توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن تەيۋەن پرېزىدېنت سايلىمىنى قوللاش پائالىيىتىگە ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى

0:00 / 0:00

-يانۋار توكيو شىبۇيادا ئۆتكۈزۈلگەن تەيۋەن پرېزىدېنت سايلىمىنى قوللاش پائالىيىتىگە ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى، بۇ قېتىمقى پائالىيەت ياپونىيەدىكى مىللەتچىلەردىن تەشكىللەنگەن «غەيرەت قىل ياپونىيە» تەشكىلاتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە «تەيۋەن مۇنبىرى جەمئىيىتى» نىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، پائالىيەتكە توكيودىكى ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ۋەكىللىرى قاتناشقان ۋە سۆز قىلغان.

شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدىن بەشكە قەدەر داۋاملاشقان پائالىيەتكە، ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن قاتناشقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئىلھام مەخمۇت ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا بەزى مەسىلىلەرنى ئاڭلاتقان.

پائالىيەتتە سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان ئىلھام مەخمۇت تەيۋەندە ئۆتكۈزۈلىدىغان پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ ياپونىيەنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈنمۇ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن ۋە بىر قىسىم تارىخىي، سىياسىي مەسىلىلەرنى ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل مەسىلىلىرىگە سېلىشتۇرۇپ ئۆتكەن.

ئۇنىڭ قارىشىچە، تەيۋەن ھەر جەھەتتىن ياپونىيە ئۈچۈن مۇھىم بولغانلىقى سەۋەبىدىن ياپون مىللەتچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن «غەيرەت قىل ياپونىيە» تەشكىلاتى بۇ پائالىيەتنى ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىغان.

16-يانۋار تەيۋەندە ئېلىپ بېرىلىدىغان 14-نۆۋەتلىك پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ باشلىنىش ئالدىدىكى ئومۇمىي ۋەزىيەتتىن خەۋەردار «تەيۋەن ئۇيغۇر جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى نۇزۇگۇم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ:«پرېزىدېنت سايلىمىغا قاتنىشىشنى قولغا كەلتۈرگەن پارتىيىلەر ھازىر جىددىي ھالدا ئۆزلىرىگە ئاۋاز توپلاشقا تىرىشىۋاتىدۇ. ئومۇمى ۋەزىيەتتىن قارىغاندا، گومىنداڭ پارتىيەسى كۆپلىگەن قوللىغۇچىلىرىدىن ئايرىلىپ قالغاندەك قىلىدۇ. سەۋەبى پرېزىدېنت ما يىڭجۇنىڭ ئۆتكەن يىلى سىنگاپوردا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئۇچرىشىشى ۋە خىتايغا ئۈزلۈكسىز يېقىنلىشى بىر قىسىم تەيۋەنلىكلەرنى ئەندىشە سېلىپ قويغان ئوخشايدۇ» دېدى.

نۆۋەتتىكى تەيۋەن سايلىمى ھەققىدە توختالغان ياپونىيەلىك قانۇنشۇناس يامادا ئۆزىنىڭ، ھازىرقى ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە تەيۋەندىكى دېموكراتىيىنى ياقلايدىغان، خىتاي كومپارتىيەسىگە تاقابىل تۇرالايدىغان «دېموكراتىك تەرەققىيات پارتىيەسى» نىڭ سايلامدا غەلىبە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، بىراق، تەيۋەندىكى سايلامنىڭ ياپونىيەگە بەلگىلىك ئىقتىسادىي ۋە ياكى سىياسىي تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

توكيودا ئېلىپ بېرىلغان تەيۋەن پرېزىدېنت سايلىمىنى قوللاش پائالىيىتى ھەققىدە ياپونىيەدىكى بەزى مەتبۇئاتلار خەۋەر بەرگەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە تىبەت ۋە موڭغۇل ۋەكىللەرمۇ سۆز قىلغان.

ياپونىيەدە ھىجرەتتە ياشاۋاتقان مانجۇ ئايال يازغۇچى مېڭشانىڭ قارىشىچە، تەيۋەندە مەيلى قايسى پارتىيە سايلامدا غەلىبە قىلسۇن، بۇنىڭ تىبەت، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ھېچقانداق تەسىرى بولمايدىكەن. سەۋەبى خىتاي كومپارتىيەسى تەيۋەنگە تۈرلۈك سىياسىي بېسىم قىلىپ تۇرغانلىقىدىن تەيۋەن تىبەت، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئارتۇق سۆز قىلالمايدىكەن.

يېقىندا ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنغان تەيۋەندە ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلام ھەققىدىكى بەزى سىياسىي ئانالىز ماقاللىرىدە، بۇ قېتىمقى سايلامدا تەيۋەن ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈش ۋە خەلققە پاراۋانلىق يارىتىپ بېرىشنى نىشان قىلغان «دېموكراتىك تەرەققىيات پارتىيەسى» نىڭ رەئىسى شۇنداقلا پرېزىدېنت نامزاتى سەي يىڭۋېن خانىمنىڭ سايلامدا ئۇتۇپ چىقىش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرىلىقى كۆرسىتىلگەن.

بۇ ھەقتە توختالغان نۇزۇگۇم سۆزىدە يەنە، «بۇ قېتىمقى سايلامدا ئاۋاز بەرگۈچىلەر تەيۋەنگە ئىشەنچ ۋە ئىقتىسادىي نەپ ئېلىپ كېلەلەيدىغان نامزاتلارغا ئاۋاز بېرىشنى خالىغانلىقى ئۈچۈن ئاۋام خەلقنىڭ ھازىرقى رايىدىن قارىغاندا، سايلامدا تەيۋەن دېموكراتىك تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ نامزاتى سەي يىڭۋېن خانىم تەيۋەنگە تۇنجى ئايال پرېزىدېنت بولۇپ قىلىش مۇمكىنچىلىكى يۇقىرىدەك قىلىدۇ» دېدى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.