خىتايدىكى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» تەشۋىقاتىنىڭ قۇربانى - ئۇيغۇر كەشتىچىلىكى ۋە ئەتلەسچىلىكى (1)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2016.07.09
milletler-ittipaqliqi-305 ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯜﻳﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺕ ﯞﯨﯟﯨﺴﻜﯩﺴﻰ ﺗﯜﯞﯨﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻤﻪﻛﺘﻪ
Photo: RFA


خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلار دىيارىدا 2016 - يىلىنى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىيات يىلى» دەپ جاكارلىغاندىن بۇيان ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتىنىڭ بۇ خىلدىكى سىياسىي تەشۋىقاتنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتىۋاتقانلىقى مەلۇم بولۇشقا باشلىدى. خىتايدىكى ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ يېقىنقى مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئۇزاق ئەنئەنىگە ئېگە قول ھۈنەرۋەنچىلىك تۈرلىرىنىڭ بىرى بولغان كەشتىچىلىكنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇلۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

چەتئەل ئارخېئولوگلىرى ۋە خىتاي تەۋەسىدىكى ئالىملارنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىك شەكىللىرىنىڭ بىرى بولغان كەشتىچىلىكنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئېگە ئىكەنلىكىنى ئېنىق پاكىتلار بىلەن كۆرسىتىدۇ. بولۇپمۇ بۇ ھەقتىكى ئەڭ جانلىق ئارخېئولوگىيەلىك پاكىتلار ج. پ. ماللوري ۋە ۋېكتور مېير قەلىمىگە مەنسۇپ «تارىمدىكى مۇميالار» ناملىق ئىنگلىزچە ئەسەردە نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىنغان بولسا، ئۇيغۇر كەشتىچىلىكىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى خىتايدا نەشر قىلىنغان «ئۇيغۇر خەلق قول ھۈنەرۋەنچىلىكىدىكى گۈل نۇسخىلىرى» ۋە «شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كەشتىچىلىك سەنئىتى ھەققىدە تەتقىقات» ناملىق خىتايچە ئەسەرلەردە ئىنچىكىلىك بىلەن مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.

بولۇپمۇ كېيىنكى ئىككى ئەسەردە نۇقتىلىق قىلىپ، خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدە بۇ خىلدىكى خەلق ئارىسىدا مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان قول ھۈنەرۋەنچىلىك ماھارەتلىرىنىڭ زامانىۋى شەھەر تۇرمۇشىغا خاس ھايات شەكلىنىڭ ھەرقايسى جايلارنى قاپلىشىغا ئەگىشىپ تەدرىجىي يوقىلىشقا يۈزلىنىۋاتقانلىقى، ئەمما ئۇيغۇرلار دىيارىدا بۇ ماھارەتلەرنىڭ ۋە ئۇلاردىكى ئۆزگىچە سەنئەت شەكلىنىڭ ھازىر تېخىمۇ كەڭ تارقىلىپ، كىشىلەرنىڭ ھازىرقى زامان تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئىجتىمائىي تەركىبكە ئايلىنىپ كەتكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. بۇ بايانلارنىڭ ئەڭ يارقىن نىشانى سۈپىتىدە ئۇيغۇر كەشتىچىلىكىنىڭ 2014 - يىلى 25 - ئۆكتەبىر كۈنى خىتايدا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسى» دە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەنلىكىنى كۆرسىتىش مۇمكىن.

ھالبۇكى، خىتاي دائىرىلىرى 2016 - يىلى 1 - ئاپرېلدا بۇ يىلنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىيات يىلى» بولىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئەسلىدىكى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيە ئېيى» نىڭ داۋامى ۋە يۈكسىلىشى ئىكەنلىكىنى جاكارلاپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى كەشتىچىلىك كەسپىگە سۇجۇدىن كەلگەن ئۇستىلارنىڭ كەشتىچىلىك ماھارەتلىرىنى ئۆگىتىشكە باشلىغانلىقى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى كەشتىچى ئۇستىلارنىڭ دائىرىلەر تەشكىللىگەن «ئۆگىنىش ئۆمەكلىرى» تەركىبىدە سۇجۇ ۋە خاڭجۇ قاتارلىق جايلارغا ئېكسكۇرسىيە ۋە تەربىيىلەشكە قاتناشقانلىقى بىردىنلا مەتبۇئاتلاردا كەڭ يەر ئېلىشقا باشلىدى.

