ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى: خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى قانۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا تەھدىت ياراتماقتا

0:00 / 0:00

مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگرامما گۇرۇپپىسى 1-فېۋرال كۈنى بىر دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتايدا بۇ يىلدىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىغا قارىتا ئەندىشىسىنى بايان قىلدى. ئۇلار، مەزكۇر يېڭى قانۇننىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ئىلگىرىلەپ تەھدىت ئاستىغا ئالغان بىر ۋاقىتتا، خىتاينىڭ قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى قانۇنىيلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى 2015-يىلى 27-دېكابىر، خەلقئارادا كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغىغان «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» لايىھىسىنى رەسمىي ماقۇللاپ، ئۇنى 2016-يىلى 1-يانۋاردىن ئېتىبارەن ئىجرا قىلىشقا باشلىغان ئىدى. قانۇن ماقۇللانغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە شۇنداقلا ھەرقايسى خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بىردەك مەزكۇر قانۇننىڭ خىتايدىكى پۇقرالار ئەركىنلىكىنىڭ بولۇپمۇ دىنى ۋە مىللىي ئاز سانلىقلارنىڭ ھوقۇقلىرىنىڭ ئىلگىرىلەپ دەپسەندە قىلىنىشىغا يول ئېچىشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.

دۈشەنبە كۈنى، مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ بۇ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىش رۇخسەتنامىسى» دەپ كۆرسەتتى. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى دوكلاتتا تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا يىغىنچاقلىغان:
-خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقانداق ئۇسلۇبتىكى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى يوقىتىش مەقسىتى بىلەن مەزكۇر قانۇندىكى كەڭ ۋە ئېنىقسىز بولغان «تېررورلۇق» ۋە «دىنىي ئەسەبىيلىك» ئۇقۇملىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچلىقپەرۋەر دىنىي پائالىيەتلىرىنى جىنايەت بىلەن قارىلىماقچى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ قاتتىق قوللۇق سىياسەتلىرىنى قانۇنىيلاشتۇرماقچى بولغان.

-قانۇندا يەنە ئاتالمىش «تېررور ۋەقەلىرىنى» خەۋەر قىلىش، ئۇ ھەقتە ئىنتېرنېتتە ئۇچۇر تارقىتىش چەكلىنىش ئارقىلىق پىكىر-ئۇچۇر ئەركىنلىكى دەپسەندە قىلىنغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ژۇرنالىستلارنىڭ، ئۇچۇر يەتكۈزگۈچىلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى «تېررورلۇق» قالپىقى كىيگۈزگەن ۋەقەلەر ھەققىدە خەۋەر بېرىشىنى چەكلەش ئارقىلىق ۋە بۇ ھەقتە ئۇچۇر تارقاتقانلارنى، ئىنتېرنېتقا رەسىم ۋە ۋىدىئو چىقارغانلارنى «ئۆسەك سۆز تارقاتتى» دەپ جازالاش ئارقىلىق پەقەتلا ئۆزىنىڭ ۋەقە ھەققىدە ئىلگىرى سۈرگەنلىرىنى كۈچەيتىش نىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولغان.

-بۇ قانۇن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىخەتەرلىك كۈچلىرىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىنى خالىغانچە دەپسەندە قىلىش ھوقۇقى بېرىدۇ.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىئومىزغا قىلغان سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» نىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنىڭ زورلۇقىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىدە، بۇ قانۇن ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقانداق يوسۇندىكى دىنىي پائالىيەتلىرى، نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرىلىقىنى، چۈنكى بۇ قانۇندىكى ئىزاھاتى چۈشىنىكسىز ۋە ئىنتايىن كەڭ مەنە دائىرىسىدىكى تېرىملارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇنداق بىر ھوقۇق بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شەجافىسكى بۇ ھەقتە رادىئومىزغا قىلغان سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆزىنىڭ تېررورلۇق بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، ئەمما ھېچكىمنىڭ بۇنى تەكشۈرۈشىگە يول قويمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندىكى ۋەقەلەرنىڭ تېررورلۇق ۋەقەسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن، ئۇ ھالدا ئۇ كىشىلەرنىڭ بۇنى تەكشۈرۈپ، ئەمەلىيەتنى كۆرۈشىگە يول قويۇشى كېرەك.»

ئۇ شۇنداقلا بۇ قانۇننىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى ئەمەلىيەتنى تەكشۈرۈشكە يول قويماسلىقى كىشىنى تولىمۇ ئەندىشىگە سالىدۇ» دېدى.

تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىدا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان نۇقتىلاردىن باشقا يەنە، خىتايدىكى تېلېفون ۋە ئىنتېرنېت-ئۇچۇر شىركەتلىرىنىڭ ھۆكۈمەت بىلەن ئابونتلارغا ئائىت ئۇچۇرلارنى ئورتاقلىشىشى، بارلىق پوچتا يوللانمىلىرىنىڭ ئىگىسىنىڭ كىملىكلىرىنىڭ تەكشۈرۈلۈشى، خىتايدىكى چەتئەل شىركەتلىرى ۋە ھۆكۈمەتكە تەۋە بولمىغان مۇستەقىل ئورگانلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن شەرتسىز ھەمكارلىشىشى، بارلىق خىتاي پۇقرالىرى ۋە ئورگانلىرىنىڭ مەزكۇر قانۇننى قوللىشى ۋە ھەمكارلىشىشى دېگەنگە ئوخشاش نۇرغۇن دىققەت قوزغايدىغان ماددىلار يەر ئالغان.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى يېقىندا ئېلان قىلغان بىر باياناتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قانۇنىنىڭ پەقەت «خىتاي پۇقرالىرى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى چەتئەل پۇقرالىرى ئۈچۈنمۇ تەھدىت» ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئەينى چاغدىكى باياناتىدا خىتاينىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» نىڭ تېررورلۇق خەۋپىگە قارشى كۈرەش قىلىشتا پايدىسىدىن زىيىنى كۆپ، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئالىم سېيىتوف ئەپەندىمۇ سۆزىدە مەزكۇر قانۇننىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتنى ھەم شۇنداقلا خىتاي ئىچىدىكى ئومۇمىي ۋەزىيەتنى قاتتىق جىددىيلەشتۈرۈپ، ۋەزىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شەجافىسكى ئەپەندى بولسا خىتايدىكى ئومۇمىي ۋەزىيەت يۆنىلىشىنىڭ تولىمۇ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «بۇ بىر مەسئۇلىيەتچان ھۆكۈمەت قىلىدىغان ئىش ئەمەس. خىتاي ھۆكۈمىتى چوقۇم خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قانۇنلىرىغا ھۆرمەت قىلىشى، كىشىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇقلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك» دېدى.