خىتاي ھۆكۈمىتى 2015 يىل 27-دېكابىر «تېررورلۇققا قارشى قانۇن» نى ماقۇللىغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ غەربىي شىمال سىياسىي قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتى 2016-يىل 1-يانۋاردىن باشلاپ مەزكۇر مەكتەپتە «تېررورلۇققا قارشى ئىنستىتۇت» تەسىس قىلىنغانلىقىنى ۋە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى خىتايدا قۇرۇلغان تېررورلۇققا قارشى ئىنستىتۇت ۋە خىتايدا يولغا قويۇلغان ئاتالمىش تېررورلۇق قانۇنىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 6-يانۋاردىكى سانىدا «خىتايدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىنستىتۇتى قۇرۇلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋەر ئانالىزى ئېلان قىلىنىپ، مەزكۇر ئىنستىتۇتنىڭ قۇرۇلۇشىدىكى مەقسەت ھەققىدە مۇلاھىزە بېرىلدى.
ماقالىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى تەكىتلەۋاتقان «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى» نىڭ خەلقئارادا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى» دىن پۈتۈنلەي پەرقلىق بولغان «ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئېلىپ بارغان زوراۋانلىق، قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش نامىدا باستۇرۇش ھەرىكىتى» دەپ شەرھلەندى.
چەتئەللەردىكى خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندى، «خىتاينىڭ خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەتتىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقى» نى تەكىتلىگۈچىلەرنىڭ بىرى.
ئۇ 7-يانۋار كۈنى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتايدا قۇرۇلغان تېررورلۇققا قارشى ئىنستىتۇتى ۋە خىتايدا يولغا قويۇلغان ئاتالمىش تېررورلۇق قانۇنىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
خۇ پىڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى:«خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى ئىنستىتۇت قۇرغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ. چۈنكى خىتايدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەت، دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشى بىلەن ئوخشىمايدۇ. مېنىڭچە خىتايدىكى ئاتالمىش تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ بىر ئالاھىدىكى، بۇ ھەرىكەتنىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغانلىقى.»
چەتئەللەردىكى خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن چېن پوكۇڭ ئەپەندىمۇ خىتاي دائىرىلىرى ئېلىپ بېرىۋاتقان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغانلىقىنى تەكىتلىگۈچىلەرنىڭ بىرى.
ئۇ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: « خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاتالمىش ‹تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش› ئالدى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇشقا قارىتىلغان. چۈنكى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇش قىلمىشنى خەلقئاراغا قانۇنلۇق قىلىپ كۆرسىتىش ۋە قوبۇل قىلدۇرۇش ئۈچۈن، 2015-يىل يىل ئاخىرىدا ‹تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى› نى ئېلان قىلدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكىتى خەلقئارادا ئەيىبلەشكە ئۇچراۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە، كوممۇنىستىك ھۆكۈمەت بارلىق ئامال-چارىلەرنى ئىشقا سېلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان شەپقەتسىز باستۇرۇشىنى تېخىمۇ قولايلاشتۇرماقچى.»
خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايلارنىڭ زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىگە بېرىلگەن تەبىرلىرى ۋە ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى روشەن پەرقلىق.
ئۇ بۇلاردىكى پەرقلەرنى سېلىشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «مەسىلەن، ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى ئالايلۇق، ئوخشاش ۋەقەنى خىتايلار سادىر قىلغان بولسا بۇ ئىشنىڭ خاراكتېرى ‹شەخسنىڭ نارازىلىقى›، ‹شەخسنىڭ ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى› دەپ بېكىتىلىدۇ، ۋەقە سادىر قىلغان كىشىنى بولسا ‹ئەقلىي-ھوشى جايىدا ئەمەس› دېگەندەك سۆزلەر بىلەن سۈرەتلەيدۇ. مەسىلەن، شاڭخەيدە ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلغان ياڭ جيا ۋەقەسى. ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى ھەر ۋاقىت ‹تېررورلۇق ھۇجۇم› دەپ بېكىتىلدى. ئادەتتىكى ئاممىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىدىكى خىتايلار پەيدا قىلغان ۋەقەلەر بىلەن ئۇيغۇرلار پەيدا قىلغان ۋەقەلەرگە ئوخشىمىغان ئۆلچەم قويۇلماقتا. خىتاي ئۆلكىلىرىدىمۇ كۆپلىگەن ئاممىۋى سورۇنلاردا كىشىلەرگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى، ھەتتا قۇرامىغا يەتمىگەن بالىلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى يۈز بېرىۋاتىدۇ. مەسىلەن، ئىككى كۈن ئىلگىرى نىڭشادا يۈز بەرگەن ‹ئاپتوبۇسنى كۆيدۈرۈش ۋەقەسى› نى دائىرىلەر ‹ما يۇڭپىڭ ئىسىملىك كىشىنىڭ قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە ئېلىش توختامىغا بولغان نارازىلىقى سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى› دەپ بېكىتتى، ئەمما ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھەرقانداق بىر زوراۋانلىق ۋەقەسىنىڭ تەبىرى بىرلا يەنى ‹تېررورلۇق ھەرىكىتى› دەپ بېكىتىلىپ، باستۇرۇلدى.»
خۇ پىڭ ئەپەندى يەنە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنى تېررورلۇق ۋەقەلىرىگە قوش ئۆلچەم قويۇش بىلەن ئەيىبلەۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۆز دۆلىتى ئىچىدە خەلقنىڭ نارازىلىقى سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئىككى خىل ئۆلچەم قويۇۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ئۆلكىلىرىدىمۇ ھۆكۈمەتكە قارشى ھەر خىل ئاممىۋى نارازىلىق ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن، يېرىدىن ئايرىلغان دېھقانلارنىڭ نارازىلىقى سەۋەبىدىن ھۆكۈمەت ئەۋەتكەن ساقچىلار بىلەن دېھقانلار ئارىسىدىكى توقۇنۇش، مۇھىت بۇلغىنىشىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى قاتارلىقلار كۆپىنچە ھاللاردا ‹ئىجتىمائىي نارازىلىق ھەرىكىتى› دەپ تەرىپلىنىدۇ، ئەمما ئوخشاش نارازىلىق ھەرىكىتى ئۇيغۇرلار رايونىدا يۈز بەرسە بۇنداق ۋەقەلەرگىمۇ ‹تېررورلۇق ۋەقەسى› دېگەن قالپاق كىيدۈرۈلۈپ باستۇرۇلغانلىقى ھەققىدە كۆپلىگەن خەۋەرلەر بېرىلىۋاتىدۇ. بۇ يەردە ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە نىسبەتەن قوراللىق كۈچ يەنى دۆلەت تېررورى قوللىنىپ باستۇرۇۋاتىدۇ. شۇڭا خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش ‹تېررورلۇققا قارشى› تۇرۇش نامىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرقانداق ھەرىكىتى خەلقئارادا، بولۇپمۇ غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە ئەيىبلەشكە ئۇچرىماقتا.»
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئامېرىكىدىكى سىياسىي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئىلشات ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەشۋىق قىلىۋاتقان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ خاراكتېرى ۋە خىتايدا قۇرۇلغان «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىنستىتۇتى» بىلەن غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدىكى تېررورلۇق ھەققىدە ئۇچۇر توپلاپ تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان ئورگانلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.