تور قوللانغۇچىلىرىنىڭ شەخسى ئۇچۇرلىرى، توردىكى مەزمۇنلار ۋە چەتئەل ئۇچۇر تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ پرىنسىپلىرىغىچە بېرىپ تاقىشىدىغان بۇ يېڭى قانۇن مۇنازىرە پەيدا قىلماقتا.
كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بولسا بۇ يېڭى قانۇن ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېت تورى ۋە ئۇنىڭدىكى مەزمۇنلارنى باشقۇرۇش، تور قوللانغۇچىلىرىنى تۇتقۇن قىلىش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش ئىمكانىغا ئېرىشىدىغانلىقى، جۈملىدىن بۇنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق نىشان قىلىنىۋاتقان گۇرۇپپىلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنىڭ ئالاھىدە روشەن بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتى خىتايدا ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن بۇيان خىتايدىكى ئومۇمىي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدە كۆرۈنەرلىك چېكىنىش بولغانلىقى ھەرقايسى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدا بىردەك تىلغا ئېلىنماقتا. بولۇپمۇ ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى، پىكىر ۋە ئۇچۇر ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلىدىغان سىياسەتلەرنى قانۇنلاشتۇرۇپ، كىشىلىك ھوقۇققا قىلىۋاتقان دەپسەندىچىلىكىنى قانۇن نامى ئاستىدا لىپ بېرىۋاتقانلىقى دىققەت قوزغاۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى. ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە يولغا قويۇلىدىغان «ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكى قانۇنى» ئەنە شۇلارنىڭ بىرىدۇر. خىتايدا يېڭى ماقۇللانغان «تور بىخەتەرلىكى قانۇنى» بۇ يىل 1-ئىيۇن كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر قانۇننىڭ دۆلەتنى ھەرخىل تور ھۇجۇملىرىدىن قوغداشنى، تور ھۇجۇملىرىغا قارشى خىتايدىكى تور قوللانغۇچىلىرىنىڭ مەنپەئەتى ۋە ھوقۇقلىرىنى قوغداش، خۇسۇسىي ئۇچۇرلارنىڭ سۇيىئىستېمال قىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق، چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بولسا بۇ قانۇننىڭ خىتايدىكى تور قوللانغۇچىلىرى ئۈچۈن سەلبىي ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى «ئەركىنلىك سارىيى» نىڭ تەتقىقاتچىسى ساراھ كۇك خانىم بىلەن «تور بىخەتەرلىكى قانۇنى» ھەققىدە ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزدە، ئۇ بۇ قانۇننىڭ ئۇيغۇرلارغا بىۋاسىتە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئۈستىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك كۆپىنچە دېلولار دۆلەت بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك دېلولار قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىۋاتقانلىقى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى ‹تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى› ئارقىلىق چەتئەل ئۇچۇر-تېخنىكا شىركەتلىرىنى ئۇيغۇر تور قوللانغۇچىلىرىغا ئائىت كىملىك ئۇچۇرى ۋە ئۇلار ھەمبەھىرلىگەن مەزمۇنلارنى ھۆكۈمەتكە تاپشۇرۇش ھەققىدە بېسىم ئىشلەتكەن بولسا بۇ يېڭى تور بىخەتەرلىك قانۇنىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي بىخەتەرلىك دائىرىلىرىنىڭمۇ مانا بۇ ئۇچۇرلارنى تەلەپ قىلىشى ئۈچۈن ۋە ئۇنى ۋاقتى كەلگەندە جىنايەت پاكىتى سۈپىتىدە ئىشلىتىشى ئۈچۈن يەنە بىر ۋاسىتە يارىتىپ بېرىدۇ.»
