكرىنىڭ بۇرۇنقى ۋە يېقىنقى خىزمەت ئورۇنلىرىدىن ئۇچۇر ئالالمىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ مۇھاجىرەتتىكى يۇرتداشلىرىدىن مەلۇمات سورىدۇق. نۆۋەتتە تۈركىيەدە پاناھلىنىپ تۇرۇۋاتقان، ئىلگىرى قەشقەردە ئۇزۇن مەزگىل سودا-تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان ئابدۇراخمان ھەسەن ئەپەندى، ئۆزىنىڭ پەزىلەت بەكرىنى تونۇيدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئامما ئىچىدىكى تەسىرىدىنمۇ خەۋەردار ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئابدۇراخمان ھەسەننىڭ بايان قىلىشىچە، پەزىلەت بەكرى شەھەرلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسىدە ئىشلەۋاتقان مەزگىلىدە خىتاينىڭ قانۇن-بەلگىلىمىلىرىدىن چەتنىمىگەن ھالدا خىزمەت دائىرىسى ئىچىدە كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلغان. يەنە ئابدۇراخماننىڭ بايان قىلىشىچە، پەزىلەت بەكرى بەزى خىتاي كادىرلىرىغا ئوخشاش ئىشتىن پۇتاق تېپىپ، كىشىلەرگە قەستەن قىيىنچىلىق ۋە ئاۋارىچىلىك تۇغدۇرىدىغان ئىشلاردىن ئۆزىنى ئۇزاق تۇتقان. پەزىلەت بەكرىنىڭ ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرت ئەھلى بىلەن ئەپ ئۆتىشى، يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئىززەت ھۆرمىتىگە ئېرىشىشى، ئۇنىڭ بۇ قېتىم «تەربىيىلەش» كە لايىق كۆرۈلۈشىگە سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئابدۇراخمان ھەسەن رادىيومىزغا كەلگەن ئۇچۇردا دېيىلگەن پەزىلەت بەكرىنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋاللارنى كۆرگەندە ئۆز ھېسسىياتىنى يوشۇرالمىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرنىڭ ئەقىلگە ئۇيغۇنلۇقىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، نۆۋەتتە «يېپىق تەربىيىلەش» دولقۇنىدا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئەھۋاللارغا ئېچىنىش ۋە ھېسداشلىق قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر بولۇش شەرت ئەمەس، ئىنسانىي تۇيغۇغا ساھىب ھەرقانداق بىر كىشى ياشانغان بىر بوۋاينىڭ بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈلۈپ ئېلىپ مېڭىلىشى، ئاتا-ئانىسى تەڭ ئېلىپ كېتىلگەن نارەسىدە بالىلارنىڭ ئۆيلەردىكى بىچارە قىياپىتى قاتارلىق مەنزىرىنى كۆرگەندە لەۋنى چىشلەشتىن، بىر ئۇھ تارتىشتىن ساقلىنىشى تەس. شۇڭا ئۇ پەزىلەت بەكرىنىڭ پەقەت ئۆزىدىكى ئىنسانىي بىر تۇيغۇ ياكى پەزىلەتنى ئاشكارىلاپ قويغانلىقى ئۈچۈنلا بېشىغا بۇ ئاۋارىچىلىك كەلگەنلىك ئېھتىماللىقىنى پەرەز قىلدى. 

پەزىلەت بەكرى ھەققىدە ئۇيغۇر دىيارى بىلەن ئالاقىسى ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقان بىر قانچە تىجارەتچىدىن ئۇچۇر ئاڭلىغانلىقىنى بايان قىلغان ئابدۇراخمان ھەسەن، ئۇنىڭ تۇتۇلغاندا دۆلەت بىخەتەرلىك ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغانلىقىنى، شۇڭا ئۇنىڭ «تەربىيىلەش مەركىزى» دە ئەمەس، بەلكى قاماقخانىدا بولۇش ئېھتىماللىقىنىمۇ ئىلگىرى سۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.