يازغۇچى ۋوئېسېر: «ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدىكى يازمامنى ئېلان قىلىشىمغا ۋىجدانىي مەجبۇرىيىتىم ئۈندىدى»

0:00 / 0:00

تونۇلغان تىبەت يازغۇچىسى ۋوئېسېر خانىم يېقىندا رادىيومىزدا ئېلان قىلغان «‹بىر تىبەتلىك ئەينى يىللىرى كۆرگەن شىنجاڭ› ھەققىدە تولۇقلىما» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە 2003-يىل ئۆكتەبىردە يېزىلغان سەپەر خاتىرىسىنىڭ ئارىدىن 15 يىل ئۆتكەندە، يەنى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى كەسكىنلەشكەن بۈگۈنكى ۋەزىيەتتە ئېلان قىلىنىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە توختالغان.

ئاپتور مەزكۇر ماقالىسىدە 2003-يىلدىكى ساياھەت خاتىرىسىنىڭ نېمە ئۈچۈن 15 يىلغىچە ئېلان قىلىنمىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، «‹بىر تىبەتلىك ئەينى يىللىرى كۆرگەن شىنجاڭ› ناملىق ئەسلىمەم ئاشۇ قىسقىغىنە 5 پارچە ئەسەر بىلەنلا چەكلەنگەنلىكىدىن ئەپسۇسلىنىمەن. ئەمما بۇ خىل ئاقىۋەت قانداقتۇر مېنىڭ بۇ مۇقەددەس زېمىنغا قايتا زىيارەت قىلىپ، ئەسىرىمنى تولۇق تاماملاشتىن ۋاز كەچكەنلىكىم سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇ جاينىڭ بارغانچە كەسكىنلەشكەن ۋەزىيىتى ۋە يازمىلىرىم سەۋەبلىك بېشىغا كەلگەن ئېغىر قىسمەتلەر تۈپەيلىدىن بولغان،» دېگەن.

ۋوئېسېر يەنە بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ يازغان: «2003-يىلدىن بۇيان ئارىدىن 15 يىل ئۆتۈپ كەتكۈچە ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدىكى ئەسلىمىلەرنى بۇ مۇقەددەس زېمىننى قايتا زىيارەت قىلىش ئارقىلىق تولۇقلاش ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ھۆكۈمەتكە تەۋە مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىش ئىمكانىيىتىم بولمىدى. ئەينى چاغدىكى 13 كۈنلۈك ساياھىتىمدە تۇرپان، كېرىيە، خوتەن، قاراقاش، قاغىلىق، يېڭىسار، قەشقەر، مارالبېشى، ئاقسۇنىڭ باي ناھىيەسى، چاقىلىق قاتارلىق جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى جايلارنى زىيارەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئىدىم. ئەمما شۇ يىلى نەشر قىلىنغان «تىبەت خاتىرىلىرى» ناملىق كىتابىم ھۆكۈمەت تەرىپىدىن چەكلەنگەن كىتابلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈپ، دۆلەت ئىچىدىكى مەتبۇئات ئەركىنلىكىم چەكلەنگەچكە جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى 13 كۈنلۈك ساياھىتىم ھەققىدىكى بۇ ئەسلىمىلەرنى ئېلان قىلىش پۇرسىتىمۇ بولمىدى.»

