خىتاينىڭ بىن لادىننىڭكىدەك مودېل ئۆيدىكى ھەربىي مەشىقى دىققەت قوزغىدى

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ س س ت ۋ قانىلىدا بېرىلگەن خەۋەردە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قوراللىق ساقچى باش ئەترىتىنىڭ بايىنغۇلىندا تۇرۇشلۇق تارماق ئەترىتىنىڭ باشلىقى جاڭ يۆ ئالاھىدە مەدھىيىلەنگەن بىر خەۋەر پروگراممىسى تارقىتىلدى. خەۋەردىكى كۆرۈنۈشلەردە بۇ قوراللىق ساقچىلارنىڭ ھەربىي مەشىق قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا كۈندۈز ۋاقتىدا قوراللىق ئالاھىدە ساقچىلارنىڭ ئاق رەڭدە سىرلانغان، 3 قەۋەتلىك ۋە كەڭ ھويلىسى ۋە دەرۋازىسى بار بىر ئۆيگە باستۇرۇپ كىرىپ، جىددىي ھەربىي مەشغۇلات قىلىۋاتقان، يەر بېغىرلاۋاتقان، تامغا يامىشىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى يەر ئالغان. دىكتور بولسا يان بايانىدا، «بۇ ئەترەتنىڭ قەھرىمان جاڭ يۆنىڭ يېتەكچىلىكىدە جاپالىق مەشىق قىلىپ، تۈرلۈك يۇقىرى تېخنىكىلىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تېخنىكىلىرىنى ئۆگىنىپ، ياخشى نەتىجىلەرنى ياراتقانلىقى»نى ھېكايە قىلىۋاتاتتى. دىكتور يان بايانىدا يەنە «بۇ قوراللىق ساقچى قىسمىنىڭ ئۆزگىچە شارائىتلاردا جاپالىق مەشىق قىلىشى كۈندىلىك ئادەتكە ئايلانغان، ئۇلار شۇنداق قىلىش ئارقىلىق ھەرخىل جىددىي، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ناھايىتى سوغۇققانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈۋاتىدۇ» دەپ مەدھىيە ئوقۇدى.

ئەمما، ئامېرىكا جورج توۋن ئۇنىۋېرسىتېتى خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرى تەتقىقات بۆلۈمى مۇئاۋىن باشلىقى پولكوۋنىك داۋىد ماكسۋېل بۈگۈن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، يۇقىرىدىكى ۋىدېئودا ھېچقانداق بىر يۇقىرى تېخنىكىلىق مەشىقلەرنى كۆرمىگەنلىكىنى، بۇ قوراللىق ساقچىلارنىڭ مەشىقىنىڭ ھەقىقىي ھەربىي مەشىق ئەمەس، پەقەت بىر سەھنىلەشتۈرۈلگەن ئويۇنلۇقىنى ئېيتتى. ئۇ سۆزىدە مۇنداق دېدى: «ئادەتتە ھەممە دۆلەتلەردە دېگۈدەك ئاممىغا كۆرسىتىش ئۈچۈن، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ناھايىتى ياخشى سەھنىلەشتۈرۈلگەن ھەربىي مەشغۇلاتلار سۈرەتكە تارتىلىپ كۆرسىتىلىدۇ. مەنچە، بۇمۇ ئەنە شۇلارنىڭ بىرى. چۈنكى، ئۇلار قىلىۋاتقان ھەرىكەتلەر ھەممىسى ئەڭ ئاساسىي مەشىقلەر. ئەگەر ئۇلار ھەقىقەتەن تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قىلىشنى مەشىق قىلغان بولسىدى، ئۇ ھالدا بۇ قوراللىق ساقچىلار كېچىدە كۆرىدىغان ئۈسكۈنىلەرنى تاقاپ، كېچىدە مەشغۇلات قىلغان، پارتلىتىپ بېسىپ كىرىش، مېخانىكىلىق بېسىپ كىرىش، ئوت، تىك ئۇچار دېگەندەكلەرنى كۆرسەتكەن بولاتتى. ئەمما ئۇلارنىڭ كۆرسىتىۋاتقىنى، پەقەتلا ئادەتتىكى ئۆيدە تازىلاش ئېلىپ بېرىش تېخنىكى يەنى ئالاھىدە قىسىملار ئەمەس، ئادەتتىكى ھەربىيلەرمۇ قىلالايدىغان تېخنىكىلار. شۇڭا بۇنى پەقەت بىر تەشۋىقات ئۈچۈن سەھنىلەشتۈرۈلگەن دېيىشكە بولىدۇ.»

