توقسۇ ناھىيىسىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرى «دولقۇن ھاشار» غا مەجبۇرلانماقتا

0:00 / 0:00

ئاقسۇنىڭ توقسۇ ناھىيىسىدە دولقۇن ھاشار دەپ نام بېرىلگەن يېڭى بىر تۈرلۈك ھاشارنىڭ يولغا قويۇلۇۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.

مەلۇم بولۇشىچە، دولقۇن ھاشار ھەر كۈنى سەھەر سائەت بەشتە باشلىنىپ سائەت 9 دا ئاخىرلىشىدۇ، زۆرۈر تېپىلسا سائەت 11 ياكى چۈشكە قەدەر داۋاملىشىدۇ. 18 ياشتىن 60 ياش ئارىلىقىدىكى ئەر-ئايال ئەمگەك كۈچلىرى قاتنىشىدىغان بۇ ھاشار ھەپتىدە 5 كۈن داۋام قىلىدۇ. يۇلتۇزباغ يېزىسىدىكى بىر كەنت سېكرېتارىنىڭ پاش قىلىشىچە، بۇ ھاشارغا قاتناشمىغانلارغا 100 سوم ئىقتىسادى جازا بېرىلىدۇ، بۇ تۈزۈمگە قارشى تۇرغانلارنىڭ قانۇنىي مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ؛ يەنى كەنت سېكرېتارىنىڭ بايانى بويىچە ئېيتقاندا، تۇتۇپ تۇرۇش ياكى توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ.

خىتاي يىللاردىن بېرى، دۆلەتنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە، خەلقئارا قانۇنلاردا بولسا ھاشار ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىلا ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ بولغان. ئەمما ئۇيغۇر يېزىلىرىدا بولسا ھەرخىل نام ۋە شەكىللەردە داۋاملىشىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

ئالاقىدار ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە¡ خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى 1919‏-يىلى قۇرۇلغان، 1946-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇتەخەسسىس ئورگىنى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان. مەزكۇر تەشكىلات قۇرۇلۇش بىلەنلا ئەڭ ئاۋۋال ئېغىر ئەمگەك ۋە مەجبۇرى ئەمگەك يەنى ھاشارنى چەكلىگەن. ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ 1930-يىلى ۋە 1957-يىلى ئېلان قىلغان 29- ۋە 155-نومۇرلۇق شەرتنامىلىرى ئېغىر ۋە مەجبۇرى ئەمگەك ھەققىدە بولۇپ، بۇ شەرتنامىلىرىدە، مەزكۇر تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرىنى ئېغىر ئەمگەككە ۋە مەجبۇر í ئەمگەككە سالمايدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدىلەر بېرىلگەن. خىتاي نۆۋەتتە مەزكۇر تەشكىلاتقا ئەزا 185 دۆلەتنىڭ بىرى. توقسۇدا داۋام قىلىۋاتقان دولقۇن ھاشار خىتاينىڭ ب د ت نىڭ ھاشارغا ئائىت بارلىق ئەھدىنامىلىرىنى تا ھازىرغا قەدەر بۇزۇپ ۋە دەپسەندە قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىماقتا.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن مۇخبىرىمىزنىڭ توقسۇدا يولغا قويۇلۇۋاتقان دولقۇن ھاشار ھەققىدە ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىنى ئاڭلايسىلەر.