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى يېقىندا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، 11 نەپەر ئۇيغۇرنى توردا ۋىدېيو ياكى رەسىم كۆرگەنلىكى جۈملىدىن ئۇچۇر ئىستېمال قىلغانلىقى ئۈچۈنلا «توردا قانۇنسىز ئۇچۇرلارنى كۆرۈش ۋە تارقىتىش» دېگەن جىنايەت بىلەن تۇتقۇن قىلغان ئىدى. تەڭرىتاغ تورى قاتارلىق رەسمىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، يۇقىرىدىكىلەرنىڭ ئىنتېرنېت تورىدا ۋە ئۈندىداردا قانۇنسىز مەزمۇنلارنى يەنى ئەسەبىيلىك، زوراۋانلىق، تېررورلۇق مەزمۇنىدىكى رەسىم، ۋىدىيولارنى كۆرگەنلىكى، ھەمبەھىرلىگەنلىكى ۋە شۇنداقلا ئۆسەك سۆز تارقاتقانلىقى ئۈچۈن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى»، «ئالاقە تورى ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش چارىسى»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى توردا يالغان ئۇچۇر تارقىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاش نىزامى» قاتارلىق قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت بولسا بۇ ھەقتىكى سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي مىقياسىدا قامالنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى قاتارلىق قانۇنلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە سۇيىئىستېمال قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
ساراھ كۇك خانىم بولسا يۇقىرىدىكى ۋەقەلەرنىڭ پەقەت ئۇيغۇر ئېلىدىلا كۆرۈلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ پەقەت ئۇچۇرنى ئىستېمال قىلغانلىقى ئۈچۈنلا جازالىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى : «ئۇيغۇر رايونىدا نۇرغۇن قانۇن-تۈزۈم، ئوخشىمايدىغان يەرلىك قانۇن-تۈزۈملەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچلىق بىلەن ئۆزىنىڭ ئېتىقادىنى، پىكرىنى ئىپادە قىلىنىشى جازالىنىپ كەلدى. بىز ئۇيغۇر رايونىدا كىشىلەرنىڭ پەقەت ئۇچۇرلاردىن پايدىلانغانلىقى ئۈچۈنلا جازالانغانلىقىنى كۆردۇق. بۇنداق ئەھۋاللارنى ئادەتتە خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدا كۆرگىلى بولمايدۇ. بۇ يېڭى ‹تور بىخەتەرلىكى قانۇنى› ئۇيغۇرلارنى جىنايى جازاغا ھۆكۈم قىلىشتا بىۋاسىتە ئىشلىتىلمەسلىكى مۇمكىن ئەمما مەن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قانۇن ئارقىلىق شەخسى ئۇچۇر مەنبەلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئىشلىتىلىشى ياكى بۇ ئۇچۇر مەنبەلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ۋە ئۇيغۇر رايونى ھەققىدە ئۇچۇر تارقىتىشىنى چەكلىمە ئاستىغا ئېلىشى ياكى ئۇنىڭ مەزمۇنىنى كونترول قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دەپ قارايمەن. چۈنكى بۇ قانۇن ئاساسلىق ئاخبارات-ئىنتېرنېت شىركەتلىرىگە قارىتىلغان بىر قانۇن»
ساراھ كۇك خانىمنىڭ مەزكۇر قانۇن ھەققىدە «دىپلومات» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدىن قارىغاندا، بۇ قانۇن ئالدى بىلەن خىتايدىكى نۇرغۇن تور بەت قوللانغۇچىلىرىنىڭ بولۇپمۇ خىتايدا تونۇلغان ۋە نۇرغۇن ئەگەشكۈچىلىرى بولغان تور يازغۇچىلىرىنىڭ، سىياسىي ئانالىزچى ياكى تەنقىدچىلەرنىڭ تور ھېسابلىرىنىڭ تاقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن بىرگە، خەۋەر، ئۇچۇر تارقىتىدىغان ھەتتا سىياسىي بىلەن ئالاقىسى يوق خەۋەر-ئۇچۇر تور ئادرېسلىرىنىڭمۇ تاقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. ئاندىن قالسا، خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئىنتېرنېت شىركەتلىرىدىن تور قوللانغۇچىلىرىنىڭ كىملىك ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشىشى ۋە ئاقىۋەتتە تور قوللانغۇچىلىرىنى قولغا ئېلىشىنى ئاسانلاشتۇرىدىكەن. چۈنكى بۇ يېڭى قانۇنغا ئاساسەن چەتئەل ئىنتېرنېت شىركەتلىرىنىڭ تور قوللانغۇچىلىرىغا ئائىت ئۇچۇرلار چوقۇم خىتاي ئىچىدىكى تور مۇلازىمىتىرلىرىدە ساقلاشنى تەلەپ قىلىدىغان بولۇپ، بۇ تور قوللانغۇچىلىرىنىڭ كىملىك ئۇچۇرلىرى ۋە ئۆز ئارا يېزىشقان خەتلىرىنىڭ ۋاقتى كەلگەندە ئۆزلىرىگە قارشى جىنايەت پاكىتى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىش ئىمكانى يارىتىدىكەن.
ساراھ كۇك خانىم سۆزىدە، بۇ قانۇن 1-ئىيۇن ئىشقا كىرىشە-كىرىشمەيلا خىتايدىكى خەۋەر مەزمۇنلىرىنى ۋە ئىنكاستىكى مەزمۇنلارنى كونترول قىلىش جەھەتتە يۈز پىرسەنت ئەمەلىيلىشىشى بەك مۇمكىندەك كۆرۈنمىسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ بەلگىلىك گۇرۇپپىلارغا ۋە تەنقىدىي پىكىردىكىلەرگە قارىتا تەكشى بولمىغان شەكىلدە ئىشلىتىلىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقى، شۇڭا بۇ يېڭى قانۇننى تور دۇنياسىدا تېخىمۇ قاتتىق ۋەزىيەت ئۈچۈن قانۇنىي جەھەتتىن ئاساس يارىتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.