ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى دۇنيانىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇتۇش ۋەزىيىتى ھەققىدىكى يىللىق دوكلاتىدا، 2015-يىلى خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا نازارەت ۋە بىخەتەرلىكنى داۋاملىق كۈچەيتكەنلىكىنى، ئۇنىڭ قاتتىق كونترول قىلىش، دىنىي ئىبادەتنى چەكلەش قاتارلار ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ئىسيانغا تاقابىل تۇرغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
دوكلاتتا قەيت قىلىشىچە، خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدىكى ئاساسلىق زەربە بېرىش نىشانى يەنىلا شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر تەشكىلاتنى ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى پىلانلىغان، دەپ تەكىتلەپ كەلگەن.
دوكلاتتا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويغان سىياسەتلىرىنى ئىزچىل ئاقلاپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «دائىرىلەر دائىم ئۇيغۇر رايونىدىكى چەكلەش خاراكتېرلىك سىياسەتلەرنى تېررورلۇق، ئەسەبىي زوراۋانلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى زۆرۈر تەدبىر، دەپ چۈشەندۈرۈپ كەلدى» دېگەن.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشقا مەسئۇل مۇۋەققەت ئەمەلدارى جاستىن سېبېرال ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات يىغىنىدا، بەزى دۆلەتلەرنىڭ سىياسىتى بەزىدە كىشىلەرنى رادىكاللىشىشقا ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
جاستىن سېبېرال مۇنداق دەيدۇ: «بىز بەزى رادىكاللىشىش ئەھۋاللىرىغا نېمە يول ئېچىۋاتىدۇ، دېگەنگە دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىمىز. بۇ يەردە بەزى رادىكاللىشىش ھادىسىلىرىگە ھۆكۈمەتلەرنىڭ ھەرىكىتى تۈرتكە بولۇۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ رادىكاللىشىش بىلەن باغلىنىشى بارلىقى بىزگە چۈشىنىشلىك. شۇڭا، بۇ ئىككى ئامىل ئوتتۇرىسىدا باغلىنىش بارلىقىنى بىلىمىز.
دوكلاتتا، ھۆكۈمەتلەر تېررورلۇققا قارشى تۇرغاندا پۇقرالار ئەركىنلىكىنى قوغداش، كىشىلىك ھوقۇقنى ئاسراشنىڭ مۇھىملىقى ئالاھىدە قەيت قىلىندى. بۇ ئىنتايىن مۇھىم ھالقا. بىز بۇنىڭدا ھېچقانداق توقۇنۇش بار، دەپ قارىمايمىز. بۇ يەردە ھۆكۈمەتلەر كىشىلىك ئەركىنلىكنى قوغدايمەن، دېسە، تېررورلۇققا ئۈنۈملۈك قارشى تۇرالمايدۇ، دەيدىغانغا ھېچقانداق سەۋەب يوق. مانا بۇ بىز دۇنيادىكى باشقا ھۆكۈمەتلەر بىلەن سۆزلەشكەندە دائىم تەكىتلەپ كېلىۋاتقان نۇقتىدۇر.»
دوكلاتتا، ئامېرىكا خىتايدا يۈز بەرگەن بەزى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى تېررورلۇق، دەپ تەرىپلىمىگەچكە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. دوكلاتتا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىدىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇھاجىرەتتىكى بەزى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى تېررورلۇق ھەرىكەتلەرنى قوللىدى، دەپ ئەيىبلەپ كەلگەنلىكىنى، ئەمما بۇنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق دەلىل كۆرسەتمىگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى، «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندى، ئامېرىكا نېمە ئۈچۈن خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىگە سوغۇق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈردى.
خۇ پىڭ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشى بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشى ئوتتۇرىسىدا زور پەرق مەۋجۇت. خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى ئەمەلىيەتتە تېررورلۇقنى باھانە قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇقنى بېسىش. ھەر خىل قانۇنسىز ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، كىشىلىك ھوقۇققا بۇزغۇنچىلىق قىلىشتۇر. خىتاي كومپارتىيەسى تېررورلۇق، دەپ بېكىتكەن ئۇ ۋەقەلەر بىز ناھايىتى ئېنىق كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىزكى، ئاساسەن تېررورلۇق ئەمەس.
ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇققا بەرگەن ئۇقۇمى خەلقئارانىڭ ئۇقۇمىغا چۈشمەيدۇ. مانا بۇ خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ تۈپ ئالاھىدىلىكى.»
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2002 - يىلى ب د ت نىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنى تېررورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشىنى قوللىغان. ئۇ كېيىنكى يىللاردا مەزكۇر تەشكىلاتنى ئۆزىنىڭ تېررورلۇق تىزىملىكىگە ئالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكىنىڭ بۇرۇنقى قارارى زور غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.
د ئۇ ق نىڭ باش كاتىپى نۇرمەمەت مۇساباي ئەپەندى، خىتاينىڭ ب د ت ماقۇللىغان بۇ قارارنى ھازىرغا قەدەر سۇيىئىستېمال قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ ب د ت تېررورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈشى«زور خاتالىق ئىدى» دەيدۇ.
نۇرمەمەت مۇساباي: «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى دېگەن بۇ تەشكىلاتنى تېررورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ قويۇپ، خىتاي بولسا بۇنى باھانە قىلىپ، ھەر قانداق ئۇيغۇر ھەرىكىتىنى، ئۇ مەيلى قارشىلىق ھەرىكىتى بولسۇن، مەيلى ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىق ھەرىكىتى بولسۇن، ھەممىسىنى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىگە يۆلەپ يوقۇتىۋاتىدۇ. بۇ خىتايغا مەڭگۈ تۈگىمەس باھانە بولۇپ بەردى.
