كوممۇنىزم ئىدېئولوگىيىسى تەشۋىقاتىنىڭ قۇربانلىرى (2)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2015.12.15
qorghas-saqchixana-teshwiqat-resim.png قورغاس ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسى يېقىندا بېسىپ تارقاتقان ئاتالمىش «تېررورلۇق» قا قارشى سىياسىي تەشۋىقات قارتى
(مەنبە: ئىجتىمائىي تارالغۇلار)


«دېھقانلارنىڭ رەسساملىرى»

ئۇيغۇر سەنئەت ئانالىزچىلىرىنىڭ قارشىچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ تارىختىن بۇيان داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان رەسساملىق تالانتى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ھەرقايسى مىڭ ئۆيلەردە ھازىرغىچە ساقلىنىۋاتقان بۇددىزم مەزمۇنىدىكى تام رەسىملىرىدە روشەن دەرىجىدە ئەكس ئەتكەن بولسا، زامانىمىزغا كەلگەندە خەلقىمىز ئارىسىدا ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولۇۋاتقان سەنئەتكە، جۈملىدىن رەسساملىققا بولغان ھەۋەسنى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي تەشۋىقاتى ئۈچۈن ۋاستە قىلىۋالغانلىقى مەلۇم بولماقتا.

مەكىتتىكى دېھقان رەسساملارنىڭ ساپ ۋە تەبىئىي مەزمۇنى بىلەن داڭ چىقارغان ئىجادىيەت مېۋىلىرى دەسلەپ بولۇپ ئۇيغۇر رايونىدا شۆھرەت قازانغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار رايونىنىڭ تېخىچە ئۆزىنىڭ قەدىمىيلىكىنى ۋە ئەسلى شەكلىنى يوقاتمىغان سەنئەت بايلىقى خىتايدىكى ۋە غەرب دۇنياسىدىكى سەنئەت ساھەسىدە بەلگىلىك قىزىقىش پەيدا قىلغانلىقى مەلۇم. ئۇيغۇر رايونىدىكى سەنئەت ساھەسىنىڭ چىنلىقنى ئاساس قىلغان بۇ خىلدىكى تەبىئىي ئالاھىدىلىكى ھەققىدە گېرمانىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر رەسسام مەرۋايىت ھاپىز خانىم ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ، ئۇنىڭ تاشقى دۇنيانىڭ سۈنئى غىدىقلاشلىرىغا ئۇچرىماسلىقتەك تۈپ ئالاھىدىلىكىنىڭ ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ھالبۇكى، بىرنەچچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويۇلۇپ كېلىۋاتقان «خىتاي دۆلىتىنى سۆيۈش» ئاساسىدىكى «ۋەتەنپەرۋەرلىك» تەربىيىسى پائالىيەتلىرى، شۇنداقلا «دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ تەسىرىنى تۈگىتىش» مەزمۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلاردىكى دىنىي ئېتىقادنى سۇسلاشتۇرۇش تەشۋىقاتىنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن مەكىت دېھقانلىرىنىڭ ساپ ھېسسىيات ۋە تاشقى تەسىردىن خالى خاراكتېردىكى «دېھقانچە» ئۇسلۇبتا رەسىم سىزىش پائالىيىتى ئەسلى خاراكتېرىنى يوقاتقان ھالدا ھەرقايسى جايلارغا كېڭەيگەن. بۇنىڭ ئەڭ تىپىك نامايەندىسى ئۇيغۇرلار دىيارىدا يىلدا ئۆتكۈزىلىۋاتقان «دېھقان رەسساملار» نىڭ مۇنەۋۋەر «تەشۋىقات» ئەسەرلىرىنى باھالاش مۇسابىقىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ مۇسابىقىلەردە دائىرىلەرنىڭ سىياسىي ئېھتىياجىغا ئەڭ ماس كېلىدىغان رەسىملەرنى سىزغانلار بىرنەچچە دەرىجىلىك ئۆلچەم بويىچە زور سوممىلىق ماددىي بۇيۇملار بىلەن مۇكاپاتلىنىپ كېلىنمەكتە ئىكەن. بۇنىڭدا ھەر دەرىجىلىك دائىرىلەر بۇ خىلدىكى «دېھقان رەسساملار» نىڭ بىر قىسىمىدىن «قىزىل تەشۋىقات» ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان تۈرلۈك سىياسىي رەسىملەرنى سىزىشنى تەلەپ قىلغان بولسا، يەنە مۇئەييەن ساندىكى «دېھقان رەسساملار» ئۆزلىرىنىڭ رەسىم ئىجادىيىتىنى نوقۇل ھالدا نۆۋەتتىكى «قىزىل تەشۋىقات» پائالىيەتلىرىنىڭ ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان مەزمۇنلارغا مەركەزلەشتۈرگەن. ئەنە شۇ خىلدىكى «تەشۋىقات رەسىملىرى»نى پائال تۈردە سىزىپ كەلگۈچىلەرنىڭ بىرى چاقىلىق ناھىيىسىدىكى ئوتام يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق دېھقان رەسسام غوجابلا ئەھمەد بولۇپ، ئۇ تېلېفون زىيارىتىمىز جەريانىدا ئۆزىنىڭ كىچىكىدىنلا رەسىم سىزىشقا ھېرىسمەن ئىكەنلىكىنى، «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» مەزگىلىدىكى ياش ۋاقىتلىرىدىمۇ تەشۋىقات رەسىملىرىنى سىزىپ كەلگەنلىكىنى، ھازىر ئاساسەن دېھقانلارنىڭ كومپارتىيە رەھبەرلىكىدە بەختىيار تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقانلىقى تەسۋىرلەنگەن تەشۋىقات رەسىملىرىنى سىزىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.

بىز يەرلىك دائىرىلەرنىڭ سەنئەتتىن ئىبارەت پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئورتاق زوق ئاتا قىلغۇچى ئىلىمنى كومۇنىستىك تەشۋىقات ۋە سوتسىيالىزم ئىدېئولوگىيىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇرۇشنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە سورىغىنىمىزدا، مەرۋايىت خانىم بۇنداق قىلىشنىڭ ماھىيەتتە تولىمۇ كۈلكىلىك بولغان «باشقىلارنىڭ تۇيغۇسىنى كونترول قىلىش» قىلمىشى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇيغۇر رايونىكى ئالاقىدار ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، «دېھقان رەسساملار»نىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ سىياسىي تەشۋىقات ئۈچۈن خىزمەت قىلىش دائىرىسى داۋاملىق ھالدا كېڭەيتىلمەكچى ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.