ئامېرىكا خىتاينى «شەرقىي تۈركىستان تېررورلۇق مەسىلىسى» دە ئېھتىياتچان بولۇشقا چاقىردى

0:00 / 0:00

ئاقساراينىڭ زوراۋان ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش يىغىنى ئەسلى بۇلتۇر ئۆكتەبىرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسىمۇ، بىراق ئاقساراي مەزكۇر يىغىننىڭ ۋاقتىنى بىر مەزگىللىك كېچىكتۈرگەن ئىدى. لېكىن بۇ يىل 1‏-ئايدا يۈز بەرگەن پارىژ تېررورلۇق ھۇجۇمى ئاقساراينى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، يىغىننىڭ ۋاقتى 18‏-فېۋرالغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

ئاقساراي باياناتچىسى جوش ئېرنىستنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ يىغىن، ئەسەبىيلەرنىڭ ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەردە شەخس ۋە گۇرۇھلارنى رادىكاللاشتۇرۇشى، قوزغىشى، رادىكال ھەرىكەتلەرگە قاتناشتۇرۇپ، زوراۋانلىق سادىر قىلىشىنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىشنى مۇزاكىرە قىلىدۇ.

نۆۋەتتە، ئاقسارايدىكى يىغىنغا قايسى دۆلەتلەرنىڭ تەكلىپ قىلىنغانلىقى مەلۇم بولمىسىمۇ، لېكىن ئامېرىكىلىق بەزى ئەمەلدارلار ئامېرىكىنىڭ يىغىندا خىتاي بىلەن تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىق مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىدا 8‏-فېۋرال ئېلان قىلىنغان ماقالىدە كۆرسىتىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ بىر ئەمەلدارى، ئاقساراينىڭ ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش يىغىنىدا ئامېرىكا خىتاي بىلەن تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىقنى قانداق كۈچەيتىشنى مۇزاكىرە قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، دېگەن.

بۇ ئەمەلدار يەنە، خىتاينىڭ ئىراققا بەرگەن ياردىمىگە، ب د ت نىڭ چەتئەللىك سوقۇشچىلارنىڭ رادىكال گۇرۇھلارغا قاتنىشىشنى مەنئى قىلىش توغرىسىدىكى قارارىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتقان.

بىراق «خىتاي ئۆزىدىكى تېررورلۇق مەسىلىسىنى ئۆزى يوغىنىتىۋېتىپ بارامدۇ» سەرلەۋھىلىك ماقالىدە كۆرسىتىشىچە، دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ئەمەلدارى خىتايغا رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە، «ئوخشاش بىر ۋاقىتتا بىز يەنە خىتاينى شىنجاڭدىكى جىددىيلىكنى پەسەيتىشكە پايدىلىق تەدبىرلەرنى ئېلىشقا، ئۇنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي، دىنىي كىملىكىنى چەكلەيدىغان سەلبىي سىياسىتىنى ئىسلاھ قىلىشقا چاقىرىمىز» دېگەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىق ئارزۇسى ۋە ئاقساراينىڭ خىتاينى 18‏-فېۋرالدىكى ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش يىغىنىغا تەكلىپ قىلىش ئېھتىماللىقى بەزى پائالىيەتچىلەرنى بىئارام قىلدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينى ئاقسارايدىكى بۇ يىغىنغا تەكلىپ قىلىشى راست بولسا، بۇ ئەندىشە قىلارلىق تەرەققىيات. چۈنكى، خىتاي تېررورلۇقنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇر ھەم تىبەتلەرنى باستۇرۇپ كەلگەن، دەپ كۆرسەتتى.

ئىلشات ھەسەن، «خىتايدەك بۇنداق بىر ھاكىمىيەت بىلەن بىرلىشىپ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەقىقەتەن ئادەمنى ئازراق ئەندىشىگە سالىدۇ. بۇ ئامېرىكىنىڭ پرىنسىپلىرىغا دېگەندەك ئۇيغۇن ئەمەس. خىتاي ھازىرغىچە ئۇيغۇرلارنىلا ئەمەس، تىبەتلەرنىمۇ تېررورلۇق قالپىقى بىلەن باستۇرۇۋاتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ناھايىتى ئېھتىيات قىلىش كېرەك. چۈنكى، خىتاي ئەزەلدىن بۇنداق پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن ھەمكارلاشقاندا ئىنتايىن دىققەت قىلىشى ۋە ھوشيار بولۇشى كېرەك.»