ئەمەلىيەتتە خىتايغا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ تەھدىتى يوق. تەھدىت ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇق ھەرىكىتى. لېكىن خىتاي ش.ت. ئى. ھ نى تېررورلۇق كاتېگورىيەسىگە كىرگۇزۇۋېلىپ، مۇشۇ كاتېگورىيە بويىچە پۈتۈن ئۇيغۇر ھەرىكىتىنى باستۇرۇۋاتىدۇ. بۇنىڭدا ب د ت ۋە ئامېرىكا ناھايىتى چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزدى.»
نۇرمۇھەممەت مۇساباينىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى ھاڭ داۋاملىق كېڭىيىۋاتىدۇ. ئۇ، «بۇ ئەھۋالدا ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ بولۇشى نورمال ئەھۋال» دەپ كۆرسەتتى.
نۇرمەمەت مۇساباي: «خىتاي ئۆزى سىياسەت چىقىرىپ، ئۇيغۇر بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا چوڭ ھاڭ پەيدا قىلىۋاتىدۇ. يەنى ھۆكۈمەت بىلەن ئۇيغۇر ئوتتۇرىسىدا، ئۇيغۇر بىلەن خىتاي مىللىتى ئوتتۇرىسىدا چوڭ بىر پەرق ھاسىل قىلىۋاتىدۇ. بۇ يەردە ھازىر چوڭ بىر بۆلۈنۈش كېلىپ چىقتى.
خىتاي بىر -بىرىنى قوللىمايدىغان، بىر -بىرىنى ياخشى كۆرمەيدىغان، بىر يەردە ياشالمايدىغان بىر ھالەتنى شەكىللەندۈرۈپ قويدى. ئۇيغۇرلارنى ئۇنداق كەمسىتسە، ھەممە ئادەم خورلۇق ھېس قىلىدۇ ۋە نەپرەت بىلەن قارايدۇ. بەزەن كەمسىتىشكە ئۇچرىغاندا قارشىلىق قىلىدۇ. كەمسىتىشكە قارشىلىق قىلسا تېررورلۇق دەيدۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار ئۇچرىغان خورلۇققا ھېچقانداق گەپ يوق. بۇنداق تەڭسىز جەمئىيەتتە ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ بولۇشى مۇقەررەر دەپ قارايمەن» دېدى.
ئامېرىكا دۆلەر ئىشلا رمىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى تېررورلۇققا باغلاپ قارىسىمۇ، ئەمما خىتايلار ئېلىپ بارغان بەزى ئېغىر زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى تېررورلۇق دەپ قارىمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
دوكلاتتا، 2015-يىلى سېنتەبىردە خىتاينىڭ گۇاڭشى ئاپتونوم رايونىدا يۈز بەرگەن 17 قېتىملىق پارتلاش ھەققىدە توختىلىپ، ۋەقەدە 17 ئادەم ئۆلگەنلىكىنى، 50 ئادەم يارىلانغانلىقىنى، نۇرغۇن بىنا ۋە مەھەللە، ئۆيلەرنىڭ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى، ئەمما ۋېي فامىلىلىك گۇماندارنىڭ تېررورلۇق بىلەن ئەمەس، جىنايى قىلمىش بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
دوكلاتتا قەيت قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورلۇق دەپ ئېلان قىلغان ۋەقەلەر ئوچۇق -ئاشكارا بولمىغاچقا، خىتاي ھۆكۈمىتى تەمىنلىگەن ئۇچۇر ئىنتايىن چەكلىك بولغاچقا، بۇ ۋەقەلەرنىڭ تەپسىلاتى ئېنىقلاش ئىنتايىن مۇرەككەپ ھەم قىيىنكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورلۇق دەپ جاكارلىغان بۇ ۋەقەلەرنى ش ت ئى ھ پىلانلىغان ياكى ئۇنىڭ تەسىرىدە يۈز بەرگەن دېسىمۇ، ئەمما ئۇ چەتئەل ئاخباراتى ياكى خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بۇ ۋەقەلەرنى مۇستەقىل تەكشۈرۈشىگە چەكلىمە قويۇپ كەلگەن.
«بېيجىڭ باھارى»ژۇرنىلىدىكى خۇ پىڭ ئەپەندى، خىتاينىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى چەتئەل ئاخباراتىنىڭ خەۋەر قىلىشىنى توسايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ، «چۈنكى ئۇچۇرنى قويۇۋەتسە، ئۇنىڭ قىلىۋاتقىنى ھەرگىز تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئەمەسلىكى ئاشكارىلىنىدۇ» دېدى.
خۇ پىڭ مۇنداق دەيدۇ: «تېررورلۇق مەسىلىسىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىككى خىل ئۆلچەم قوللانمىدى. بەلكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىككى خىل ئۆلچەم قوللىنىپ كەلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى مەملىكەت ئىچىدىكى، بولۇپمۇ شىنجاڭ رايونىدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن پۈتۈنلەي پەرقلىق بىر ئۇقۇمنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش دېگىنى بىز بىلىدىغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشقا قارىغاندا پۈتۈنلەي باشقا نەرسە.
مانا بۇ، ئۇنىڭ پۈتۈن ئۇچۇرلارنى كونترول قىلىپ، ئۇنى ئاشكارىلىماسلىقىدىكى سەۋەب. چۈنكى، ئۇ شۇنى بىلىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۇچۇرى ئاشكارىلانسا، پۈتۈن دۇنيا ئۇنىڭ قىلىۋاتقىنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئەمەس، كىشىلىك ھوقۇققا بۇزغۇنچىلىق ئىكەنلىكىنى كۆرىدۇ.»
