خوتەن ۋىلايىتىدە ھەرقانداق گۇمانلىق ئادەم ۋە ئەھۋاللارنى پاش قىلىشنىڭ باھاسى ئۆستى
2017.02.22
خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە بۈگۈن ئېلان قىلىنغان خەۋەردىن قارىغاندا، خوتەن ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، «تېررورلۇق، زوراۋانلىق» قا دائىر يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگەنلەرنى يۇقىرىسى 5 مىليون سومغىچە مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ ئۇقتۇرۇشتا خەۋەر يەتكۈزگۈچىلەرگە تەمىنلىگەن يىپ ئۇچىنىڭ قىممىتىگە قاراپ تۇرۇپ يەنە ئوخشىمىغان باھالار بېكىتىلگەن بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر ئۇنى «تېررورلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەمەس، تېررورلۇق پەيدا قىلغانلىق» دېدى.
بۈگۈن خىتاينىڭ جۇڭگو رادىئوسى خەۋەرلەر تورى، يەر شارى ۋاقتى گېزىتى قاتارلىق رەسمىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى خوتەن ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ تېررورلۇق، زوراۋانلىققا ئائىت يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگەنلەرنى يۇقىرىسى 5 مىليون سومغىچە بىلەن مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى كەڭ خەۋەر قىلدى. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، خوتەن ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت ئۇچۇرنىڭ مۇھىملىقىغا قاراپ تۇرۇپ خەۋەر بەرگۈچىلەرنى 2000 سومدىن 5 مىليون سومغىچە پۇل بىلەن مۇكاپاتلايدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە «ئادەم كۆپ ئورۇنلارغا، پارتىيە-ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ياكى باشقا مۇھىم ئورگانلارغا ھۇجۇم قىلىش، پارتلىتىش، چاناش قاتارلىق پىلانلارغا ئائىت مۇھىم يىپ ئۇچى تەمىنلىگۈچىلەر ئەڭ يۇقىرى مۇكاپات سوممىسى بولغان 3 مىليوندىن 5-مىليونغىچە پۇل بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ» دېيىلگەن.
ئۇقتۇرۇشتا يەنە، تېررورچىلار ياكى گۇمانلىق كىشىلەرنىڭ قورال ئىشلىتىش، پارتلاتقۇچ ۋە باشقا قورال ياساش تېخنىكىلىرى، چامباشچىلىق ئۆگىتىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار، گۇمانلىق كىشىلەرنىڭ قۇتراتقۇلۇق قىلىش، جىھادقا چاقىرىش، چېگرا ئىچى-سىرتىدىكىلەرنىڭ قانۇنسىز ھالدا چېگرادىن ئۆتۈشىنى تەشكىللەش، چېگرا ئىچى ۋە سىرتىدىكى رادىكال تەشكىلات ۋە شەخسلەرنى پۇل بىلەن تەمىنلەش، ئۆيىدە تېررورچىلارنى ياكى پارتلاتقۇچ ماددىلارنى يوشۇرۇۋاتقانلىقىغا دائىر گۇمانلىق ئەھۋاللار، دىنغا ئىشەنمەيدىغان ئاممىغا، ھاراق-تاماكا دۇكانلىرىغا، «ئۈچ پېشقەدەم» لەرنىڭ قەبرىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئائىت گۇمانلىق ئەھۋاللار، دۆلەت كادىرلىرى ۋە دىنىي زاتلارنىڭ «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» ئىگە ئائىت گۇمانلىق ئەھۋاللار، ئىنتېرنېت تورى، ئۈندىدار ۋە شۇنىڭدەك بىر قاتار ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق بۆلگۈنچىلىك، تېررورلۇق، دىنىي رادىكاللىققا ئائىت ئۇچۇرلارنى تارقاتقانلار، كۆرگەنلەرنى، خەتەرلىك بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقارغانلار، ساتقانلار، مىقدارى زور بۇيۇملارنى سېتىۋېلىشتەك گۇمانلىق ئەھۋاللار، قانۇنسىز ئۆز ئالدىغا نىكاھ قىلىۋېلىش ئەھۋاللىرى ۋە كىشىلەرنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارغا ئەرز قىلىشقا كۈشكۈرتۈش دېگەنگە ئوخشاش ۋەقەلەرگە مۇناسىۋەتلىك گۇمانلىق ئەھۋاللارنى بايقىغاندا دەرھال دائىرىلەرگە مەلۇم قىلىش تەلەپ قىلىنغان.