ئەمما ۋوئېسېر خانىم يەنە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يېزىش ئەركىنلىكى پۈتۈنلەي چەكلەنگەن ئەھۋالدا ۋە بۈگۈنكىدەك ئۇيغۇر ۋەزىيىتى كەسكىنلەشكەن بىر ۋەزىيەتتە مەزكۇر ئەسلىمىلەرنى نېمە ئۈچۈن «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى» دىن ئىبارەت خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قاتتىق چەكلىنىدىغان چەتئەل تاراتقۇسىدا ئېلان قىلغانلىقىنىڭ سەۋەبى ھەققىدىمۇ توختالغان.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «كېيىنكى يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىدىكى دوستلىرىم ماڭا ئۇ جايدىكى ۋەزىيەتنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ، ساقلىشىمنى تەۋسىيە قىلدى. بۇ سەۋەبتىن ئۈرۈمچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىمالىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى جايلارنى زىيارەت قىلىش پۇرسىتى ماڭا نېسىپ بولمىدى. رايون ۋەزىيىتىدە ياخشىلىنىش ئەمەس، ئەكسىچە ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى بارغانچە يامانلاشتى. مانا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۇ جايدىكى مەن بىلەن ئالاقىسىنى ساقلاپ كەلگەن دوستلىرىم ئىز-دېرەكسىز غايىب بولدى. مەن بۈگۈن بۇ ئەسلىمىلەرنى ‹ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى› دا ئېلان قىلىش ئارقىلىق ئاشۇ غايىب قىلىۋېتىلگەن دوستلىرىم ۋە ‹زامانىۋىلاشتۇرۇش› نامىدا ۋەيران قىلىۋېتىلگەن قەشقەر كونا شەھىرى قاتارلىق مۇقەددەس جايلار ئالدىدىكى ۋىجدانىي بۇرچۇمنى، مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىشنى ئويلىدىم.»

ۋوئېسېر خانىمنىڭ ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدىكى يۈرۈشلۈك ئەسلىمىلىرى رادىيومىزدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن مەزكۇر ئەسەر ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشىغا ئېرىشكەنلىكى مەلۇم بولغان ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندىمۇ ۋوئېسېر خانىمنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ھېسداشلىق تۇيغۇسى ئىپادىلەنگەن بۇ 5 پارچە ئەسلىمىنى ئوقۇغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ۋوئېسېر خانىمنىڭ خۇددى ئۆز يازمىسىدا ئېيتقىنىدەك مەزكۇر ئەسەرنى يېزىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بىر ئىنسانلىق بۇرچىنى ئادا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ۋوئېسېرنىڭ خىتاي تىلىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ئەسلىمىسىنىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتى بارغانچە كەسكىنلەشكەن، مىليونلىغان ئۇيغۇر خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن جازا لاگېرلىرىغا قامالغان بىر ۋەزىيەتتە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق باستۇرۇشى ئاستىدىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى چۈشىنىشىدە مۇھىم رولى بارلىقىنى تەكىتلىدى.

يازغۇچى ۋوئېسېر خانىمنىڭ يولدىشى ۋاڭ لىشيۇڭ 2009 -يىلى «مېنىڭ غەربىي دىيارىم، سېنىڭ شەرقىي تۈركىستانىڭ» ناملىق كىتابىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇ 2004-يىلى «ۋوئېسېر ۋەقەسى ھەققىدە بايان» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلغان. مەزكۇر ماقالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تىبەت يازغۇچىسى ۋوئېسېر خانىم، 2003-يىلى «تىبەت خاتىرىلىرى» نى ئېلان قىلغاندىن كېيىن ھاياتى تەقىب ئاستىدا ئۆتكەن. ئۇ 2004-يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن خىتايدا ئەركىن يېزىش ۋە ئەسەر ئېلان قىلىشتىن مەھرۇم قىلىنىپ، ھاياتى تەقىب ئاستىدا ياشاپ كەلگەن.

ۋاڭ لىشيۇڭ ئەپەندىنىڭ ماقالىسىدە بايان قىلىنىشىچە، 2004-يىلى بېيجىڭ دائىرىلىرى يازغۇچى ۋوئېسېرنى «ئۆزلۈكىدىن خىزمىتىدىن ئايرىلغان» دېگەن نام بىلەن «تىبەت ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىدىكى تەھرىرلىك ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغان. دۆلەت ئىچىدىكى ھەرقانداق بىر نەشرىياتتا «ۋوئېسېر» دېگەن ئاپتور نامىدا يېزىلغان ئەسەرلەرنىڭ ئېلان قىلىنىشىنى چەكلىگەن. ئۇنىڭ داۋالىنىش كىنىشكىسىنى بىكار قىلغان. ۋوئېسېرغا پاسپورت بېرىلمەيدىغانلىقى بېكىتىلىپ، ئۇنىڭ خىتاي دۆلىتى ئىچىدە تىبەتتىكى ئاتا-ئانىسىنى يوقلىغاندىن باشقا ھەرقانداق بىر جايغا ئەركىن بېرىشىغا بولمايدىغانلىقى ئۇقتۇرغان.