ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى تارقاتقان «تېررورلۇققا تاقابىل تۇرۇش قوللانمىسى» دا، پۇقرالارغا «تېررورلۇق ھەرىكىتى» ۋە «تېررورچىلار» نى قانداق پەرق قىلىش، «تېررورلۇق ھۇجۇم» غا ئۇچراپ قالسا ئۆزىنى قانداق دالدىغا ئېلىش، قانداق قېچىش ياكى ھۇجۇمچىغا قانداق تاقابىل تۇرۇش ھەققىدە ھەر خىل تەۋسىيىلەر بېرىلگەن.
قوللانما 5 قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئۇ قانداق ۋەقەلەرنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇم ھېسابلىنىدىغانلىقى، تېررورلۇق ھۇجۇمنىڭ تۈرى، تېررورلۇقنى قانداق پەرقلەندۈرۈش، قانداق مۇداپىئە كۆرۈش، خىتاي ۋە دۇنيادىكى تېررورلۇق ۋەقەلەر، دۇنيادىكى ئاساسلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلار تونۇشتۇرۇلغان ۋە شۇنداقلا تېررورلۇق ھۇجۇمغا ئۇچراپ قالسا، پۇقرالار ئۆزىنى قانداق قۇتقۇزۇش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
مەسىلەن، قوللانمىدا پىچاقلىق ھۇجۇمغا قانداق تاقابىل تۇرۇش ھەققىدە توختىلىپ، كۈنلۈك قاتارلىق قوراللار بىلەن تاقابىل تۇرۇشقا بولىدىغانلىقى، ئەگەر ئاپتوموبىللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىسا، ئۆزىنى بىنا، دەرەخلىك، تۈۋرۈك قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ دالدىسىغا ئېلىش تەۋسىيە قىلغان.
بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئىلگىرى خىتاينىڭ ئىچكىرىدىكى ئۆلكە-شەھەرلىرىدە بۇ خىل قوللانمىنى تارقاتقان بولسىمۇ، بىراق بۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تۇنجى قېتىم بۇ خىل قوللانمىنى تارقىتىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ج خ دائىرىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مەزكۇر قوللانما ئاۋام خەلقنىڭ تېررورلۇق چۈشەنچىسى ۋە ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرىدۇ. خەلقنىڭ تېررورلۇققا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئۇيغۇر ئىلىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشقا پايدىلىق تەدبىردۇر.
لېكىن بەزى ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر قوللانمىنىڭ پايدىسىدىن زىيىنى كۆپ. روشەن قاراتمىلىققا ئىگە مەزكۇر قوللانما خىتايلارنىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ ياتلاشتۇرۇپ، مىللىي زىددىيەتنى ئۆتكۈرلەشتۈرىدۇ. ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىلەن خىتاي جەمئىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى مەۋجۇت ھاڭنى تېخىمۇ كېڭەيتىدۇ.
ئامېرىكىدا ئولتۇرۇشلۇق خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى چېن پوكوڭ ئەپەندى، بۇ تەدبىر ئۇيغۇر ئېلىدە ھېچقانداق مەسىلىنى ھەل قىلمايدىغانلىقى، ئۇ تېخىمۇ زىددىيەت پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
چېن پوكوڭ مۇنداق دېدى: ئۇيغۇرلارنىڭ خەنزۇلار بىلەن تىركىشىشىنى ياكى شىنجاڭنىڭ خەنزۇ شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇر شىنجاڭ، دەپ ئىككىگە ئايرىلىشىنى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دە جۇڭگو كومپارتىيەسى ئېلىپ بارغان زور قىرغىنچىلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ ئاقىۋەتنى جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ سىياسىي ۋە باستۇرۇشى پەيدا قىلغان. بۇ ئاقىۋەت ئۇزۇن يىللاردىن بېرى داۋام قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇرۇن خەنزۇلار بىلەن ئۇيغۇرلار نىسبەتەن ئىناق ئۆتەتتى. جۇڭگونىڭ سىياسىي ۋە تۈزۈمىگە چاتاق چىققاچقا بۈگۈن خەنزۇ بىلەن ئۇيغۇر بىر يەردە ياشىيالمايدىغان ئەھۋالغا كېلىپ قالدى. شۇڭا، بۇ خىل تەدبىر مەسىلە ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇلى ئەمەس. بۇ تېخىمۇ كۆپ ۋەقەلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولىدۇ.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2013-يىلى يۈز بەرگەن 28-ئۆكتەبىر «تيەنئەنمېن ئاپتوموبىل ھۇجۇمى» دىن كېيىن، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئامانلىق تەدبىرلىرىنى قاتتىق كۈچەيتكەن. بىراق ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكىتى بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالمىغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمەت ئاخباراتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، 2013-يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلار قاتناشقان ھەر خىل قارشىلىق ۋەقەلىرىدە ئاز دېگەندە 323 ئادەم ئۆلگەن. بۇ، بۇ يىل 28-ئىيۇل ياركەنت ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن 28«ئىلىشقۇ ۋەقەسى» نى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
