خىتاي دائىرىلىرى سېرىقبۇيا ۋەقەسى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىپ، ئىككى نەپەر ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەندىن كېيىن، ئۆز مەتبۇئاتلىرىدا تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قىلىش، تېررورلۇققا قارشى ئىتتىپاقلىشىش تېمىسىدىكى تەشۋىقاتلىرىنى كۈچەيتتى.
شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە يەنە، ئىككى ئۇيغۇرغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈردى. چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھالقىلىق پەيتلەردە ئۆز ھاكىمىيىتىنى قوغداش ئۈچۈن داۋاملىق مۇشۇنداق ئۇسۇللار ئارقىلىق دىققەتنى بۇراپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاۋازى ھېسابلىنىدىغان يەرشارى ۋاقتى گېزىتى سېرىقبۇيا ۋەقەسى ئۈستىدىن ئىككى ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى قارارى چىقىرىلغاندىن بۇيان مەزكۇر سوت قارارىنىڭ ئادىل بولغانلىقىنى تەشۋىق قىلىدىغان ۋە شۇنداقلا بارچە خىتاي جەمئىيىتىنى تېررورلۇققا قارشى ئىتتىپاقلىشىشقا چاقىرىدىغان مەزمۇندىكى ماقالىلەر ئېلان قىلىنىشقا باشلىدى. مەسىلەن، بۈگۈن خىتاينىڭ يەر شارى ۋاقتى گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «بارچە خىتاي جەمئىيىتى تېررورلۇققا قارشى ئىتتىپاقلاشتى» ماۋزۇلۇق بىر پارچە ماقالىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەقەلەرنىڭ مىللىي زىددىيەت ئەمەسلىكى، سېرىقبۇيا ۋەقەسىنى سادىر قىلغۇچىلارنىڭ تېررورچىلار ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ۋە «يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە زوراۋانلىق ۋەقەلىرى ئارقا - ئارقىلاپ مەيدانغا كېلىپ، نەچچە يۈزلىگەن كىشىنىڭ ھاياتىغا زامىن بولدى. خىتاي خەلقى بۇ تېررورچىلار ئۈستىدىن چىقىرىلغان ھۆكۈمنى بىردەك قوللايدۇ. ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەقەلەر ھەرگىزمۇ ئېتنىك مەسىلە بىلەن ئارىلاشتۇرۇلۇپ قويۇلماسلىقى كېرەك» دەپ ئەسكەرتىلگەن. يەر شارى ۋاقتى گېزىتى يەنە سۆزىنى داۋام قىلىپ : «خىتاي ئاممىسى تەرتىپنى بۇزۇپ، قاتىللىق قىلىدىغان تېررورچىلارغا قەتئىي يۇمشاق قوللۇق قىلماسلىقتەك پوزىتسىيىنى ئۆزگەرتمەيدۇ... خىتاي چوقۇم تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە قەتئىي بولۇپ، تېررورچىلارنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالىشى كېرەك. بۇ دۆلەتنىڭ قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنغانلىقى ۋە ئومۇمنىڭ ئارزۇسىنىڭ چىقىش قىلىنغانلىقىنىڭ ئىپادىسى» دەپ كۆرسەتكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت يۇقىرىدىكى سۆزلەرگە ئىنكاس قايتۇردى. ئۇ ھازىر، خىتاي جەمئىيىتىنىڭ ئۆزىدە ھۆكۈمەتكە قارشى نۇرغۇن ۋەقەلەرنىڭ مەيدانغا كېلىۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دەل مۇشۇنداق پەيتتە ئۆز ھاكىمىيىتىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن دىققەت بۇراشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن سېرىقبۇيا ۋەقەسى، لۈكچۈن ۋەقەسى ۋە خانئېرىق ۋەقەلىرىنىڭ ھەممىسىنى تېررورلۇق ھەرىكىتى، دەپ ئەيىبلىگەندە، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە خەلقئارادىكى باشقا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىگەن ئىدى. ئۇلار ئەكسىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللىي ۋە دىنىي بېسىم سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە، قولغا ئېلىنغانلارنى خەلقئارا قانۇنلارغا ئاساسەن، ئادىل سوت تەرتىپى بىلەن سوتلاشقا چاقىرغان ئىدى. ئەمما قەشقەر ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى سېرىقبۇيا ۋەقەسى ئۈستىدىن سوت ئېچىپ، بىر كۈن ئىچىدىلا ئىككى كىشىگە ئۆلۈم جازاسى ۋە بىر كىشىگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلدى. دىلشات رىشىت سوت ھۆكۈملىرىنىڭ خەلقئارانىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمەيدىغانلىقى ۋە بۇنىڭ پۈتۈنلەي سىياسىي ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
خىتاي دائىرىلىرى بۇلتۇر قانۇن چىقىرىپ، ھەرقايسى جايلاردىكى ئوتتۇرا سوت مەھكىمىلىرى چىقىرىلغان ئۆلۈم جازالىرىنىڭ ئالىي سوت تەرىپىدىن تەستىقلانغاندىن كېيىن ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە بىر قانۇن ماقۇللىغان. ھالبۇكى، شىنخۇانىڭ سېرىقبۇيا ۋەقەسى ھەققىدىكى خەۋەرلىرىدە ئۇلارنىڭ ئۆلۈم قارارىنىڭ ئالىي سوتقا يوللانغانلىقى ياكى بۇ كىشىلەرنىڭ قارارغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، يۇقىرى سوتقا ئەرز قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق بىر ئۇچۇر بېرىلمىگەن. خەلقئارادىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بولسا خىتاينىڭ قارارىنى سىياسىي قارار، دەپ ئەيىبلەۋاتقان بىر پەيتتە بولسا، خىتاي دائىرىلىرى يەنە خىتايدىكى بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېغزى ئارقىلىق مەزكۇر ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئادىل بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. مەسىلەن يەر شارى ۋاقتى گېزىتى يەنە «خىتايدىكى ئاكادېمىكلەر ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۆلۈم جازاسىنى ئادىل، دېدى» ماۋزۇلۇق بىر پارچە ماقالە قىلىپ، خىتاي دۆلەتلىك خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تەتقىقات ئىنستىتۇتىدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مۇتەخەسسىسى دەپ ئاتالغان لى ۋېي ۋە شىنجاڭ پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى تۇرغۇنجان تۇرسۇنلارنىڭ سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ تۇرۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدە تېررورلۇق تەھدىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقى، تېررور بىلەن كۈرەش قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكى ۋە بۇ تېررورچىلارنىڭ قانۇنغا ئاساسەن جازالىنىۋاتقانلىقى قاتارلىقلارنى ئىلگىرى سۈردى.
دىلشات رىشىت ئەپەندى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى چىقارغان قارار ئۈستىدىن باھالاش ئېلىپ بېرىشىنىڭ تولىمۇ كۈلكىلىك بىر ئەھۋال ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ سوتنىڭ ئادىل ئەمەسلىكىنى تېخىمۇ ئوچۇق ئىسپاتلاپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.