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇرۇن ش. ت. ئى. ھ نى تېررورلۇق تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، بىراق كېيىنكى يىللاردا ئۇنىڭ تېررورلۇق تىزىملىكىدە راست بار-يوقلۇقى مۈجمەل مەسىلىگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى.

پەقەت 2014‏-يىلى ئېلان قىلىنغان «تاشقى سىياسەت ژۇرنىلى»دىكى باشقا ماقالىدە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ش ت ئى ھ نى يەنە تېررورلۇق تىزىملىكىگە كىرگۈزىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرىقى ئەمەلدارى بۇ قېتىم «تاشقى سىياسەت ژۇرنىلى»دىكى ماقالىنىڭ ئاپتورىغا باياناتىدا، بۇ تەشكىلاتنىڭ ئامېرىكا تېررورلۇق تىزىملىكىدىكى گۇرۇھ ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان.

«تاشقى سىياسەت ژۇرنىلى»دىكى ماقالىدە كۆرسىتىشىچە، يۇقىرىقى ئەمەلدار ئامېرىكىنىڭ ش ت ئى ھ نى «ئېھتىيات بىلەن تەكشۈرۈپ»، ئۇنىڭ ئەزالىرىنىڭ خىتاي ۋە چەتئەلدىكى ئامېرىكىنى نىشان قىلغان بەزى تېررورلۇق پىلانلىرىدا جاۋابكارلىقى بار، دەپ خۇلاسە چىقارغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق ئۇچۇر مەنبەسىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلغان.

ئىلشات ھەسەن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى ئىراق ۋە سۈرىيەگە بېرىپ، قوراللىق رادىكال گۇرۇھلارغا قاتنىشىۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلەپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ پىكرىنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق دەلىل كۆرسىتىپ بېرەلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىلشات ھەسەن مۇنداق دېدى: بۇنىڭدا ئامېرىكا، مالايشىيا ياكى بىز بولايلى، خىتايغا ئىسپاتىڭ قېنى دېيىشىمىز كېرەك. بۇ يەردە بىر مەسىلە بار، ئەگەر 300 ئادەمنىڭ مالايشىيادىن ماڭغانلىقىنى خىتاي بىلسە، بۇ ئادەملەر قايسى ۋە كىم؟ بولمىدى دېگەندە 3-4 باشلىقىنىڭ ئىسمى ۋە تىزىملىكىنى بېرەلىشى كېرەك.

ھازىرغا قەدەر خىتاي ئىراق، سۈرىيەدە 200-300 ئۇيغۇر بار، ئۇيغۇرلارنىڭ ئايرىم شەرقىي تۈركىستان باتالىئونى بار، دەيدۇ. بولسا، قېنى ئۇلارنىڭ باشلىقى؟ ھازىر خەلقئارادا كۆپىنچە دۆلەتلەردە ئۆزىنىڭ دۆلىتىدىن بارغانلارنىڭ تىزىملىكى بار. شۇ تىزىملىك بىلەن ئۇلارنىڭ كەينىگە چۈشۈپ، تۇتۇۋاتىدۇ ياكى يوقىتىۋاتىدۇ. لېكىن خىتاي ھازىرغا قەدەر كونكرېت ئۇچۇر ئېلان قىلىپ باقمىدى. 3 كۈننىڭ ئالدىدا 3 خىتاي پۇقراسىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى، قېچىپتىكەن، دېدى. كىم ئۇلار؟ ئەگەر سەن ئۇلارنىڭ سانىنى بىلىسەڭ، نېمە ئۈچۈن ئىسمىنى بېرەلمەيسەن؟ دېمەك، بۇ يەردە خىتاي يا بۇنى توقۇۋاتىدۇ ياكى كۆپتۈرۈۋەتتى، ئەگەر بار بولغان تەقدىردە.

«تاشقى سىياسەت‏ ژۇرنىلى»دىكى ماقالىدە، سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى 300 ئۇيغۇر جىھادچىنىڭ ئۇرۇش قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، بىراق چەتئەللىك ئۇيغۇرشۇناسلارنىڭ بۇ ساننى گۇمانلىق، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ماقالىدە جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شون روبېرتسنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرگەن. شون روبېرتس«كۆپ بولسا 20-30 ئادەم بولۇشى مۇمكىن» دېگەن. كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى نىكولاس بېكۇلىن بولسا، خىتاينىڭ بەرگەن رەقىمىگە «ئىشەنمەك مۈشكۈل» دەپ تەكىتلىگەن.