بىراق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئەمەلىيەتتىكى ئۆلگەن ئادەم سانى بۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە كۆپ بولۇپ، بۇ پەقەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئاشكارىلانغان قىسمى. د ئۇ ق «ئېلىشقۇ ۋەقەسى» دە 2 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ قورالسىز بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى ئوققا تۇتۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
چېن پوكوڭ ئەپەندى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىل كەمسىتىش خاراكتېرلىك ئامانلىق تەدبىرلىرىنى بىكار قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر خىل ھەق-ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىشنى، بۇ ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىملىق ۋە ئىتتىپاقلىقنى ساقلاشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك يولى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
چېن پوكوڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كومپارتىيەسى چوقۇم ئەمىلى ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تۈپ سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ، مىللىي كەمسىتىشكە خاتىمە بېرىشى كېرەك. مەسىلەن، ئۇ شىنجاڭدا ئۇيغۇر خەنزۇلارغا ئوخشاش ھوقۇققا ئىگە بولۇشى، خەنزۇلارلا 1-قول باشلىق بولۇپ قالماي، ئۇيغۇرلارمۇ 1-قول باشلىق بولۇشى كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا خەنزۇ تىلى ھۆكۈمەت تىلى بولۇپلا قالماي، ئۇيغۇر تىلىنىڭمۇ ھۆكۈمەت تىلى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم. يالغۇز خەنزۇلار دىنىي ئەركىنلىكىدىن بەھرىمەن بولۇپلا قالماسلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ دىنىي ئەركىنلىكى بولۇشى لازىم. خەنزۇلار بىلەن ئۇيغۇرلار باپباراۋەر بولۇشى، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا باراۋەر خىزمەت قىلىشى زۆرۈر. ئۇلار ئۆز ئارا ئۇدۇلمۇ-ئۇدۇل ئولتۇرۇپ، ھەر قانداق ئىش بولسا، تەڭ مۇزاكىرە قىلىشى، تىنچلىق بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۆزىنى ئىپادىلەشكە يول قويۇشى كېرەك. ئەگەر ئۇلارنىڭ ھوقۇقى ئىپادىلەنمىسە، ئامانلىق تەدبىرلىرى، قۇرۇق شوئارلار ئارقىلىق مەسىلە ھەل بولمايدۇ.
چېن پوكوڭنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى داۋا قىلسىمۇ، بىراق خىتاينىڭ تېررورلۇق مەسىلىسىنى چەتئەل تېررورلۇق ھەرىكىتى ئەمەس، ئۇنىڭ مىللىي ئېكسپىلاتاتسىيە سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
چېن پوكوڭ مۇنداق دېدى: گەرچە جۇڭگو ھۆكۈمىتى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى تەكىتلىسىمۇ، بىراق ئامېرىكا ئۇچرىغان تېررورلۇق ھۇجۇمى چەتئەلدىن كەلگەن. ئۆزىنىڭ مەملىكەت ئىچىدىن كەلگەن ئەمەس. بىراق جۇڭگو ھۆكۈمىتى تەشۋىق قىلىۋاتقان تېررورچىلار ئۇ ئۆزىنىڭ پۇقرالىرى. ئۇ دەيدىغان ئاز سانلىق مىللەت. يەنى جۇڭگو خەلقىنىڭ بىر قىسمى. شۇڭا ئۇنىڭ تېررورلۇق مەسىلىسى ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇق مەسىلىسىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىدە نېمە ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەتنى، ئامېرىكىنى قايىل قىلالمايدۇ؟ چۈنكى، جۇڭگونىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرىشىنى ئۇنىڭ مىللىي ئېكسپىلاتاتسىيىسى، مىللىي بۇزغۇنچىلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۇ ئۇيغۇرلارغا ھېچقانداق چىقىش يولى قويمىغاچقا ئۇلار قوراللىق قارشىلىقى قىلىشقا مەجبۇر بولدى. قارشىلىقنىڭ نىشانى جۇڭگو ھۆكۈمىتى. ئۇلار پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇنى يەنىلا جۇڭگونىڭ خاتا سىياسىتى پەيدا قىلغان.
خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى پۇقرالارغا «تېررورلۇققا تاقابىل تۇرۇش قوللانمىسى» تارقاتقان مەزگىلدە يەنە، خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇن لايىھىسى» نى مۇزاكىرە قىلغان.
يىغىندا يەنە، دۆلەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىستىخبارات مەركىزى، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنى ھالقىغان ئىستىخبارات ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەش مېخانىزمى قۇرۇپ چىقىش تەكلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
0:00 / 0:00