تەبىئىي تۇيغۇ بىلەن «سىياسىي ۋەزىپە» ئوتتۇرىسىدا قىينىلىۋاتقان دېھقان رەسساملار

0:00 / 0:00


ئىگىلىشىمزچە، 20 - نويابىردىن باشلاپ ئۈرۈمچىدىكى خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئاتالمىش «رادىكاللىق» قا قارشى دېھقان رەسساملارنىڭ رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلىغان.

مەزكۇر كۆرگەزمىگە 2 مىڭدىن ئارتۇق دېھقان رەسساملار سىزغان 14 مىڭ پارچە رەسىم يوللانغان. ئۇنىڭدىن 185 پارچە رەسىم تاللىنىپ ئۈچ دەرىجە بويىچە مۇكاپاتلانغان.

مەلۇم بولۇشچە، مەزكۇر كۆرگەزمىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، مەدەنىيەت نازارىتى ۋە ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان. ھەر دەرىجىلىك يەرلىك دائىرىلەر ئۆز جايىدىكى دېھقان رەسساملارنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ» كە، بولۇپمۇ «دىنىي رادىكاللىق» قا قارشى تۇرۇش تېمىسى بويىچە رەسىم سىزدۇرغان.

ئۇيغۇر رەسساملىرىنىڭ سىياسىي ۋەزىپە ئۈچۈن سىزغان ماي بوياق رەسىملىرىدىن بىرى.
ئۇيغۇر رەسساملىرىنىڭ سىياسىي ۋەزىپە ئۈچۈن سىزغان ماي بوياق رەسىملىرىدىن بىرى.


گېرمانىيەدە ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر رەسسام مەرۋايىت ھاپىز خانىم بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، دائىرىلەرنىڭ ئەمدىلىكتە دېھقان رەسساملارنىڭ ساپ ۋە تەبىئىي تۇيغۇسىنى سىياسىي تەشۋىقات ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشى ھېچكىم قوبۇل قىلمايدىغان بىر بىمەنىلىك دەپ كۆرسەتتى.

ئۇ يەنە ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئىچىدىكى بىر تۈركۈم سەنئەتكارلاردا ئەزەلدىن ھاياتنى ۋە تەبىئەتنى ئۆزىنىڭ تەبىئىي تۇيغۇسى بويىچە ئىپادە قىلىدىغان سەنئەت سېزىمىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، بولۇپمۇ مەكىت دېھقانلىرىدا بۇ خىل تەبىئىي سەنئەت سېزىمىنىڭ كۈچلۈكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ يەنە دېھقان رەسساملاردىكى تەبىئىي تۇيغۇ ئۇلاردىكى ھاياتقا ۋە تەبىئەتكە بولغان يېقىنلىقتىن كەلگەن. ئۇنى ھەرقانداق ئەل ۋە جەمئىيەت قوغدىشى، قوللىشى شۇنداقلا راۋاجلاندۇرۇشى كېرەك. ۋاھالەنكى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دېھقانلاردىكى بۇ خىل ساپ ۋە تەبىئىي تۇيغۇنى ئۆزىنىڭ سىياسىي مەقسىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنۇشى ئىنساننى ئازابلايدۇ دەيدۇ.

مەزكۇر كۆرگەزمىگە تاللانغان ئۇيغۇر دېھقان رەسساملىرىدىن ئابلەت مۇسانىڭ «كوچىدىن ئۆتكەن چاشقان» ناملىق ماي بوياق رەسىمى 1 - دەرىجىگە ئېرىشىپ 20 مىڭ سوم بىلەن مۇكاپاتلانغان. ئابلەت تۇردىنىڭ «پارتىيەگە مۇھەببەت»، ئابدۇكېرىم تۇرسۇننىڭ «قانۇن مۇقەددەس» ناملىق رەسىمى 2 - دەرىجە بويىچە 10 مىڭ سوم بىلەن مۇكاپاتلانغان.

رەسسام مەرۋايىت خانىم دائىرىلەرنىڭ دېھقان رەسساملاردىكى پاكىزە ۋە تەبىئىي تۇيغۇنى سىياسىي تەشۋىقات ئۈچۈن پايدىلىنىشقا ئۇرۇنۇشى ئەمەلىيەتتە «ساپ ھېسسىيات ئېقىنىغا لاي سۇ سەپكەنلىك» شۇنداقلا «تۇيغۇ ئوغرىلاش» دەپ كۆرسەتتى.

ئۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزىۋاتقان يوقىرى بېسىملىق سىياسىتى نەتىجىسىدە ئادەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ تەبىئىي تۇرمۇشىدىكى ئەڭ ئەقەللىي خاتىرجەملىكىنى يوقىتىپلا قالماستىن، بەلكى ئۇيغۇر سەنئەتكارلارنىڭ ئىجادىيەت دۇنياسىنىمۇ قورقۇنچ تۇيغۇسى قاپلىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئاخىرىدا ئۇ، دائىرىلەرنىڭ ھەرقانداق شەكىلدىكى ئۇرۇنۇشلىرىدىن قەتئىينەزەر، ئۇيغۇر دېھقان رەسساملىرىدىكى تەبىئىي سەنئەت سېزىمىنىڭ يوقالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى شۇنداقلا ئۇلاردىكى بۇ تۇيغۇنىڭ ھامان ئۆز ئەسلىنى تاپىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىنى بىلدۈردى.