ئامېرىكىدىكى مارىيلاند شتاتىدىكى فروستبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ما خەييۈن ئەپەندى بۈگۈن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە يۇقىرىدىكى ئۇقتۇرۇش بىلەن چەتئەللەردىكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۇقتۇرۇشلارنى سېلىشتۇرۇپ ئۆتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ مۇكاپات مەسىلىسىگە كەلسەك، ئادەتتە باشقا ئەللەردىمۇ كىشىلەر تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مۇكاپاتلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق پاش قىلىش ۋە جىنايەتچىنى تۇتۇشقا ئىلھاملاندۇرۇلىدۇ. ئەمما بۇلار، ئادەتتە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە قارىتا شۇ جىنايەتچىلەرنى تۇتۇشتا قەھرىمانلىق كۆرسەتكەن ياكى ياردەم قىلغانلار مۇكاپاتلىنىدۇ. ئەمما بۇ يەردە قارايدىغان بولساق، تېخى يۈز بەرمىگەن بىر ۋەقە ئۈچۈن كىشىلەر پاش قىلىشقا ئۈندىلىۋاتىدۇ. بۇ نېمىنى ئىپادىلەيدۇ دېگەندە بۇ ئەھۋال پاش قىلىدىغان كىشىنىڭ يوقلۇقىنى، جۈملىدىن ئۇ يەردە تېررورلۇقنىڭ يوقلۇقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئىككىنچىدىن، ھېچقانداق بىر ۋەقە يۈز بەرمەي تۇرۇپ، سەن نېمىنى پاش قىلىسەن، ئەگەر ھەقىقەتەن قولىدا مۇھىم يىپ ئۇچى بار ئادەم بولسا ئۇ ھالدا ئۇ جىمجىت ھالدا شۇ يەرلىك ئورگانلارغا مەلۇم قىلىشى كېرەكتە. بۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا، ھۆكۈمەت ئادەم ئۆلتۈرۈپ قاتىللىق قىلغانلارنى پاش قىلىش ئەمەس، ئۇ مەسىلەن، سىز بىرەر دوستىڭىز بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ قېلىپ، ئۇنىڭ گېپىدىكى سىزگە ياقمىغان يەرلەرنىمۇ بېرىپ پاش قىلساڭ بولىدۇ، دېگەننى ئىپادىلەيدۇ. شۇڭا بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، بۇ يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەشكە ئۈندەش ھەرىكىتى جەمئىيەتتە ناھايىتى چەكسىز ۋە كەڭ دائىرىدە ساراسىم پەيدا قىلىدۇ، ھەتتا ئۆز-ئارا ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىدۇ. بۇ جەھەتتىن بۇ مەدەنىيەت ئىنقىلابىغا بەكمۇ ئوخشايدۇ.»
مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر خوتەن ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى ناھىيەلەرمۇ يەنە ئۆز ئالدىغا مۇشۇ خىلدىكى مۇكاپاتلاش سوممىلىرىنى ئېلان قىلىش ۋە ياكى يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگەن، تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە خىزمەت كۆرسەتكەن شەخسلەرنى مۇكاپاتلاش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قىلىۋاتقان بولۇپ، ئالدىنقى كۈنى چىرا ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تورى بىلەن خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئۆز تور بېتىدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقانداق بىر گۇمانلىق شەخس ياكى گۇمانلىق ۋەقەلەر ھەققىدە ئالدىن يىپ ئۇچى بەرگەنلەرگە 1000 سومدىن 500 مىڭ سومغىچە مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.
30 ماددىلىق بۇ ئۇقتۇرۇشتا يۇقىرىدىكى خوتەن ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت چىقارغان بىلەن ئوخشاش مەزمۇندىكى ماددىلارمۇ ئورۇن ئالغاندىن باشقا يەنە، «غازات»، «ھىجرەت» قاتارلىق سەزگۈر ئاتالغۇلارنى ئىشلەتكەنلەر؛ «ئاييۇلتۇز» بەلگىسىنى تاقىغانلار؛ دۇربۇن، كومپاس، خەرىتە، ئارقان، تىغلىق ئەسۋاب، تۆمۈر تۇرۇبا، سەرەڭگە قاتارلىق بۇيۇملارنى سېتىۋالغانلار؛ ھۆكۈمەت كادىرلىرى بىلەن «ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار» نى «كاپىر»، «مۇناپىق»، «خائىن» دەپ تىللىغانلار ياكى ئۇلار ئۆتكۈزگەن توي، نەزىرلەرگە بارمىغانلار ياكى ئۇلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشتىن قاچقانلار ھەققىدە يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەش، دېگەن ماددىلارمۇ ئورۇن ئالغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى بۈگۈن خوتەن ۋىلايىتى چىقارغان بۇ ئۇقتۇرۇشقا ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەقەلەردىن ھېچقانداق ساۋاق ئالمىغانلىقىنى نامايان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. دىلشات رىشىت ئەپەندى سۆزىدە، «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە كىشىلەرنى بىر-بىرىگە ئىشپىيون قىلىپ، ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىپ، ۋەزىيەتنى يەنىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋاتىدۇ» دېدى.
مارىيلاند شتاتى فروستبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ما خەييۈن ئەپەندىمۇ سۆزىدە، خوتەن ۋىلايەتلىك دائىرىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى تەنقىد قىلىپ، ئۇلار تېررورلۇقنى يوقىتىش ئەمەس، ئەكسىچە تېررورلۇق پەيدا قىلىۋاتىدۇ، دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇنداق چەك-چېگراسى يوق مەزمۇندىكى ئۇقتۇرۇش كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ھەر بىر پارچىسىغىچە تەسىر كۆرسىتىدۇ. يەنى مۇنداقچە ئېيتقاندا، سىزنىڭ ئادەتتە چاقچاق قىلىپ دېگەن بىرەر سۆزىڭىزمۇ جىنايەت تەشكىل قىلىپ قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا بۇ توختىماي مەسىلە تۇغدۇرىدۇ. مەن شىنجاڭدىكى يەرلىك رەھبىرى خادىملارنىڭ نېمە ئۈچۈن مىللەتلەر ئارىسىدىكى زىددىيەتنى قەستەن ئۇلغايتىۋاتقانلىقىنى چۈشەنمىدىم. بۇنداق ئەھۋال دۇنيانىڭ ھېچقانداق بىر يېرىدە يوق. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتى پەقەت ئىككى مىللەت ئارىسىدىكى زىددىيەتنى ئۇلغايتىپلا قالمايدۇ، مەنچە، ئۇنىڭ ئاقىۋىتى تېخىمۇ ئېغىر. مەنچە، ئۇلار تېررورلۇقنى يوقىتىش ئەمەس، ئەكسىچە تېررورلۇق پەيدا قىلىۋاتىدۇ.»