خىتاي ھەقىقەتەن ش. ت. ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتامدۇ؟
2013.09.19

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئىزچىل ئافغان- پاكىستان چېگراسىدىكى شەرقى تۈركىستان ئىسلامى كۈچلىرىگە باغلاپ، بۇ كۈچنىڭ خىتايغا ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى.
خىتاي تېررورلۇق مۇتەخەسسىسى لى ۋېي يېقىندا، جۇڭگو شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ بىۋاسىتە ۋە جىددىي تېررورلۇق تەھدىتىگە دۇچ كەلمەكتە، دېگەن. خىتاي ھەقىقەتەن ش. ت. ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ جىددىي تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتامدۇ؟
«ھىندىستان ۋاقتى» گېزىتى يېقىندا ماقالە ئېلان قىلىپ، مۇتەخەسسىسلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ش. ت. ئى ھ نىڭ خىتايغا جىددىي تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىق پىكرىگە گۇمانلىق قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ قاراش مەزكۇر گېزىتنىڭ 16- سېنتەبىر ئېلان قىلغان «خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى تېررورلۇقتا چەتئەلنىڭ قول، بار دېگەن پىكرى توغرىمۇ» ماۋزۇلۇق ماقالىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
مەزكۇر ماقالە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن قانلىق توقۇنۇشلارنىڭ ئارقىسىدا چەتئەلدىكى ش. ت. كۈچلىرىنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرۇۋاتقان بىر مەزگىلدە ئېلان قىلىنغان ئىدى.
ماقالىدا خىتاي ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنستىتۇتى بىخەتەرلىك ۋە قورال-ياراق كونترولى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەسئۇلى لى ۋېينىڭ سۆزنى نەقىل كەلتۈرۈپ، بىراق غەربلىك بەزى مۇتەخەسسىسلەر لى ۋېينىڭ «جۇڭگو شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ بىۋاسىتە ھەم جىددىي تەھدىتىگە دۇچ كەلمەكتە» دېگەن سۆزى مەسىلىنى كۆپتۈرۈۋەتكەنلىك، دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ماقالىدا كۆرسىتىشىچە، بۇ قاراشتىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى- ئەنگلىيە گلاسگوۋ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلەر لېكتورى دەيۋىد توبىن. توبىن: گەپنىڭ قىسقىسى بۇ بىر رىۋايەت. شىنجاڭدا كەڭ كۆلەملىك تەشكىللىك قارشىلىق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشنىڭ ھېچقانداق ئىمكانىيىتى يوق. ئەمەلىيەتتە، شىنجاڭدا 2001- يىلدىن 2009- يىلغا قەدەر يۈز بەرگەن قالايمىقانچىلىق سانى خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىكىدىن ئاز، دېگەن.
لېكىن، تۈركىيە ھاجىتۆپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ پەنلەر پروفېسسورى، تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچىلەر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، لى ۋېينىڭ يۇقىرىقى سۆزى كېلەچەكتىكى تەھدىتكە قارىتىپ ئېيتىلغان.
ماقالىدا ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي تىبەتتىكى پاراكەندىچىلىكنى «دالاي لاما گۇرۇھى» ۋە تىبەت ياشلار قۇرۇلتىيى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ئەيىبلەپ كەلگەن بولسا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا پات-پات يۈز بېرىپ تۇرىدىغان زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ ئارقىسىدا، مۇقەررەر ش. ت. ئى ھ نىڭ كۆلەڭگىسى بار، دەپ قارايدۇ.
ماقالىدا يەنە، يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە نەچچە ئونلىغان ئۇيغۇر ش. ت. ئى ھ گە چېتىلىپ ۋە قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇلغان بولسىمۇ، بىراق پۈتۈن پاكىتلار گۇماندارلاردىن تېپىلغان يازما ماتېرىياللارغا ھەم گۇماندارلارنىڭ ئىقرارىغا تايانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا سوت ئېچىپ، لۈكچۈن ۋەقەسىگە چېتىشلىق 4 كىشىنى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلىگەن. 3 كىشىگە ئۆلۈم جازاسى، بىر كىشىگە 25 يىللىق قاماق جازاسى بەرگەن. تۇرپان ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇ قارارى د ئۇ ق نىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم، خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلدىكى شەرقىي تۈركىستانچىلار بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق پاكىت كۆرسىتىپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
«ھىندىستان ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 15- سېنتەبىر ئېلان قىلغان يەنە بىر ماقالىسىدە بولسا توقۇنۇشنىڭ سەۋەبى تەھلىل قىلىنىپ، خىتاينىڭ تىل سىياسىتى، دىنىي كونتروللۇقى، خىزمەتكە قوبۇل قىلىشتىكى كەمسىتىش، ئۇيغۇرلارنى بىر تەرەپلىمىلىك ئىنتىگراتسىيەگە مەجبۇرلاش قاتارلىق ئامىللارنىڭ زىددىيەت ۋە نارازىلىقنى كۈچەيتىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
«بېيجىڭ شىنجاڭ سىنىقىدا مەغلۇپ بولدى» ماۋزۇلۇق ماقالىدا گلاسگوۋ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى دەيۋىد توبىننىڭ سۆزنى نەقىل كەلتۈرۈپ، 2004- يىلدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان خىتاي تىلىنى قوللىنىڭ سىياسىتى مەقسەتلىك ئاسسىمىلياتسىيە، بۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ يوقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دەپ قارىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
دەيۋىد توبىن يەنە خىتاينىڭ يېقىندىن بۇيان دىنىي كونتروللۇقنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى سورۇنلاردا، بازار ۋە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا دىنىي پاسوندا كىيىنىش ۋە ساقال قويۇشنى ئىلگىرىلەپ مەنئى قىلغانلىقى ۋە بۇنىڭ، يەرلىك ئاممىنى ئىلگىرىلەپ ياتلاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
لېكىن دوكتور ئەركىن ئەكرەم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سىياسىي قىسقا مەزگىلدە مەلۇم ئۈنۈم بەرسىمۇ، بىراق ئۇزۇن مەزگىلدە مەنپىي نەتىجە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەنگلىيە گلاسگوۋ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى دەيۋىد توبىن «ھىندىستان ۋاقتى» گېزىتىگە بەرگەن بايانىدا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ بىر تەرەپلىمىلىك ئىنتىگراتسىيەگە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئاتاقلىق ئىجتىمائىي ئانتروپولوگ فېڭ شاۋتوڭنىڭ خەنزۇلارنى جىگىردەك قىلىپ، باشقا مىللەتلەرنى جەلپ قىلىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىدىيىسى خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىچىدە زور تەسىرگە ئىگە. شۇڭا ئىنتىگراتسىيە ئۇيغۇرلارنىڭ) خىتاي تىلىنى ئۆگىنىپ ۋە ئىسلامنى تەرك ئېتىپ ( قانداق جۇڭگولۇق بولۇشنى ئۆگىنىش ئاساسىغا قۇرۇلغان. بىراق خەنزۇلار يەرلىك ئۆرپ- ئادەتلەرنى ئۆگىنىشكە ئېھتىياجلىق بولمىغاچقا، بۇ كۈندىلىك ئىختىلاپ ۋە زور مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا، دېگەن.