ئۇيغۇر رەھبىرى، د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا ئىچكى بىخەتەرلىك مىنىستىرى جې جونسوننىڭ يېقىندا خىتايغا قىلغان زىيارىتىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشىغا قارشى ئەمەسلىكىنى، بىراق ھەر قانداق ھەمكارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى دىققەتكە ئېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي سىياسىي، دىنىي بېسىمغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇققا باغلاپ باستۇرۇۋاتقان ئەھۋالدا، خىتاي بىلەن شەرتسىز ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىش ئۇنىڭغا خاتا سىگنال بېرىپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقىغا داۋاملىق بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا يول ئېچىپ بېرىدۇ.
رابىيە قادىر خانىم، بۇ جەھەتتىكى ئەندىشىلىرىنى ئالاقىدار ئامېرىكا ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ دۇنيا تېررورلۇق ھەرىكىتىدىن بايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇۋاتقانلىقىدىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭمۇ، غەرب دۇنياسىنىڭمۇ ۋە ب د ت نىڭمۇ خەۋىرى بار. ئۇلارنىڭ چىقارغان نۇرغۇن دوكلاتلىرىدا ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ يازغان يازمىلىرىدا ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى چېكىدىن ئاشۇرۇپ باستۇرۇۋاتقانلىقىنى دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە ئېلان قىلىۋاتىدۇ ھەم يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتىدۇ. بىز مەسىلىنىڭ مۇشۇنداق بولۇۋاتقانلىقىنى، بۇ قېتىمقى ئامېرىكا بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ خىتايغا بېرىپ سۆھبەت ئۆتكۈزگەندە، بىزنىڭ مەسىلىمىزدە ناھايىتى سەزگۈر بولۇشىنى تەلەپ قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا ئىنكاسىمىزنى يەتكۈزدۇق ھەم ئۇلارغا ئۆزىمىزنىڭ ئەندىشىلىرىمىزنى قويدۇق.»
تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىق ئامېرىكا-خىتاي بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى سۆھبىتىدىكى مۇزاكىرە تېمىلىرىنىڭ بىرى. ئامېرىكا ئىچكى بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخباراتىدا ئاشكارىلىشىچە، جې جونسون بىلەن خىتاي ج خ مىنىستىرى گۇ شىڭكۈن ب د ت نىڭ ئالاقىدار قارارلىرى ۋە خەلقئارا كېلىشىملەر ئاساسىدا خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلغان.
ھەر ئىككى تەرەپ «چەتئەل تېررورچى كۈچلىرىگە ئائىت ئۇچۇرلارنى ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇش نىيىتىنى بىلدۈرگەن. ئىككى دۆلەت قانۇن ئورگانلىرىنىڭ بىر-بىرىدە تۇرۇشلۇق ئالاقە ئورۇنلىرىنىڭ ھەمكارلىقى، ئامېرىكا-خىتاي تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش دىئالوگى ۋە ئىككى مىنىستىرلىق ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىپ، يەر شارى تېررورلۇق تەھدىتىگە قارشى ئۆز-ئارا ماسلىشىش ھەم ئالاقىنى ئالغا سۈرۈشكە، بۇ رامكا ئىچىدە پۇقرالار ھوقۇقى ۋە پۇقرالار ئەركىنلىكىنى مۇۋاپىق قوغداش» قا كېلىشكەن.
لېكىن ئامېرىكىنى خىتاي بىلەن تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلاشقاندا كىشىلىك ھوقۇقنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا چاقىرغان ئورگانلار يالغۇزلا د ئۇ ق ئەمەس. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى 6-ئاپرېل جې جونسونغا يازغان مەكتۇپىدا، كىشىلىك ھوقۇقنى تەكىتلەپ، ئۇنىڭ خىتايغا بارغاندا 4 مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەلەپ قىلغان.
بۇ 4 خىل تەلەپ خىتاي ساقچىلىرىنىڭ قانۇنسىز ئادەم تۇتۇشىغا، تۇتقۇنلارنى خارلىشىغا خاتىمە بېرىش، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى باستۇرۇشنى توختىتىش ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرغاندا كىشىلىك ھوقۇققا ئەمەل قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى مەكتۇپىدا، خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئېغىر مەسىلە بارلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، «ئۇنىڭدا دائىم تىنچ ئۆكتىچىلىك ھەرىكەتلەر بىلەن تېررورلۇق ئارىلاشتۇرۇۋېتىلىدۇ. تېررورلۇق جىنايىتى سادىر قىلغان، دەپ ئەيىبلەنگەن گۇماندارلارنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقى رەت قىلىنىدۇ» دېيىلگەن.
بىراق، ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇ 4 تەلەپكە جىددىي مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارنى يىغىندا ئوتتۇرىغا قويغان-قويمىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. ئامېرىكا ئىچكى بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخباراتىدا، سۆھبەتنىڭ كونكرېت مەزمۇنى، خىتاي تەرەپنىڭ ئىنكاسىغا ئالاقىدار تەپسىلاتلار بېرىلمىگەن.
رابىيە قادىر خانىم، سۆھبەت ئۇيغۇرلارغا چېتىشلىق مەسىلە بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ مەزمۇنىغا قىزىقىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئامېرىكا تەرەپ بىلەن سۆزلىشىشكە ۋە سۆھبەت مەزمۇنىغا ئېرىشىشكە تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «خۇددى كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى ئېلان قىلغان باياناتقا ئوخشاشلا، بىزمۇ ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىغا مۇشۇ ھەقتە ئاگاھلاندۇرۇش بەردۇق. ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى دۇچ كېلىۋاتقان، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدا قاتتىق باستۇرۇشقا، خارلاشقا ۋە ئىرقىي كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئاھۇ-زارى توغرىلىق ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇرۇۋاتىمىز. بىزلا ئەمەس، يۇقىرىدا ئېيتىلغان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىمۇ ئاگاھلاندۇرۇۋاتىدۇ.
يەنە پۈتۈن تەتقىقاتچىلار، ژۇرنالىستلار بۇ مەسىلىنى ئېنىقلاپ كېلىپ ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىدۇ. ئامېرىكا بۇنىڭغا ناھايىتى سەزگۈر قارايدۇ. بەلكىم، بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە خەلقئارا تەلەپ قىلغان شۇ مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇشى مۇمكىن. بىز بۇنى سۈرۈشتۈرىمىز. يېقىندا بۇلار بىلەن سۆزلىشىپ، ئۇلارنىڭ نېمە سۆھبەت ئېلىپ بارغانلىقىنى، خىتاي بىلەن نېمە دېيىشكەنلىكىنى ئاڭلايمىز.»
ئامېرىكا ئىچكى بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخباراتىدا كۆرسىتىشىچە، ئىككى تەرەپ يەنە ئامېرىكىغا قېچىپ كەلگەن خىيانەتچى ئەمەلدارلارنى، ۋىزا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن ۋە ئامېرىكىغا قانۇنسىز كىرگەن خىتاي كۆچمەنلىرىنى قايتۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەردە كېلىشكەن.
خىتاي، ئامېرىكا كۆچمەنلەر ۋە ۋەتەنداشلىق ئىدارىسى تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 39 مىڭ قانۇنسىز خىتاي پۇقراسىنى قايتۇرۇپ كېتىش رەسمىيىتىنى تېزلىتىشكە قوشۇلغان.