ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرى ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتى (2)
2017.09.19
ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھۆكۈمەت تەشۋىقاتى ۋە ئىجرا بولۇۋاتقان سىياسەتلەرنىڭ «ئەسەبىيلىك» ۋە «تېررورلۇق» بىلەن زور دەرىجىدە باغلىنىۋاتقانلىقى ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلاردىكى دىنىي ئېتىقادنى «ئەسەبىيلىك ۋە تېررورلۇقنىڭ مەنبەسى» دەپ قاراپ كېلىۋاتقانلىقى بولسا مەسىلىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدۇر. بۇنىڭ بىلەن «تېررورلۇق» مەسىلىسى بويىچە يىللاردىن بۇيان ئىزدىنىپ كېلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن باغلىنىشلىق بولغان ھادىسىلەر، بولۇپمۇ ئۇيغۇر قاچقۇنلىرىنىڭ شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيادىكى «جىھادىي» ھەرىكەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختالدى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ئەزىزنىڭ بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي مەلۇماتلىرى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.
دۇنيا مىقياسىدا «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» بىر تۈرلۈك ئومۇمىي ئېقىمغا ئايلانغان مەزگىللەردىن تارتىپلا خىتاينىڭ بۇنىڭغا پائال ئاۋاز قوشۇپ كېلىۋاتقانلىقى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققىتىدە بولۇپ كەلدى. بولۇپمۇ «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» ھەققىدىكى مەلۇماتلار ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ «تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇش»تىكى بىر «چوڭ ئۈلگە» قىلىپ كۆتۈرۈپ چىقتى ھەمدە بۇ تەشكىلاتنىڭ «بازا» تەشكىلاتى ۋە ئافغانىستاندىكى تالىبانلار ھەرىكىتىگە قەدەر باغلىنىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنۇپ كەلدى.
2017-يىلىنىڭ بېشىدا دائىش قوراللىقلىرى ئۇيغۇرچە قىسقا فىلىم ئارقىلىق «خىتايلارنىڭ زېمىنىدا دەريا كەبى قان ئاققۇزىدىغانلىقى» ھەققىدىكى ئۇچۇرنى يوللىغاندىن كېيىن، خىتاي ئاخباراتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى «ئىسلام خەلىپىلىكى» دە تېررورلۇق مەشىقى بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە كۆپلەپ خەۋەرلەرنى بەردى ھەمدە قوشنا دۆلەتلەردىن ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىشنى تەلەپ قىلدى. خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول قۇرۇلۇشى» دىن زور مەنپەئەتكە ئېرىشىۋاتقان پاكىستان ھۆكۈمىتى تۇنجى بولۇپ بۇنىڭغا ئاۋاز قوشتى. ئارقىدىنلا خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىدىكى قوشنىلىرىدىن ھىندونېزىيە، مالايشىيا قاتارلىقلاردىن ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىدىن مۇداپىئە كۆرۈش توغرىلىق ھەمكارلىشىشنى تەلەپ قىلىشقا باشلىدى.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى زاكارىي ئابۇزا دەل مۇشۇ ساھەدە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئىزدىنىپ كېلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەردىن بىرى. ئۇ ئامېرىكىدىكى «جېيمىس تاۋن ۋەخپى»نىڭ «تېررورلۇق كۆزەتكۈچىسى» ژۇرنىلىنىڭ ئۆتكەن ئايدا نەشر قىلىنغان 16-سانىدا «ئۇيغۇرلار ۋە خىتاينىڭ رايون خاراكتېرلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تىرىشچانلىقلىرى» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىنى ئېلان قىلدى. ئۇ ماقالىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق بولۇپ شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا رايونىدىكى تېررورچى كۈچلەر بىلەن باغلىنىپ قالغانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي توختالغان. شۇنىڭدەك ھىندونېزىيە ۋە تايلاندتىكى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە سانى ئانچە كۆپ بولمىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ قاتناشقانلىقىنى خىتاينىڭ «ياغلىق قاپاق» سىياسىتى بىلەن باغلاشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن.