ئامېرىكىدىكى جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور شان روبېرتس ئەپەندىمۇ ئۇ ۋىدېئونى كۆرگەندىن كېيىنكى تەسىراتىنى بايان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە قانچىلىك دەرىجىدە جىددىيلىكىنى ۋە قانداق زور ئىقتىدارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان ھەرىكەتلەرنى قىلىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:
مەنچە بۇ ۋىدېئو ئاساسلىق مەملىكەت ئىچىدىكى تېلېۋىزور كۆرگۈچىلەر جۈملىدىن ئۇيغۇر ۋە خىتاي ئاممىسى نىشان قىلىنىپ تۇرۇپ ئىشلەنگەن فىلىم. ئۇلار ھەم بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تېررورلۇققا قارشى قانچىلىك پۇختا تەييارلىق ئىچىدە ئىكەنلىكىنى نامايان قىلسا، يەنە بىر ياقتىن خىتاي خەلقىدىكى قورقۇنچنى يوق قىلىشنى مەقسەت قىلغان. چۈنكى، خىتايدا ئۇيغۇرلار خۇددى خىتاي دۆلىتى ۋە پۇقرالىرىغا تەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتقاندەك بىر ھالەت شەكىللەندۈرۈلدى. خىتاي پۇقرالىرى ئىچىدە ئۇيغۇر تېررورى ھەققىدە جىددىي ئەندىشىلەر بار.»

خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىملىرى بۇ يىل 2-ئاينىڭ 14-كۈنى گۇمىدا پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىنمۇ ئۇيغۇر ئېلىدا ئون مىڭ كىشىلىك ھەربىي پاراتلارنى ئۆتكۈزۈپ، تانكا ۋە باشقا ھەربىي ئاپتوموبىللارنى مەيدانلاردا ۋە كوچىلاردا ماڭدۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قورال كۈچىنى كۆز-كۆز قىلغان ئىدى. شان روبېرتس ئەپەندى بۇنداق تەشۋىقاتلارنىڭ كۈچىيىشىنىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىستراتېگىيىسى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى: «بىز ئىلگىرىمۇ خىتاينىڭ بۇنداق ھەرىكەتلىرىنى كۆرگەن، ئەمما بۇ تۇنجى قېتىم خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ قوراللىق قىسىملىرىنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق مەشىقلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن ۋىدېئونى تارقىتىشى. شۇڭا بۇنى بىر جەھەتتىن خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» سىياسىتىنىڭ بىر تەييارلىقى دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ. چۈنكى، بۇ ئىستراتېگىيىلىك پىلان خىتاينى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىيادا خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرىگە ئارىلىشىشقا مەجبۇرلىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ھەقتە ئاللىقاچان بەزى گەپ-سۆزلەرمۇ پەيدا بولدى.»

پولكوۋنىك داۋىد ماكسۋېل بولسا بۇنىڭغا ئوخشاش سەھنىلەشتۈرۈلگەن ھەربىي ماھارەتلەر بىلەن ھەقىقىي بىر ئۇرۇش مەشىقىنىڭ بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭدا خۇددى ئامېرىكا ئالاھىدە قىسىملىرى ئاباداباتتا قارشىلاشقاندەك كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللاردا ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارى بولۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. ئۇ سۆزىدە: «مەن ئېيتقاندەك، ھەقىقىي بىر ئۇرۇش مەشىقى ئىنتايىن قېيىن بولىدۇ. ئۇنىڭدا كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللار بولىدۇ. خاتالىقلار بولىدۇ، ھەربىيلەر جىددىي كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللاردا قانداق ھەرىكەت قىلىشنى ئۆگىنىدۇ. ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن، ئۇ ھالدا ئۇ، ھەقىقىي ھەربىي مەشىق بولمايدۇ» دېدى.

خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ بىن لادىن يوشۇرۇنۇپ تۇرغان ئۆيگە ئوخشاش سېلىنغان بىر مودېل ئۆيدە قىلىۋاتقان مەشىقى چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىدە مۇشۇ تېمىدا ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالە ئاپتورلىرىمۇ مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تارقاتقان بۇ خەۋەر پروگراممىسىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي كۈچىنى يەنە بىر خىل ئۇسۇلدا تەشۋىق قىلىشى، دەپ كۆرسەتكەن ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قاتنىشىۋاتقانلىقى ھەققىدە چىققان خەۋەرلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ تۇرۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەربىي كۈچىنى زور دەرىجىدە كېڭەيتكەن بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغىچە ئۇ يەردە يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ ھەقىقەتەن شۇ خەلقئارا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ئالاقىسى بارلىقىغا ئائىت بىر پاكىت كۆرسىتىپ باقمىغانلىقىنى بايان قىلغان.

پروفېسسور شان روبېرتېس ئەپەندى بولسا سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇق تەھدىتى ھەققىدىكى تەشۋىقاتلىرىنىڭ بىر-بىرىگە زىتلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە «خىتاي ھۆكۈمىتى بىر ياقتىن ئۇيغۇر ئېلىدا تېررورلۇق خەۋپى مەۋجۇت دەپ، يەنە بىر ياقتىن ئۇيغۇر ئېلى بىخەتەر، ھەممە ئىشلار كونترول ئاستىدا دەپ ئۆز-ئارا زىت سېگناللارنى بېرىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە، ئۇلار ئۇيغۇر ئېلىدا تېررورلۇق مەۋجۇت دېيىش ئارقىلىق، بىر ياقتىن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىتىنى ئاقلىماقچى، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەقەلەرنىڭ خەلقئارادىكى دىنىي رادىكاللىق ئېقىمى تۈپەيلىدىن كەپ چىقىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكچى بولۇۋاتىدۇ. ئەمما،خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە بىر ياقتىن ھەدەپ ئۇيغۇر ئېلى ئىنتايىن بىخەتەر، دەپ خىتاي خەلقىنى خاتىرجەم قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. خىتاي بۇ مەسىلىدە ھەقىقەتەن ناھايىتى قېيىن بىر يولدا مېڭىۋاتىدۇ» دېدى.

پولكوۋنىك داۋىد ماكسۋېل بولسا سۆزىدە، خىتاي ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان تېررورلۇق مەسىلىسىدە ۋەقەنىڭ سەۋەبىگە قاراش ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ سۆزىدە «ئەلۋەتتە، خىتاي ئۆزىنىڭ غەربىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورچىلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ. ئەمما بۇ مەسىلىدە بىز تېررورلۇق دېگەن نېمە، تېررورچى زادى كىم دېگەنگە قارىشىمىز كېرەك. نۇرغۇن كىشىلەر يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھەرىكىتىنىلا كۆرىدۇ. ھۇجۇملارنى، ئۆلگەنلەرنى، يارىلانغانلارنىلا كۆرىدۇ ‏-يۇ، ھەرىكەتتىكى سىياسىي مۇددىئاغا قارىمايدۇ. مەنچە بۇنداق مەسىلىگە تېخىمۇ چوڭقۇر نۇقتىدىن قاراش كېرەك. بۇ نېمە ئۈچۈن كەپ چىقتى، ۋەقەنىڭ سىياسىي مۇددىئاسى نېمە ئىدى، دېگەنگە قاراش كېرەك. ئۇيغۇرلار ئەلۋەتتە ھەقىقىي ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىدۇ. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن نەزەردىن ساقىت قىلىنغانلىقىغا نارازى. شۇڭا مەنچە، ئۇلارنىڭ سىياسىي مەقسىتىگە قاراش لازىم. مەيلى تىنچلىق يوسۇندىكى بولسۇن ۋە ياكى زوراۋانلىق تۈسىنى ئالغان تېررورلۇق ھەرىكىتى بولسۇن، ھەممىسىدىكى سىياسىي مۇددىئاغا دىققەت قىلىش كېرەك» دېدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە يۇقىرىدىكىگە ئوخشاش ھەر خىل يوسۇندىكى تەشۋىقاتلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدا تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بۇنىڭغا سوئال قويماقتا. ئۇلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان مىللىي ۋە دىنىي بېسىم سىياسەتلىرىنى ئاقلاش ئۈچۈن رايوندىكى ۋەقەلەرنى مۇبالىغىلەشتۈرۈپ، ئۇيغۇر ئېلىنى ساقچى دۆلىتى سىستېمىسى بىلەن ئىدارە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.