بىر مېيىپ كىشى بېيجىڭ ئايرودرومىدا پارتلىتىش ۋەقەسى سادىر قىلغاندىن كېيىن، ۋەقە خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدىكى مەتبۇئاتلاردا كەڭ ئىنكاس قوزغىدى. قىزىقارلىقى، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ۋەقە سادىر قىلغۇچىغا جىنايەتچى ياكى تېررورچى ئەمەس، بەلكى بىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى قاتارىدا مۇئامىلە قىلىپ، ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلدى. چەتئەل ئاخباراتلىرى بولسا خىتايدىكى ئادالەتسىزلىك ئىچىدە باشقا چىقىش يولى قالمىغان بۇ كىشىلەرنىڭ خىتايدا تېررورلۇقنىڭ يېڭىچە بىر ئۇسلۇبىنى يارىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ئۆتكەن جۈمە كۈنى كېچىدە جى جۇڭشىڭ ئىسىملىك بىر مېيىپ بېيجىڭ ئايرودرومىنىڭ 3-زالىدا بومبا پارتلاتقان ئىدى. تېررورلۇق كاتېگورىيەسىگە كىرىدىغان بىر ۋەقەنىڭ خىتايدا ۋە شۇنداقلا بېيجىڭ ئايرودرومىدەك چوڭ بىر ئايرودرومدا يۈز بېرىشى ئەلۋەتتە خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. كىشىلەر بۇ مېيىپ تېررورچىنىڭ كىملىكىنى بىلىشكە قىزىقتى.
ئەسلىدە جى جۇڭشىڭ موتسىكلىت بىلەن كىراكەشلىك قىلىدىغان بولۇپ، ئۇ 2005-يىلى خىتاي ئامانلىق خادىملىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ئېغىر زەخىملەنگەن ۋە مېيىپ قىلىنغان. شۇنىڭدىن كېيىن چاقلىق ھارۋىغا چۈشۈپ قالغان جى جۇڭشىڭ ھېچقانداق يەرگە ئەرزىنى ئاقتۇرالمىغان، بىر تىيىن تۆلەممۇ ئالالمىغان. چاقلىق ھارۋىغا چۈشۈپ قالغان جى جۇڭشىڭنىڭ ھالىدىن ئۇنىڭ يېزىدىكى قېرى دادىسى خەۋەر ئالغان. ئۇنىڭ ئۆز شەخسىي توربېتىدە بايان قىلىنىشىچە، ھېچبىر ئەمەلدار ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىغان.
جى جۇڭشىڭنىڭ مانا بۇ ھېكايىسى تارقالغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ مۇنازىرە تور بەتلىرىدىكى مۇلاھىزىچىلەر بولسۇن، خىتايدىكى ۋەقە ھەققىدە خەۋەر يازغان مۇخبىرلار ۋە ھەتتا خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاۋازى بولغان خەۋەر تورلىرىدا بولسۇن، بىردەك ئۇنىڭغا ھېسداشلىق، ئىچ ئاغرىتىش تۇيغۇسىدا بولدى. ئۇنىڭ ھېكايىسى خىتاينىڭ ئادالەت سىستېمىسىدىكى ھەقسىزلىقنىڭ سىمۋولىغا ئايلىنىپ، قاتتىق مۇنازىرە پەيدا قىلدى. بۇ ھەقتە خىتايدىكى سەيشىن خەۋەرلەر تورىنىڭ مۇخبىرى لۇ جيېچى ئېلان قىلغان «نېمىشقا بىر مۇخبىر ئايرودرومنى پارتلاتماقچى بولغان كىشىگە ھېسداشلىق قىلىدۇ» ماۋزۇلۇق ماقالە ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ جى جۇڭشىڭنى دوختۇرخانىدا زىيارەت قىلىپ چىققاندىن كېيىنكى ھېسسىياتىنى مۇنداق بايان قىلغان :
-مەن دوختۇرخانىدىن يېنىپ چىققاندىن كېيىن، مېنىڭ كاللامنى ئىنتايىن مۇرەككەپ ھېسسىياتلار چۇلغىۋالدى. ئەگەر جى جۇڭشىڭ ئايرودرومنى پارتلاتماي تۇرۇپ، يېنىمغا كېلىپ، ماڭا ئەرزىنى ئېيتقان بولسا، مەن يەنە ئۇنىڭ دەردىنى خەۋەر قىلغان بولامتىم؟ مەنچە ئۇنىڭ ھېكايىسى خەۋەر قىلىپ تاللىنىشى قېيىن، چۈنكى ئۇ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتمىغان بولاتتى. چۈنكى خىتايدا بۇ بەكلا نورمال ئەھۋال. ھېلىمۇ ئېسىمدە، بىزگە ئەينى ۋاقىتتا دەرس ئۆتكەندە «ئىت ئادەمنى چىشلىۋالسا خەۋەر بولمايدۇ، ئادەم ئىتنى چىشلىۋالسا خەۋەر بولىدۇ» دەپ ئۆتكەن ئىدى. ئەمما خىتايدا ئادەم ئىتنى چىشلىۋالسىمۇ خەۋەر بولمايدۇ، چۈنكى بۇنىڭغا ئوخشاش تەڭسىزلىكلەر، تراگېدىيىلەر ھەر كۈنى يۈز بېرىپ تۇرۇۋاتىدۇ. بىر مۇخبىر پەقەتلا ئۆزىنىڭ باشلىقىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتىدىغان خەۋەرلەرنى يازالايدۇ. بۇ دۆلەتتە بۇنداق ئىشلار بەك جىق دېيىش ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ ۋىجدانىنى ئالدايمىز. بۇ يەردە ئاخباراتنىڭ كۈچى يوق. چۈنكى بۇ يەردە بىزنىڭ گېلىمىزنى بوغۇپ تۇرىدىغان قوللار بار. بىز خەۋەرنى ئېلان قىلىپ بولغۇچە ئۇنى يوقىتىۋېتەلەيدىغان قوللار بار. بۇ دۆلەتتە ئىشلار ئەنە شۇنداق. ھەرقانداق بىر ئىشنىڭ قاراڭغۇ تەرىپى يوشۇرۇلىدۇ. بەزى كىشىلەر ھامان ئۆزىنى ئاخباراتنىڭ تەقىب قىلىشىدىن قاچۇرالايدۇ. ئۇلار تولىمۇ نومۇسسىز. مەن ئۆزۈمنىڭ مۇخبىرلىق تەجرىبەمگە تايىنىپ تۇرۇپ شۇنى دېيەلەيمەن، نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنىڭ ھاياتىنى ئادالەت ئۈچۈن قۇربان قىلىشنى خالىمايدۇ. مەنمۇ شۇنداق، مەن بۇنى ئېتىراپ قىلىمەن، مەندە ئادالەت ئۈچۈن كۈرەش قىلغۇدەك ئېنېرگىيە يوق.
مۇخبىر ماقالىسىنىڭ داۋامىدا، ئۆزىنىڭ تاغىسىنىڭمۇ يېرىنى تارتتۇرۇپ قويۇپ، بىر تىيىن تۆلەمگە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى، بىر قانچە قېتىم ئەرز قىلىپمۇ، ئېزىنى ئاقتۇرالمىغانلىقىنى، خىتايدا بۇنداق ۋەقەلەرنىڭ ئىنتايىن جىقلىقىنى يازغان ۋە ئۆزى سۆھبەت ئېلىپ بارغان ۋۇ بوشىن ئىسىملىك بىر جەمئىيەتشۇناسنىڭ ئۆز ئالدىغا تېررورلۇق ۋەقەسى سادىر قىلغان كىشىلەرگە چۈشەنچە بەرگەندە «ئۆز ئالدىغا يالغۇز ھالدا تېررورلۇق ۋەقەسى سادىر قىلغان كىشىلەر ئادەتتە چارىسىز ۋە ھاياتتا تارتىشىدىغان ھېچنېمىسى قالمىغان كىشىلەردۇر» دەپ ئىزاھ بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
يۇقىرىدىكى بۇ مۇخبىرنىڭ ھېسسىياتلىرى مانا بۈگۈن خىتاي جەمئىيىتىدە ئېلان قىلىنىۋاتقان مۇلاھىزىلەردە بىردەك ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان ئورتاق بىر ھېسسىيات بولۇپ، ۋەقە قايتىدىن خىتايدا قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئەمەلگە ئاشماسلىقى، پۇقرالار ئۇچراۋاتقان ئادالەتسىزلىكلەرنى سۇ يۈزىگە ئېلىپ چىقتى. ۋەقەدىن كېيىن خىتاي جەمئىيىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھالدا بۇ قوش تىرناق ئىچىدىكى «تېررورچى» غا ھېسداشلىق قىلىشى چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇلار خىتايدىكى يېڭىچە تېررورلۇق راستىنىلا كىشىلەرنىڭ قەلبىنى ئۇتۇۋاتامدۇ، ئەگەر شۇنداق بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قانداق تاقابىل تۇرىدۇ؟ دېگەن سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قىزىقماقتا. ئۇلار ھەتتا خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەت رايونلىرىدىكى ۋەقەلەر بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ۋەقەلەرگە تۇتۇۋاتقان پەرقلىق مۇئامىلىسىگىمۇ دىققەت قىلدى. خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي پۇقرالىرى 2011-يىلى جياڭشى ئۆلكىسىدە چيەن مىڭچى ئىسىملىك يېرىنى تارتتۇرۇپ قويغان بىر ئەرزدار ھۆكۈمەت بىناسىغا بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، ئۆزى بىلەن بىللە 3 ھۆكۈمەت كادىرىنى ئۆلتۈرگەندە ۋە شۇنداقلا 2012-يىلى يۈننەن ئۆلكىسىدىمۇ بىر ئەرزدار ئۆزى بىلەن بىللە 4 ئادەمنى قوشۇپ پارتلاتقان ۋەقەلەرگىمۇ ئوخشاشلا ھۇجۇم قىلغۇچىلارغا ھېسداشلىق بىلدۈرگەنلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتتى. ئامېرىكىدا چىقىدىغان «دىپلومات» ژۇرنىلى تور بېتىدە ئېلان قىلغان مۇلاھىزىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ غەربىي رايونلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرگە ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىدە يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرگە قالپاق كىرگۈزۈشتىكى پەرقى سېلىشتۇرما قىلىنىغان ۋە مۇنداق دېيىلگەن:
-ئايرودرومدىكى پارتلىتىش ۋەقەسىدە نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بومبا پارتلاتقۇچىغا ھېسداشلىق قىلدى. ھەتتا ئۇنى قەھرىمان، دەپ ئاتىغۇچىلارمۇ بولدى... خىتايغا ئوخشاش مۇستەقىل ئەدلىيە سىستېمىسى بولمىغان، ئەركىن، مۇستەقىل ئاخباراتچىلىقتىن ئەسەرمۇ يوق بىر دۆلەتتە بۇنداق ئىجتىمائىي ۋەقەلەرگە ئىزاھات بېرىش، خىتاينىڭ غەربىي رايونلىرىدا داۋاملىق يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرگە ئىزاھات بېرىشتىن كۆپ قېيىن... ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى ۋە تىبەتتىكى ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ۋەقەلىرىنى يىڭنىدەك سۆزلەر بىلەن ئەيىبلەيدىغان خىتاي مەتبۇئاتلار ئەكسىچە جى جۇڭشىڭ ۋەقەسىگە بىردەك ھېسداشلىقىنى ئىپادە قىلدى ھەتتا ھۆكۈمەتنى بۇ خىلدىكى ۋەقەلەرگە سەل قارىماسلىققا چاقىردى. ھەتتا يەر شارى ۋاقتى گېزىتىمۇ ۋەقە سادىر قىلغۇچى تەرەپتە تۇرۇپ گەپ قىلدى.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋازى بولغان مەتبۇئاتلار ئارقىدىنلا يەنە، بۇنداق ۋەقەلەرگە ھېسداشلىق قىلىش بىلەن قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىشىنىڭ ئىككى ئىش ئىكەنلىكىنى، مۇقىملىقنى ساقلاش ئۈچۈن بۇنداق كىشىلەرنىڭ ئوخشاشلا قانۇننىڭ جازاسىغا تارتىلىشى كېرەكلىكىنى، دەردىنى بۇنداق ئىزھار قىلىشنىڭ پايدىسىزلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما دىپلومات گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جى جۇڭشىڭنىڭ ئايرودرومدا ۋەقە سادىر قىلىشى بىر ھېسابتا نەتىجە ھاسىل قىلغان. چۈنكى دائىرىلەر جى جۇڭشىڭنىڭ داۋاسىغا قايتىدىن قاراپ چىقىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، گېزىت مۇلاھىزىسىنىڭ ئاخىرىدا «بۇ ئەھۋالدىن قارىغاندا، خىتايدىكى ئەرزدارلارنىڭ ئەھۋالىدا ئازراق ئۆزگىرىش بولىدىغاندەك تۇرىدۇ. بۇ خىل پارتلىتىش ۋەقەلىرىگە ھېسداشلىق قىلىش بەلكى خىتايدا خەتەرلىك بىر ئادەتنى شەكىللەندۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن» دەپ خۇلاسە چىقارغان.