ئۇ زىيارىتىمىز جەريانىدا خىتاينىڭ ئۆز قوشنىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە مۇشۇ خىلدىكى «تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىق» مۇناسىۋىتىنى تەكىتلىشى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە سۆز قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ھەرقانداق بىر ھۆكۈمەت، ئۆز چېگراسىدىكى قوراللىق قارشىلىقلار شۇ ھۆكۈمەت ئۈچۈن ئېغىر تەھدىت ۋە پاراكەندىچىلىك پەيدا قىلىۋاتقاندا بۇنىڭغا قارشى كۈرەش قىلىشقا تولۇق ھوقۇقلۇق ۋە مۇشۇنداق قىلىش مەجبۇرىيىتى بار، دەپ قارايمەن. بۇ خىلدىكى ھەرىكەتلەرنى قوللىنىشتىن بۇرۇن دەرۋەقە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تەپسىلىي تەكشۈرۈش زۆرۈر بولىدۇ. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى مەسىلىلەرگە تۇتقان مۇئامىلىسى "بىر تاياقتا ھەيدەش" شەكلىدە داۋام قىلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلار ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىدىكى ھەممىدىن بەكرەك يۈرەكنى يارا قىلىدىغان مەسىلىنىڭ زادى نېمىلىكىنى تىلغا ئالمايۋاتىدۇ. ھالبۇكى، مەيلى خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىدا بولسۇن ياكى خەلقئارا ئەھدىنامىلەردە بولسۇن ھەممىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تولۇق ھەق -ھوقۇقلارغا ئىگە ئىكەنلىكى، جۈملىدىن ئۆز دىنىي ئېتىقادىنى توسقۇنسىز داۋام ئەتتۈرۈش، مەدەنىيەت كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقى تەكىتلەنگەن. لېكىن ئەمەلىيەتتە بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھوقۇقلارنى سىستېمىلىق ھالدا يوقىتىۋاتىدۇ، ئۇيغۇرلارغا بولسا بۇ ئەھۋاللارنى سۆزلەشكە ھېچقانداق سورۇن بېرىلمەيۋاتىدۇ.»
پروفېسسور زاكارىينىڭ دىققىتىنى تارتقىنى شۇ بولغانكى، خىتاينىڭ «تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىق» ھەققىدىكى تەشەببۇسلىرى تېزدىن ئۇنىڭ قوشنىلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. بۇنىڭ بىلەن مالايشىيا، ھىندونېزىيە، ۋىيېتنام قاتارلىق شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئۆزلىرى «تېررورچى» دەپ قارىغان ئۇيغۇرلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە باشلىغان. بۇنىڭغا جاۋابەن بۇ دۆلەتلەر خىتاينىڭ غايەت زور مىقداردىكى ئىقتىسادىي «ياردىمى» گە ئېرىشكەن. جۈملىدىن يىللىق مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمى قىممىتى 10 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولغان لائوستا خىتاي 7 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىنى تاماملىغان.
ئەمما پروفېسسور زاكارىينىڭ قارىشىچە، بۇ خىلدىكى ئۇسۇللارنىڭ ھېچقايسىسى ماھىيەتتە بۇ خىلدىكى قوراللىق گۇرۇھلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئۈزېل-كېسىل تۈگىتەلمەيدىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «مانا مۇشۇ يوسۇندا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىلەرنى تېخىمۇ يامان تەرەپكە ئىتتىرىۋاتىدۇ. مېنىڭ مۇشۇ خىلدىكى قوراللىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى تەتقىق قىلىۋاتقىنىمغا 25 يىلدىن ئاشتى. لېكىن بۇ جەرياندا مۇشۇ خىلدىكى قوراللىق گۇرۇھلارنىڭ ھەربىي جەھەتتىن تەل-تۆكۈس مەغلۇپ قىلىنغان بىرەرىنىمۇ كۆرمىدىم. شۇڭا بۇ بىر-ئىككى پىرقىراپلا ھەل قىلىۋەتكىلى بولىدىغان مەسىلە ئەمەس. ئاقىۋەت شۇ نەرسە ئايان بولىدۇكى، قوراللىقلارنىڭ ھەرىكىتى سىياسىي بىلەن، يۈرەكلەرنى داغلاۋاتقان يارا بىلەن باغلىنىپ قالىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى يولسىزلىق بىلەن ئۇششۇقلۇق قىلىش، دېيىشى مۇمكىن. ئەمما بۇ توغرا ئەمەس. ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنى قوغداش، ئۇلارنىڭ كىملىكىنى قوغداش، ئۇلارنىڭ تىلىنى ۋە دىنىنى قوغداش دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى پۈتۈنلەي يوللۇق بولغان دەردلەردۇر. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇلارنى ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.»