بولۇپمۇ كۇچالىق كەشتىچى ئاچا - سىڭىللارنىڭ «سۇجۇ كەشتىچىلىكىنىڭ پىر ئۇستازى» دەپ ئاتالغان ياۋ خۇيفېن ئىسىملىك خىتاي ئايال بىلەن دوستلىشىپ، ئۇنىڭدىن كەشتىچىلىك ماھارەتلىرىگە دائىر ھۈنەرلەرنى ئۆگەنگەنلىكى ئالاھىدە تەشۋىق قىلىنىۋاتقانلىقى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان تېمىلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىيات يىلى» پائالىيىتىگە ئۇلىشىپلا دېگۈدەك ئوتتۇرىغا چىققان «تەڭرىتاغدىن ھالقىغان ئەتلەس» پائالىيىتىنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئەۋج ئېلىۋاتقانلىقى، شۇنداقلا «ئەتلەس توقۇمىچىلىقىدا يېڭىلىق يارىتىش» نامى ئاستىدا ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى ئەتلەسچىلىرىنى ئىچكىرىگە ئاپىرىپ تەربىيىلەش شامىلىنىڭ يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلۈشى بىر تۈرلۈك ئومۇمىي ئېقىمغا ئايلىنىپ قالغانلىقى ھازىر ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردىن مەلۇملۇق. شۇنىڭ بىلەن بىرگە كەشتىچىلىك ۋە ئەتلەسچىلىككە باغلىنىشلىق مەزمۇنلارنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» تەشۋىقاتىنىڭ مىساللىرىدىكى مۇھىم نۇقتىغا ئايلىنىشىغا ئەگىشىپ، بۇنىڭ يالغۇز كۇچا تەۋەسى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايۋاتقانلىقى دىققەتكە سازاۋەر بولماقتا.

ھازىر ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە خوتەن ۋادىسى، ئىلى بوستانلىقى ۋە قۇمۇل ئويمانلىقى قاتارلىق جايلاردىمۇ ئىچكىرىدىن كەلگەن كۆپلىگەن كەشتىچىلىك ۋە يىپەكچىلىك مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئۇيغۇر خانىم قىزلىرىنىڭ ئالاقىدار ماھارىتىنى ئۆستۈرۈشكە قانداق ياردەم قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى مەلۇماتلار ئوتتۇرىغا چىقىش بىلەن بىرگە، شۇ جايلاردىكى كەشتىچى ۋە ئەتلەسچى ئۇيغۇر ئاياللىرىمۇ ئىچكىرىدىكى ماشىنىلاشقان كەشتىچىلىكنىڭ مەھسۇلات مىقدارى ۋە ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىش رولىغا بەكرەك مەپتۇن بولۇپ قېلىۋاتقانلىقى ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىدۇ.

بۇ ھەقتە خوتەن ۋىلايەتلىك كەشتىچىلىك ۋە ئەتلەسچىلىك جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ھېپىزىخان ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەسىراتىنى بايان قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە، بولۇپمۇ سۇجۇ قاتارلىق شەھەرلەردە خىتاي كەشتىچىلىكىنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىش ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئۇيغۇر كەشتىچىلىكىنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئېگە ئېگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن مېھراي مەمتىلى بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ھاياتلىق مۇھىتىنىڭ ئوخشىماسلىقى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر كەشتىچىلىكىدىكى بەزى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلەردىن بولغان رەڭ چۈشەنچىسى خىتاي رايونلىرىدىكى خىتايچە كەشتىچىلىكتە قوللىنىلىدىغان رەڭلەردىن زور دەرىجىدە پەرقلىنىدىكەن. بۇنداق ئەھۋالدا خىتاي ئۇستىلىرىنىڭ ئۇيغۇر كەشتىچى خانىملىرىغا كەشتىچىلىكتىن دەرس بېرىشىنى مۇۋاپىق دېيىشكە ئىمكان يوق ئىكەن.

ھازىرقى ئالاقىدار ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەر ھازىر ئۇيغۇرلار دىيارىدا ھازىر ناھىيىلەرگە قاراپ يۈزلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ خىتايلار بىلەن ئىناق ۋە ئېجىل ھالدا ياشاۋاتقانلىقىنىڭ بىر تۈرلۈك ئىپادىسى بولۇپ قالماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.