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە قاراشلىق «ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى» نىڭ رەئىسى دانىئېل مارك (Daniel Mark) ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى «ئەسەبىيلىك» ھەققىدە باشقىچە قاراشتا بولۇۋاتقان كىشىلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار «ئەسەبىي» بولۇپ كېتىۋاتقىنى يوق، ئەكسىچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلاردىكى نورمال دىنىي-ئېتىقاد پائالىيەتلىرىنى ئۇيغۇرلاردىكى «ئەسەبىيلىك» نىڭ بەلگىلىرى قىلىۋالغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ ھال ئۆز نۆۋىتىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا باھانە بولۇپ بەرگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دەل مۇشۇ خىلدىكى «ئەسەبىي» ھەرىكىتى ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇرلارنى «ئەسەبىيلىك»كە مەجبۇرلاۋاتقان ئامىللارنىڭ ئەڭ چوڭى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭ مۇشۇ مەسىلىلەر بىلەن، جۈملىدىن ئەسەبىيلىك، تېررورلۇق ۋە ئىسلام ئەسلىيەتچىلىكى بىلەن ھەپىلىشىۋاتقانلىقى ھەممىگە ئايان بىر ھەقىقەت. ئەمما بىزنىڭ ‹ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى› ئىزچىل ھالدا ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ ‹ئەسەبىيلىك بىلەن كۈرەش قىلىش›نى باھانە قىلىپ بىگۇناھ، تىنچلىقپەرۋەر خەلقلەرنىڭ ئۆز دىنىي-ئېتىقادىنى داۋام ئەتتۈرۈشىگە زىيانكەشلىك قىلىشى ياكى باستۇرۇشىغا قەتئىي يول قويۇلمايدىغانلىقىدا چىڭ تۇرۇپ كەلدى. ئەپسۇسلىنارلىقى، ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى دەل مۇشۇنى بىر تۈرلۈك باھانە قىلىۋالدى. بىز نېمە ئۈچۈن خىتاينى ‹ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش› نى بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ دىنىي-ئېتىقاد پائالىيەتلىرىگە زىيانكەشلىك قىلىشنىڭ باھانىسى قىلىۋالدى، دەيمىز؟ چۈنكى بىز خىتاينىڭ رامىزان ئېيى مەزگىلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى ۋە ناماز ئوقۇشىنى چەكلىگەنلىكىنى، شۇنىڭدەك بۇ خىل دىنىي پائالىيەتلەرنى ئەسەبىيلىككە باغلىۋالغانلىقىنى كۆردۇق. يەنە مىسال ئالساق، رامىزان مەزگىلىدە خىتاي ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ ئۇلارنىڭ رامىزان مەزگىلىدە روزا تۇتقان ياكى تۇتمىغانلىقىنى، ناماز ئوقۇغان ياكى ئوقۇمىغانلىقىنى تەكشۈرگەن. بۇلاردىن باشقا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كۆپلىگەن مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك تەدبىرلەر، مەسىلەن، ئەرلەرنىڭ ساقال قويۇشىنى مەنئى قىلىش، ئىسلامى ئىسىملارنى چەكلەش دېگەنلەرنىڭ ھېچقايسىسى تېررورلۇققا ياكى ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇشتا قىلچە زۆرۈر بولمىغان چارىلاردۇر. مانا مۇشۇ تەدبىرلەر سەۋەبلىك ھازىر نۇرغۇنلىغان بىگۇناھ كىشىلەر ‹ئەسەبىيلىك› قالپىقىنى كىيىپ قېلىۋاتىدۇ. خىتاي راستىنىلا ئەسەبىيلىكتىن ۋايىم يەۋاتقان بولسا بۇنى پۈتۈنلەي توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ. شۇنىڭدەك خىتايلار ئەسەبىي ئىنسانلارغا قارىتا قانۇنىي ۋاستىلار ئارقىلىق چارە قوللانسا بولىدۇ. ئەمما باياتىن مەن ئېيتقان يوسۇندا بىگۇناھ كىشىلەرگە زىيانكەشلىك قىلسا بولمايدۇ. بىز يەنە شۇنىڭدىنمۇ ئەندىشە قىلىۋاتىمىزكى، كىشىلەرنى بىر بۇلۇڭغا قىستاپ مۇشۇ يوسۇندا ‹ئەسەبىيلىككە قارشى كۈرەش›نىڭ نىشانى قىلىش ئۆز نۆۋىتىدە ھەقىقىي ئەسەبىيلىككە يول ئاچىدۇ.»
مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە شى جىنپىڭ باشچىلىق قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى سىياسىتى ئۈچ چوڭ ئاساس ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى «ھەمكارلىق بىخەتەرلىكى» ئىكەن. ئەمما بۇ خىل ھەمكارلىقنىڭ خىتايغا قوشنا رايونلاردىكى «ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى» نى قايسى دەرىجىدە يوقىتالايدىغانلىقى ھەققىدە ھەر خىل تەخمىنلەر مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا.